مۇسۇلمانلار

تەھەججۇد نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى دەپ بەرسىڭىز

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئۇ نامازنى ئوقۇش ناھايىتى ياخشىدۇر. دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مۇئمىنلارنىڭ يانلىرى ئورۇن – كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى، ئۇلار كېچىسى ئۇيغۇنۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ). سۈرە سەجدە 16- ئايەت)

بۇ توغرىكى ھەدىسلەر:

1 – ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى. مەن: «يا رەسۇلەللاھ! نېمىشقا مۇنداق قىلسەن؟ ۋەھالەنكى، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىڭ مەغفىرەت قىلىنغان تۇرسا؟» دېسەم، ئۇ: «ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغۇچى بەندە بولمامدىمەن» دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

2- ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى سالىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئابدۇللاھ كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان بولسا، نېمىدېگەن ياخشى ئادەم بولغان بولاتتى – ھە؟»، دېدى. سالىم مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ شۇ سۆزدىن كېيىن كېچىسى ناھايىتى ئاز ئۇخلايدىغان بولغان». بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3 – ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ قۇلاقلىرىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن» دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

4 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى ئۇخلىغان چېغىدا، شەيتان ئۇنىڭ گەجگىسىگە ئۈچ توقۇناق چىگىدۇ. ھەر توقۇناقنى چەگكەندە: ‹ئۇخلاۋەرگىن، كېچە ئۇزۇن›، دەيدۇ. كىشى ئويغىنىپ ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتسا، بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. تاھارەت ئالسا، يەنە بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. ناماز ئوقۇسا يەنە بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېتىك، روھلۇق بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، ئېزىلەڭگۈ، ھورۇن بولۇپ قالىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

5 – ئابدۇللاھ ئىبن سەلام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئى ئىنسانلار! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، كىشىلەرگە تائام بېرىڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار جەننەتكە سالامەت كىرەلەيسىلەر» — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

6 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاندىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل روزا مۇھەررەم ئېيىنىڭ روزىسىدۇر. پەرز نامازدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل ناماز تەھەججۇد نامىزىدۇر» — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

7 – ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەھەججۇد نامىزى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. تاڭ سۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، بىر رەكئەت قىلىپ ئوقۇۋالغىن» — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر