مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 16

27- ئاللاھنىڭ كۆرۈنىشى (تەجەللى)[1]
تەجەللى كۆرۈنمەك، ئوتتۇرىغا چىقماق، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ تەجەللى قىلىشى بولسا، ئاللاھنىڭ كۈرۈنىشى ياكى كۈچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشان: (ئۆزىنىڭ پىشانىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) ئىشانلارنىڭ پىشانىسى بىر ئەينەكتۇر. ئۇ يەردە جانابى ئاللاھ تەجەللى قىلىدۇ.
بايىندىر: ئاللاھ تەئالا بىر ئىنساندا قانداق تەجەللى قىلىدۇ، قانداق كۆرۈنىدۇ؟ بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟
ئىشان: دەلىلى ئاللاھ تەئالانىڭ شۇ سۆزىدۇر:
{وَلَمَّا جَاء مُوسَى لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنظُرْ إِلَيْكَ قَالَ لَن تَرَانِي وَلَـكِنِ انظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي فَلَمَّا تَجَلَّى رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكّاً وَخَرَّ موسَى صَعِقاً فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَاْ أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ }الأعراف143
«مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىتتا كەلگەن ۋە رەببى ئۇنىڭغا سۆز قىلغان چاغدا: ‹رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، ساڭا قاراي!› دېدى. رەببى: ‹مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن شۇ تاغقا قارىغىن. ئەگەر تاغ ئورنىدا تۇرالىسا، سەنمۇ مېنى كۆرەلەيسەن› دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ رەببى ئۇ تاغقا تەجەللىي قىلغان ئىدى (كۆرۈنگەن ئىدى)، ئۇنى كۇكۇم- تالقان قىلىۋەتتى. مۇسا بولسا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. ئاندىن ھوشىغا كېلىپ: ‹سەن ھەر تۈرلۈك نۇقسانلاردىن پاكتۇرسەن. ساڭا تەۋبە قىلىمەن. مەن مۇئمىنلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن› دېدى»- ئەئراف 7/143.
ئاللاھ بىر تاغدا تەجەللى قىلىدىكەنۇ، بىر ئىنساندا تەجەللى قىلالماسمۇ؟
بايىندىر: ئاللاھ تاغقا تەجەللى قىلغان چاغدا تاغ پارچىلاندى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھوشىدىن كەتتى.
ئىشان: خۇددى شۇنىڭدەك ئىشان تاغنىڭ ئورنىدا، مۇرىد بولسا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىدىدۇر[2]
بايىندىر: بۇ قانداق دەلىل كەلتۈرۈش، قانداق قىياستۇر؟ ئاللاھ تەئالا تاغدا ئەمەس، تاغقا تەجەللى قىلدى. يەنى تاغدا كۆرۈنمىدى، تاغقا كۆرۈندى. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانغا تەجەللى قىلمايدىغانلىقى، يەنى بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئىنسانغا كۆرۈنمەيدىغانلىقى يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئوچۇق بايان قىلىندى.
ئايەتكە زىت بولۇشىغا قارىماي سىزنىڭ دېگىنىڭىزنى توغرا، يەنى ئاللاھ تاغقا ئەمەس، تاغدا تەجەللى قىلغان، دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ، سىز ئۆزىڭىزنى تاغقا قانداقمۇ قىياس قىلىسىز؟ ئىنسان تاغقا ئوخشامدۇ؟ بۇنداق قىياسلار قىياس مەئەلفارىق، يەنى مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى بىر- بىرىگە ئوخشىتىش دېيىلىدۇ. ئىنسان بىلەن تاغ ئارىسىدىكى قايسى ئوخشاشلىققا ئاساسلىنىپ، بىر ئايەتنىڭ تاغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكمىنى ئىنسانغا نەقىل قىلىسىز؟
بۇ ئوخشىتىشنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ۋاقىتلىق قوبۇل قىلساقمۇ، بۇنداق بىر تەجەللىدىن كېيىن ئىشاننىڭ پارچىلىنىپ يوق بولۇشىدەك نەتىجە مەيدانغا كەلمەسمۇ؟ چۈنكى ئاللاھنىڭ تەجەللىسىدىن كېيىن تاغ كۇكۇم- تالقان بولغان. لېكىن سىزچە بۇنداق بولمايدۇ. ئىشاننىڭ پىشانىسى بۇ تەجەللى بىلەن ئاللاھنىڭ ئەينىكى ھالىتىگە كېلىدۇ ۋە ھەر كىشى ئىشاننىڭ پىشانىسىدە ئاللاھنى كۆرۈشكە باشلايدۇ.
ئىشان: ئاللاھ ئىشانلارنى قوغدايدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچى بۇنىڭغا يەتمەسمۇ؟
بايىندىر: ئاللاھنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان نېمە بار؟ ئەمما بىز ئاللاھنىڭ كۈچى ۋە قۇدرىتى توغرىسىدا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئايىتىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىۋاتىمىز. ئاللاھنىڭ ئىشاننى قوغدايدىغانلىقىنى قايسى دەلىلدىن چىقىرىسىلەر؟
يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ تاغقا تەجەللى قىلىشى خۇسۇسىي بىر ۋەقەدۇر، بۇنىڭغا قىياسلىنىدىغان بىر نەرسە يوقتۇر. چۈنكى ئادەتتىن تاشقىرى بىر ھادىسىگە ئوخشىتىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ[3].
ئىشاننىڭ تاغقا، مۇسانىڭ مۇرىتقا ئوخشىتىلىشىغا كەلسەك، بۇنى قايسى مەنتىق بىلەن قىلغانلىقىڭىزنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. ئىشاننى مۇساغا ئوخشاتماقچى بولساڭلار بۇنىڭغا بىر يول چىقىدۇ. چۈنكى ئىنسان بولۇش جەھەتتىن ئىككىسىنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى بار. لېكىن تاغ بىلەن ئىشاننىڭ نېمىسى بىر- بىرىگە ئوخشايدۇ؟
مۇرىد: تەجەللى مەسىلىسىنى نېمىشقا خاتا چۈشىنىۋالىسەن؟ بۇ ئىشان ھەزرەتلىرىنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇرىتلىرىغا ئۈلگە بولۇشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر.
بايىندىر: يەنى ئاللاھنىڭ ئىشاننىڭ بەدىنىگە كىرگەنلىكىنى سۆزلىمەكچىمۇسىز؟
مۇرىت: ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن. ئىشاننىڭ مۇرىتىلىرىغا ئۈلگە بولۇشىدىن سۆز قىلىۋاتىمەن.
بايىندىر: ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ ئىشاننىڭ پىشانىسىدە كۆرۈنىشى كېرەكمۇ؟
ئىشان: ئىشاننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسى فەيىز مەنبەسىدۇر. رابىتە قىلغاندا ئىككى كۆزنىڭ ئارىسىدىكى خىيال خەزىنىسى بىلەن مۇرشىدنىڭ روھانىيىتىنىڭ يۈزىگە، ھەتتا ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىغا قارىلىدۇ[4].
بايىندىر: ھە، ئىشنىڭ سىرى ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىشاننىڭ پىشانىسىدە ئاللاھ تەئالانىڭ تەجەللى قىلىشىغا نېمىشقا ئېھتىياج ھېس قىلغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم. دېمەك، بىر خاتالىق سىزنى باشقا بىر خاتالىققا مەجبۇرلاپتۇ.
رابىتە دەپ بىر نەرسە ئويدۇردىڭىز ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بۇ نۆۋەت ئاللاھنىڭ ئىشاننىڭ پىشانىسىدە تەجەللى قىلغانلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقىشىڭىزغا توغرا كەلدى.
چۈنكى مۇرىد رابىتە قىلغاندا ئىشانىنىڭ روھانىيىتىنى خىيال قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىغا، يەنى پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارىغانلىقىنى ئويلايدۇ. سىزچە ئۇ يەر فەيىز مەنبەسىدۇر. ئاندىن ئىشانىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ناھايىتى پەسلىتىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ۋاسىتە قىلىدۇ[5].
مانا بۇ يەردە ئىشاننىڭ پىشانىسىنىڭ بىر ئەينەك ھېسابلىنىشىغا ۋە ئۇ يەردە ئاللاھنىڭ كۆرۈنىشىگە ئېھتىياج ھېس قىلىسىز. بولمىسا مۇرىدلارنى قانداق ئىشەندۈرىسىز؟
بەزى تەسەۋۋۇپ كىتابلىرىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنىڭ ئىشاندا كۆرۈنگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ[6]. بۇنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن؟ بۇ ئەھۋال سىلەردىمۇ بار. سىلەرمۇ ئوخشاش دەۋالارنى تەكرارلاپ تۇرىۋاتىسىلەر. لېكىن مەن بۇ سەتچىلىكنى كۆپ ئۇزارتىشنى خالىمايمەن.
28- كىيىم – كېچەك
مۇرىد: پۈتۈن بۇلارنى سۆزلەيسىز، بىراق غەيرىي مۇسلىملەردەك كىيىم كىيىسىز.
بايىندىر: فىقىھ كىتابلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىدە ئەر- ئاياللار ئۈچۈن بىر كىيىم شەكلى يوق. ھېچبىر مەزھەپ بۇنداق بىر كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرىي مۇسلىملەرنىڭ  پەرقلىق كىيىم كىيگەنلىكىگە دائىر بىر مەلۇمات يوق. مۇسۇلمان بولغان غەيرىي مۇسلىمنىڭ ھېچقايسىسى كىيىمىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلمىغان. ئەبۇ جەھىل قايسى شەكىلدە كىيىم كىيگەن بولسا مۇسۇلمانلارمۇ شۇ شەكىلدە كيىنەتتى ۋە بۇنى ھېچقاچان بىر مەسىلە كۆرمەيتتى. شۇڭا بۇ دەۋانىڭ مۇۋاپىق بىر تەرىپى يوق.
فورما ھالىتىگە كەلگەن بەزى كىيىملەر بار. ئەسكەرنىڭ ۋە ساقچىنىڭ فورمىلىرىغا ئوخشاش غەيرىي مۇسلىملەرنىڭ فورمىسى ھالىتىگە كەلگەن كىيىملەر بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى كىيىم كاپىرلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىيىمنى كىيىشكە بولمايدۇ. ئەسكەر ۋە ساقچى كىيىملىرى بەزى – بەزىدە ئۆزگەرگەندەك غەيرىي مۇسلىملەرنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ قالغان كىيىم- كېچەكلەرمۇ بەزى – بەزىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. فىقىھ كىتابلىرىمىزدا بۇ سىمۋوللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر بار.
سىمۋول بىر ئېھتىياج تۈپەيلى پەيدا بولغان. ئىسلام جەمئىيىتىدە ياشىغان غەيرىي مۇسلىملەر ھاراق ئىچىشى، چوشقا گۆشى يېيىشى ۋە چوشقا بېقىشى مۇمكىن. سىز ھاراق ئىچكەنلىكىنى كۆرگەن كىشى ئەگەر مۇسۇلمان بولسا، ئۇنى تۇتۇپ قازىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىسىز. ئەمما ئەگەر ئۇ كىشى خرىستىئان بولسا، ئۇنى ھاراق ئىچكەنلىكى تۈپەيلى قازىنىڭ ئالدىغا ئېلپ بارالمايسىز. ئىسلام دۆلەتلىرى قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن، دەپ غەيرىي مۇسلىملەرگە خۇسۇسىي بىر باش كىيىمى ياكى مەلۇم بىر رەڭ ۋە پاسوندا كىيىم كىيىش مەجبۇرىيىتىنى بەلگىلىگەن. ئۇ دەۋردە بىر مۇسۇلمان باشقا دىندىكىلەرگە ئوخشاش باش كىيىمنى ياكى ئوخشاش كىيىمنى كىيسە، مۇسۇلمانلارنى ئالدىغان بولاتتى. بۈگۈن ساقچى ياكى ئەسكەر كىيىمىنى كىيىش جىنايەت ھېسابلانغاندەك ئۇمۇ جىنايەت ھېسابلىناتتى. فىقىھ كىتابلىرىمىزدا غەيرىي مۇسلىملەرنىڭ كىيىملىرى توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر پەقەتلا بۇنىڭدەك سىمۋوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
29- ئىشان ئوقۇتقۇچى بولۇشى لازىم
بايىندىر: مۇسۇلمانلار قاتارىدا بىر مۇسۇلمان بولۇش، ئۇلاردەك ئىبادىتىڭىزنى قىلىپ ئۆز ئىشىڭىزغا قارىشىڭىز نېمىڭىزگە يەتمەي قېلىپ، ئۆزىڭىزگە ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىن بىر ئورۇن ئىزدەيسىز؟
ئىشان: ئاللاھ تەئالا بىر ئايەتتە «ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟» (زۇمەر 39/9) دەپ ئېيتمامدۇ؟
بايىندىر: توغرا، بىر ئوقۇتقۇچى، بىر ئۇستاز بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆرمەت كۆرۈڭ. چۈنكى ياخشى بىر ئىشان ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشى، داۋاملىق مەلۇماتلىرىنى يېڭىلىشى، بىلگەنلىرىنى ئۆگىتىشى ۋە ئىش- ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشىشى لازىم. لېكىن ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدا بىر قىسىم مەنىۋى ماقاملارنى ئويدۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى ئۇ ماقاملارغا يەرلەشتۈرۈش نەدىن چىقتى؟
مۇرىد: ھەر كىشى پەرقلىق چۈشىنىدۇ. لېكىن بىز ئىشانىمىزنى ئىنسان دەپ قوبۇل قىلىمىز، بىراق پەرقلىق بىر ئىنسان. ئۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشىمايدۇ.
30- ئىسلامنىڭ تارقىلىشى
مۇرىد: سەن تەرىقەتلەرنى تەھتىساراغا تىقىۋاتىسەن، لېكىن ئىسلام تەرىقەتلەرنىڭ سايىسىدا تارقالغان. بۈيۈك ئالىم مۇھەممەد ھەمىيدۇللاھمۇ تەرىقەتلەرگە قارشى ئىكەن، ئىسلامنىڭ سوپىلار سايىسىدا تارقالغانلىقىنى كۆرۈپ پىكرىدىن ۋاز كەچتى. تەرىقەتلەرنى يوق قىلىش بىلەن نېمىگە ئېرىشىسەن؟
بايىندىر: مۇھەممەد ھەمىيدۇللاھنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ۋە مېنىڭ ئۇستازىم بولغان سالىھ تۇغ، ئۇنىڭدىن مۇنۇ سۆزنى نەقىل قىلىدۇ: «ئىسلام ياۋروپادا تېز تارقىلىۋاتىدۇ، لېكىن تەرىقەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن تارقالغانلىقى ئۈچۈن ھېچبىر مەۋجۇتلۇق كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانلارغا قۇرئاننى ئۆگىتەلىسەك كاشكى!»
ئېسىڭىزدە قالغان بولسا سۆزىمىزنىڭ بېشىدا مۇنداق دېگەن ئىدۇق:
«بىزنىڭ قارشى چىقىۋاتقىنىمىز، پەقەتلا قۇرئانغا ئوچۇقتىن- ئوچۇق زىت بولغان ئىشلاردۇر. ئەگەر بۇلار ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي، ئەشئەرىي، ماتۇرىدىيلاردەك ھەرقانداق بىر مەزھەپنىڭ پىكىرىگە خىلاپ بولغان بولسا ئىدى، بۇنىڭغا شىددەت بىلەن قارشى چىقمايتتۇق. مۇتەۋاتىر[7] بولمىغان ھەدىسلەرگە زىت كۆرگەن بولساقمۇ يەنىلا بۇنچىۋالا توختالمايتتۇق. بىراق سىز قۇرئان كەرىمنىڭ ناھايىتى ئوچۇق ئىپادىلىرىگە زىت نەرسىلەرنى سۆزلەۋاتىسىز. بۇلارغا سۈكۈت قىلساق، ھېساپ كۈنىنىڭ بىردىن- بىر ئىگىسى بولغان ئاللاھقا بۇنىڭ ھېسابىنى بېرەلمەيمىز».
مۇرىد: قۇرئاننىڭ ئوچۇق ئىپادىلىرىگە كىممۇ قارشى چىقالىسۇن؟
بايىندىر: ئۆتۈنۈپ قالاي، يەنە باشتىن باشلىمايلى. باشتىمۇ شۇنداق دېگەن ئىدىڭىز. بىراق مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر – بىرلەپ توختالغىنىمىزدا قۇرئاندىن قانچىلىك يىراقلىشىلغانلىقىڭلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
قۇرئانغا خىلاپ ئىشلار بىلەن تولغان بىر ئېقىمنىڭ ئىسلام دەپ تارقىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئىسلام ئۆلكىلىرىدە پايدىسى بولمىسا، ياۋروپادا ياكى دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن؟
خۇلاسە
ئاخىرىدا شۇنىڭ بىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەنكى، مېنىڭ قارشى چىقىۋاتقىنىم پەقەت قۇرئانغا ئوچۇقتىن – ئوچۇق زىت بولغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەردۇر. بۇ قىلمىشلار مەيلى قايسى نام بىلەن قىلىنسۇن بۇلارغا قارشى چىقىش ھەر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدا مېڭىشنىڭ تەقەززاسىدۇر.
بىر ئۇستازنىڭ ئەتراپىدا توپلىنىپ بىر جامائەت شەكىللەندۈرمەك، قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇيغۇن ھالدا ئىسلامىي ھايات كەچۈرمەك تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىشتۇر.
لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلەنمەي، ئۇ ئالىمغا مەنىۋى ماقاملار توقۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلەن ئۆز ئارىڭىزغا قويۇپ، ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا باغلىنىشقا چاقىرىپ، ئاللاھنى ئىككىنچى قاتارغا قويسىڭىز، بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
ھەرخىل ھەددىدىن ئېشىشتىن خالى ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەندەك ياشىشىمىز، دۇنيا ۋە ئاخىرىتىمىزنى خەتەرگە ئاتماسلىقىمىز لازىم.
بۇ مۇنازىرىلەردە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقا بىر غايە مەقسەت قىلىنمىغان. ئىنسان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايدىغىنىمىز شۇدۇر: كۆرگەن خاتالىقلارنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ نۇرىدا تەنقىد قىلىڭلار ۋە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىغا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ چۈشۈپ قالغان بۇ پاتقاقتىن ساق- سالامەت چىقىشىغا تۆھپە قوشۇڭلار.
ھىدايەت ئىلكىدە بولغان رەببىمىزدىن بىزنى قۇرئانغا يۈزلەندۈرۈشنى تىلەيمىز.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.
 
تۈگىدى
 
پايدىلانغان مەنبەلەر:
قۇرئان كەرىم
ئابدۇلئەزىز بايىندىر: دۇئادا ئەۋلىيانى ۋاسىتە قىلىش ۋە شېرىك، ئىستانبۇل 2001.
ئابدۇللا ئىبنى يۈسۈپ ئەززەيلەئى (ھىجرىيە 762-يىلى ۋاپات بولغان): نەسبۇررايە لىئەھادىسىل ھىدايە، قاھىرە.
ئابدۇلئەزىز ئەددەبباغ: ئەل ئىبرىز(جالال يىلدىرىم تەرجىمىسى)، ئىستانبۇل 1979.
ئەھمەد ئىبنى ھەجەر: ئەل ھەيتەمى تۆھفەتۇل مۇھتاج بىشەرھىل مىنھاج (شىرۋانى ۋە قاسىم ئەل ئىبادى ھاشىيەلەرى بىلەن بىرلىكتە).
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: مۇسنەد، ئىستانبۇل 1402/1982.
ئەھمەد نەئىم: مۇقەددىمە سەھى بۇخارى مۇختەسەرى تەجرىدى سەرىھ تەرجىمىسى ۋە شەرھى، ئەنقەرە 1979.
ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبىل ئىز ئەددىمەشقى(792/1390 ۋاپات بولغان): شەرھۇل ئەقىدەتىت تەھاۋىيە، بېيرۇت 1408/1988.
بەدرۇددىن ئەل ئەينى: ئۇمدەتۇل قارىي فى شەرھى سەھىھىلبۇخارى، ئىستانبۇل 1308.
جەرىدەئى ئىلمىييە: مۇھەررەم 1333-يىلىدىكى نۇسخا، 7-سان.
ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەل ئەنسارىي ئەل قۇرتۇبى: ئەل جامىئ لىئەھكامىل قۇرئان،بېيرۇت 1408/1988.
ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى يەزىد: سۈنەنى ئىبنى ماجە.
ئەبۇ ئابدۇراھمان ئەھمەد ئىبنى شۇئەيب ئەننەسەئى: ئەسسۈنەن.
ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرى: تەپسىرۇتتەبەرى، بېيرۇت 1412/1992.
ئەبۇ داۋۇد سۇلەيمان ئىبنى ئەشئەس ئەسسىجىستانى ئەل ئەزدى: سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد.
ئەبۇ ئىيسا مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا ئەسسۇلەمى ئەتتىرمىزى: سۈنەنۇتتىرمىزى.
ئەبۇل ھۈسەيىن مۇسلىم ئىبنى ھەججاج ئەلقۇشەيرى ئەننەيسابۇرى: سەھىھۇل مۇسلىم.
ئەلمالىلى مۇھەممەد ھامدى يازىر: ھەق دىنى قۇرئان دىلى، ئىستانبۇل 1936.
ئەساد جوشان (خەلىل نەجاتى ئوغلۇ): ئىسلام ژورنىلى 1992-يىلى ئاۋغۇست 108-سان.
فەخرۇددىن ئەررازى: تەپسىرى كەبىر، مەتبەئى ئامىرى 1307.
فەتھى ئوقيار: ئۈچ دەۋردە بىر ئادەم، ئىستانبۇل 1980.
فىرۇز ئابادى: قامۇس تەرجىمىسى،مۇتەرجىم ئاسىم بەھرىيە مەتبەئەسى 1305.
ھەسەن بەسرىي چانتاي: قۇرئان ھەكىم ۋە مەئالى كەرىم، ئىستانبۇل 1974.
ھەسەن كامىل يىلماز: ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 1995-يىل 12-ئاي.
ھەسەن كامىل يىلماز: لەدۇن ئىلمى ۋە كەشف، ئالتىن ئولۇق ژورنىلى، ئىستانبۇل 1994-يىل 11-ئاي 105-سان.
خەيرۇددىن قارامان: ئىسلام ھوقوقىدا ئىجتىھاد، دىيانەت نەشرىياتى، ئەنقەرە.
ئىبنى كامال پاشا: ئەل ئەربەئۇن v،360، سۈلەيمانىيە كۈتۈپخانىسى، ئەسئەت ئەپەندى 1694.
ئىبنۇ مەنزۇر: لىسانۇل ئەرەب، بېيرۇت 1410.
ئىمامى رەببانى: مەكتۇبات (ئەرەبچە)، ئىستانبۇل.
ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئەلئەجلۇنىي: كەشفۇلخەفا، بېيرۇت 1408/1988.
كىتابى مۇقەددەس ئەھدى جەدىد (ئىبرانى، كېلدانى ۋە يۇنان تىللىرىدىن تەرجىمە)، دەرسەئادەت 1910
قوتقۇ: تەسەۋۋۇفى ئەخلاق، ئىستانبۇل 1982.
كىچىك دۇنيايىم 2، زامان گېزىتى 1996-يىل 11-ئاي 28-كۈنىدىكى سان.
ماھمۇت ئىبنى ئۆمەر ئەززەمەخشەرى: ئەلكەششاف، 1-توم 467-بەت، ئەلمەتبەئەتۇششەرقىيە.
ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇت ئىشان) باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت تۈزگەن: روھۇلفۇرقان تەپسىرى، ئىستانبۇل 1992.
مالىك ئىبنى ئەنەس: ئەل مۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا، مىسىر.
مەھمەد زاھىد قوتقو: ئەھلى سۈننەت ئەقائىدى- كاپىر قىلىۋېتىدىغان سۆزلەر ۋە ئەھۋاللار، سەھا نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1992.
مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرى: تەپسىرۇتتەبەرى، بېيرۇت 1412/1992.
مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئەل بۇخارى: ئەلجامىئۇسسەھىھ.
مۇۋەففەقۇددىن ئىبنى قۇدامە: ئەلمۇغنى، بېيرۇت 1404/1984.
ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن: ھوقۇقى ئىسلامىيە قامۇسۇ، 1/370،392، ئىستانبۇل 1967.
راغىب ئەل ئىسفەھانى: مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان (سەفۋان ئەدنان داۋۇدىنىڭ تەھقىقى بىلەن)،دەمەشىق ۋە بېيرۇت 1412/1992.
رامىزان ئوغلۇ ماھمۇت سامى: بىر رامىزان سۆھبىتى، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى 1997-يىل 2-ئاي.
سەفىيۇرراھمان ئەل مۇبارەكفورى: ئەررەھىقولمەختۇم، بېيرۇت 1408/1988.
سەئىد نۇرسى: رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، ئىستانبۇل 1995.
سۈبھى سالىھ: ئۇلۇمۇل ھەدىس ۋە مۇستەلاھۇھۇ، بېيرۇت 1969.
شەمسۇددىن سامى: قامۇسى تۈركى، ئىستانبۇل 1319.
شەرىف ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلجۇرجانى: ئەتتەرىفاد.
ئالى ۋە تۆۋەن روھلار، زامان گېزىتى 1993-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سان.


[1]بۇ بۆلۈمدىكى دەۋالار ماخمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماخمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنارىزىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

[2]– مۇرىدنىڭ ئىشانى ئالدىدا جەزبە تۇتۇۋېلىپ ئايلىنىپ كېتىشى مۇشۇنداق كۆندۈرۈشتىن بولسا كېرەك!

[3]«ئەلا خىلافىلقىياس مەيدانغا كەلگەن نەرسە باشقىسىغا مەقىيسۇن ئەلەيھ بولالمايدۇ»- مەجەللە، 15- ماددە.

[4]– روھۇلفۇرقان 2/79.

[5]– روھۇلفۇرقان 2/79.

[6]– قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق 2/184 – 185.

[7]– مۇتەۋاتىر ھەدىس، يالغان ھەدىس توقۇش ئۈچۈن بىرلىككە كېلىۋېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدىكى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنىپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ھەدىستۇر. بۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە شۈبھە بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر