مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 12

15-ئىشانلارغا ۋەھىي[1]
 ۋەھىي پىسىلدىماق ۋە مەخپىي سۆزلىمەك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى تاللايدۇ ۋە سۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارغا ئۇقتۇرىدۇ. ئۇ سۆزلەرنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ كېلىشىنى ئۇ ئەلچىدىن باشقىسى كۆرمەيدۇ ۋە سۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن باشقىسى ئاڭلىمايدۇ. بۇ سۆزلىشىش ئىنسانلاردىن مەخپىي بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەھىي دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋەھىينىڭ ئىلھام مەنسىمۇ بار. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنساننىڭ كۆڭلىگە سالغان نەرسە ئىلھام دېيىلىدۇ. ئۇمۇ ۋەھىيگە ئوخشاش مەخپىيدۇر.
قۇرئان كەرىمدە ۋەھىي دېگەن سۆز ھەر ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ۋەھىي دېيىلگەندە ئىنساننىڭ ئەقلىگە كېلىدىغىنى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەلچىلىرىگە يېتىپ كېلىشىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەلچىلىك ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن ۋەھىي ئىشىكى ئېتىلگەن.
ئەلچىلىك ئاللاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەھىي مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. لېكىن ئىلھام خۇسۇسىيدۇر، باشقا ھېچكىم بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولسۇن، كافىر بولسۇن ھەر كىشى ئىلھام ئالالايدۇ. بۇ توغرىدا كېيىن توختىلىمىز.
ئىشان: ئاللاھ بەزى نەرسىلەرنى ئىشانلارغا ۋەھىي قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا ۋەھىي قىلمىدىمۇ؟ ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:
{وَأَوْحَيْنَا إِلَى أُمِّ مُوسَى أَنْ أَرْضِعِيهِ} القصص 7
«مۇسانىڭ ئانىسىغا ئۇنى ئېمىتكىن دەپ ۋەھىي قىلدۇق»- قەسەس 28/7.
مۇرىد: ئاللاھ ھەرىگىمۇ ۋەھىي قىلغان. ئىشانلارغا نېمىشقا ۋەھىي قىلمىسۇن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
{وَأَوْحَى رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتاً وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ. ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلاً} النحل 68 – 69.
«رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆيلەرنى ياساڭلار.
ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يەڭلار، ئاندىن رەببىڭلار سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا مېڭىڭلار»- نەھل 16/68 – 69.
بايىندىر: ئۇ ئايەتلەردىكى ۋەھىي سۆزلىرى ئىلھام مەنىسىدىدۇر. يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىگە مۇشۇنداق بىر ھېس-تۇيغۇ پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سىلەر بۇ پوزىتسىيەڭلار بىلەن ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىشقا كىرىشىۋاتىسىلەر. سىلەر غەيىبنى بىلەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھەزىم قىلالمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ غەيىبىنى بىلدۈرگەن ئەلچىلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتىسىلەر.
16- پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى بولۇش[2]
مۇرىد: ئاللاھنىڭ ئەۋلىيا بەندىلىرى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ خەلىپىسىدۇر.
ئىشان: ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسىدۇر. ئۇلارغا بولىدىغان ئىشلار بۇلارغىمۇ بولىدۇ.
بايىندىر: پەيغەمبەرگە ۋارىس بولۇش مەسىلىسى ياخشى چۈشىنىلمىگەن ئوخشايدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك قەدىمقى زاماندا ئەلچىلىك ھالقىسى ئۈزۈلۈپ قالماستىن داۋاملىشاتتى. مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى، ئىسمائىل ۋە ئىسھاق ئەلەيھىمەسسالامنىڭ ئاتىسى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئىدى. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بولسا يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇغلى ئىدى. ئاللاھنىڭ بىر قانچە ئەلچىسىنىڭ ئەينى جايدا ۋە بىر دەۋردە بىرلىكتە پەيغەمبەرلىك قىلغانلىقىمۇ بولغان. يەھيا ئەلەيھىسسالام زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىدۇر ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن 10 ئايلىق چوڭدۇر. زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام مەريەم ئەلەيھىسسالامنى بېقىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە بۇلارنىڭ ئۈچىلىسى قۇددۇس (ھازىرقى ئېروسالىم) دا ياشىغان.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن بىر مۇددەت ئەلچى كەلمىگەن. كېيىن ئەلچىلەرنىڭ ئاخىرقىسى سۈپىتىدە مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
بىر ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلىشتۇر. مەسىلەن: تەۋپىق دوستى ئەخمەتنى ھەسنا بىلەن توي قىلىش تەلىپىنى قىزنىڭ ئائىلىسىگە بىلدۈرۈسۇن ۋە بىر جاۋاپ ئالسۇن دەپ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بولسا، ئۇ تېخىمۇ چىرايلىق ۋە تېخىمۇ چېۋەر دەپ باشقا بىر قىز ئۈچۈن ئەلچىلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى ئەلچىنىڭ قارارنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تەۋپىقنىڭ قارارىنى ھەسنانىڭ ئائىلىسىگە چىرايلىقچە بىلدۈرۈشتۇر، خالاس. ھېچقانداق ئەلچى ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلاَّ الْبَلاغُ الْمُبِينُ} النحل 35
«ئەلچىلىرىنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ۋەزىپىسى يوق»- نەھل 16/35.
{يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ إِنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ} المائدة 67
«ئى ئەلچى! رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنى تەبلىغ قىلغىن (يەتكۈزگىن)، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى قىلمىغان بولىسەن»- مائىدە 5/67.
{وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلاَّ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ فَمَنْ آمَنَ وَأَصْلَحَ فَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ} الأنعام 48
«بىز ئەلچىلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، كىم ئىمان ئېيتسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»- ئەنئام 6/48.
مۇھەممە ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى ئەلچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەھىي ئېلىش ۋە مۆجىزە كۆرسىتىش ئىشىكى تاقىۋېتىلگەن. ئۇنىڭغا ۋارىس بولۇش ئۇ ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش شەكلىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ھايات بولغان بولسا ئىدى، بۇ ۋەزىپىنى ئۆزى ئىجرا قىلغان بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا بىر ۋارىسلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
بىر تەرەپتىن ئۆزۈڭلارغا ۋەھىي كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىسىلەر، يەنە بىر تەرەپتىن كارامەت ئىزدەپ يۈرۈسىلەر. كارامەت دېيىشىڭلارنىڭ سەۋەبى مۆجىزە دېيىشكە پېتىنالمىغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە « ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسىدۇر. ئۇلارغا بولىدىغان ئىشلار بۇلارغىمۇ بولىدۇ» دېدىڭلارمۇ سىستېماڭلار پۈتۈنلەنگەن بولىدۇ. ئۆتۈنۈپ قالاي، بويۇڭلاردىن بۈيۈك ئىشلارغا كىرىشتىن ۋاز كېچىڭلار.
 17- مۆجىزە
ئەلچىلەرنىڭ مۆجىزىلىرى بار. مۆجىزە بىر شەخسنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلدۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان بىلەن تۇنۇشقان ھەر كىشى ئۇنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشى لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسان يازالايدىغان بىر كىتاب ئەمەستۇر.
بۇ خۇددى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشى، قۇش ھەيكىلى ياساپ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن پۈۋلىسە ئۇنىڭ جانلىنىشى، سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇرام تاشتىن بىر تۆگە چىقىرىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھېچبىر ئىنسان ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغان بىر مۆجىزىدۇر. لېكىن ئۇ قۇش ئۇچۇپ كەتسە، تىرىلگەن كىشى قايتا ئۆلسە ۋە تۆگە بوغۇزلانسا، بۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەنلەر ئۈچۈن مۆجىزىلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ.
قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى دائىمىيدۇر. ئۇنى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە، كىم، قاچان ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەنسە ئۇنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ سۆزى، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئاللاھ تەئالا قۇرئاننى مۇھاپىزەت قىلىشنى بىۋاسىتە ئۆزى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۆجىزىلىكى قىيامەتكىچىلىك داۋاملىشىدۇ. قۇرئان مەۋجۇتلا بولىدىكەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش مەجبۇرىيىتىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە يېڭى بىر ئەلچىگە ئېھتىياج قالمايدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋارىس بولىدىغان ئالىمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىنسانلارنى قۇرئانغا چاقىرىشتۇر. ئەگەر قۇرئاندىن باشقا بىر نەرسىگە چاقىرسا ئۇنىڭ ئەلچىگە ۋارىس بولۇش كىملىكى يوقاپ كېتىدۇ.
18- كارامەت
مۇرىد: سەن كارامەتنى ئىنكار قىلامسەن؟
بايىندىر: ياق، مەن كارامەتنى ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن ئۇنى بىر مۆجىزىدك كۆرسىتىشىڭلاردىن ئەجەبلىنىۋاتىمەن. ئۇنى ئاللاھنىڭ خۇسۇسىي دوستى بولغانلىقىڭلارنىڭ دەلىلى قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر. بۇ يولغا كىرگەندىن كېيىن ئۇ كارامەت دېگەن نەرسە بىر ئىستىدراج بولىدۇ ۋە سىلەرنى قەدەممۇقەدەم باتىلنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىدۇ.
كارامەت لۇغەتتە كەرىم بولۇش، ھۆرمەتلىك بولۇش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[3]. ئاللاھ تەئالا ئىنساننى ھۆرمەتلىك (كارامەتلىك) قىلىپ ياراتقانلىقىنى ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِّمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلاً} الإسراء 70
«شۈبھىسىزكى، بىز ئادەمنىڭ ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا توشۇدۇق. ئۇلارغا پاكىز رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنى نۇرغۇن مەخلۇقاتىمىزدىن ئۈستۈن قىلدۇق»- ئىسرا 17/70.
ئىنسانلاردىن باشقا بارىدىغان يېرىگە باشقىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەخلۇق يوقتۇر. بىر ئىنساننىڭ بارىدىغان يېرىگە دېڭىزدا بېلىقدەك سۇ ئۈزۈپ بېرىشى كارامەتمۇ ياكى كېمىدە ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالدا بېرىشىمۇ؟ 
ھاۋادا قۇشلار ئۇچىدۇ. ئىنساننىڭ قۇشدەك ئۇچۇپ خالىغان يېرىگە بېرىشى كارامەتمۇ ياكى بىر ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ بېرىشىمۇ؟ بۇلارغا قاراپ ئاللاھنىڭ ئىنسانغا قانچىلىك ھۆرمەت (كارامەت) بەرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىش لازىم.
ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك كارامىتى شېرىكتىن خالىي بىر ئىماندۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{الَّذِينَ آمَنُواْ وَلَمْ يَلْبِسُواْ إِيمَانَهُم بِظُلْمٍ أُوْلَـئِكَ لَهُمُ الأَمْنُ وَهُم مُّهْتَدُونَ} الأنعام 82
«ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا شېرىكنى[4] ئارىلاشتۇرمىغانلار بارغۇ، خاتىرجەملىك ئەنە شۇلارنىڭ ھەققىدۇر. توغرا يولنى تۇتقانلار ئۇلاردۇر»- ئەنئام 6/82.
ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كەرىمىنىڭ، يەنى ئەڭ كارامەتلىك بولغىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوباً وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ} الحجرات 13
«ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تۆنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر»- ھۇجۇرات 49/13.
كارامەت دېگەندە يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ مۆجىزىلىرىدەك ئادەتتىن تاشقىرى نەرسىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. بۇنداق ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كىشىدە پەقەت ئاللاھلا بېرەلەيدىغان بىر ئىسپات بولۇشى لازىم. بولمىسا ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغانلىقىنى دەۋا قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۆجىزە بەك مۇھىمدۇر.
ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىقى ياكى ئەۋلىيالىق دەپ بىر ۋەزىپە يوقتۇر. ھەر مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئەۋلىياسىدۇر. ئىمان قەلبتە بولىدىغان بىر نەرسە بولغانلىقتىن كىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئەۋلىياسى يەنى ھەقىقىي مۇئمىن ئىكەنلىكىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلەلمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا ھەر مۇئمىنغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇنى ئالدى بىلەن ئېغىر بىر ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن ياردەم قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
{وَكَانَ حَقّاً عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ} الروم 47
«مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر»- رۇم 30/47.
«وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا (2) وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا (3)» سورة الطلاق
بەدىر ئۇرۇشىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا پەرىشتىلەرنى ئەۋەتكەن، لېكىن غەلبىنىڭ پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ ئەھۋالنى بايان قىلىدىغان ئايەت زېھىنلىرىمىزدە داۋاملىق جانلىق تۇرۇشى لازىم.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَاسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّي مُمِدُّكُمْ بِأَلْفٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُرْدِفِينَ (9) وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَى وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِ قُلُوبُكُمْ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ (10)» سورة الأنفال
«ئۆز ۋاقتىدا سىلەر رەببىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئۇ: ‹مەن سىلەرگە ئارقىمۇئارقا كېلىدىغان مىڭ كىشىلىك بىر پەرىشتە قوشۇنى بىلەن ياردەم قىلىمەن› دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلغان ئىدى.
ئاللاھ بۇنى پەقەتلا بىر خۇش خەۋەر بولۇشى ۋە قەلبلىرىڭلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئارام تېپىشى ئۈچۈن قىلدى. غەلبە پەقەتلا ئاللاھ تەرىپىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» -ئەنفال 8/9-10.
ئۆزىدە كارامەتلەر كۆرۈلگەن كىشى نىجاتلىققا ئېرىشكەنلىكىنى گۇمان قىلماسلىقى كېرەك. دۇنيا ھاياتى ئېگىز-پەس يولدىكى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش بولۇپ، ھەردەم ھەرسائەت بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشۈشىمىز مۇمكىن.
ئاخىرقى نەپسىمىزگە قەدەر ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن»- ھىجر 15/99.
داۋامى بار…..


[1]– بۇ بۆلۈمدىكى دەۋالار ماخمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماخمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنارىزىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

[2]بۇ بۆلۈمدىكى دەۋالار ماخمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماخمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنارىزىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

[3]– مۇتەرجىم ئاسىم، قامۇس تەرجىمىسى 4- توم، 464 – 465- بەتلەر.

[4]– ئايەتتە شېرىك دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە زۇلۇم «ظلم» دۇر. بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ئايەت ۋە لۇقمان سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتىدىكى «شېرىك ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىپادە بۇ مەناغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر