مۇسۇلمانلار

تەبلىغ ۋە تەبلىغچى

تەبلىغ ۋە تەبلىغچى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلاَّ الْبَلاغُ الْمُبِينُ»
«ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر»[1].
«مَّا عَلَى الرَّسُولِ إِلاَّ الْبَلاَغُ وَاللّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ»
«بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ»[2].
«يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ إِنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ»
«ئى ئەلچى! رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنى تەبلىغ قىلغىن (يەتكۈزگىن)، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى قىلمىغان بولىسەن»[3].
1- تەبلىغ دېگەن نېمە؟ تەبلىغچى كىم؟
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن تەبلىغ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر، تەبلىغچىلەر پۈتكۈل پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىدۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى بولغانلارنىڭ تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابى قۇرئاننى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بىرەر مەزھەبنىڭ كىتابلىرىنى ياكى بىرەر شەخىسنىڭ ئۆز مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ يازغان كىتابلىرىنى ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈش ياكى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش شۇ مەزھەبنىڭ ياكى شۇ شەخسنىڭ كۆزقاراشلىرىنى بازارغا سالغانلىق بولىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىق بولمايدۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلىكمۇ بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[4]، «سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. ئۇنى مەھكەم تۇتساڭلار، ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[5] دېگەن.
بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە ھەر مۇسۇلمان تەبلىغچى بولۇشى، يەنى ئۆز پەيغەمبىرى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن قۇرئاننى باشقىلارغا يەتكۈزۈشى لازىم. ئۇ مۇشۇنداق قىلسا قۇرئان كەرىم ئۇنى «ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»[6]. يەنى دۇنيادا بەخت-سائادەت يولىغا، ئاخىرەتتە جەننەت يولىغا باشلايدۇ.
تەبلىغچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1)قۇرئانھەدىس پۈتۈنلىكىنى ئاساس قىلىش كېرەك.
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ»
«ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر»[7].
 بۇ ئايەتتىكى «سىلەر» مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھايات چاغدىن تارتىپ تا قىيامەتكىچىلىك پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھايات چېغىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇنى ئۈلگە قىلغان. لېكىن پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈلگىلىكىنى ئۇنىڭ ھەدىسلىرىدىن تېپىشىمىز كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئانغا تابىئ (ئەگەشكۈچى) بولغانلىقى ئۈچۈن ھەدىسلەر قۇرئانغا تابىئدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا يەنە باشقا ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان[8]، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ، ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن[9].
بۇ ھەدىسلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايەتلەرگە قانداق ئەمەل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەدىسلەر ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ھەدىسسىز مۇسۇلمانچىلىق مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېمىگەن بىر سۆزنى «دېدى» قىلمىغان بىر ئىشنى «قىلدى» دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغان چاپلىغان بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆچمەس مۆجىزىسىدۇر. ھەدىسلەر ئۇنداق ئەمەس. مەسىلىنى مۇشۇنداق چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى توغرا تونۇغان بولىمىز.
2) ئىبلىس ۋە ئىبلىسچىلەرگە پەرۋا قىلماسلىق لازىم
ئىبلىس ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغاندا ئاللاھتىن قىيامەتكىچە ياشاش ئۈچۈن مۆھلەت تەلەپ قىلغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇ مۆھلەتنى بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندا ئۇ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ توغرا يولنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەر تەرىپىدىن كېلىپ ئازدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى مۇنداق:
«قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ. قَالَ اخْرُجْ مِنْهَا مَذْءُومًا مَدْحُورًا لَمَنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكُمْ أَجْمَعِينَ»
«ئىبلىس مۇنداق دېدى: ‹سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن چوقۇم مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى شۈكرى قىلغۇچى كۆرمەيسەن›. ئاللاھ: ‹چىق ئۇ يەردىن، ھۇ ئىپلاس قوغلاندى! ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە، جەھەننەمنى ھەممىڭلار بىلەن تولدۇرىمەن› دېدى»[10].
دېمەك توغرا يولغا كىرگەنلەر يولۇچىلىق داۋامىدا ناھايىتى پەخەس بولۇشى كېرەك. بولمىسا، ئىبلىس ۋە ئىبلىسچىلەر باشقا يوللارغا باشلاپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولدا ماڭدىم دەپ ئىبلىسنىڭ يولىغا كىرىپ قالىدىغان ئىش مەيدانغا كېلىدۇ.
3) زورلىماسلىق لازىم
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنىڭ كەسكىن دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى ھىدايەت قىلاتتى›»[11].
بۇ ئايەتتىكى «كەسكىن دەلىل» قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم شۇنداق كەسكىن دەلىلكى ھىدايەتكە ئىنتىلىدىغان، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنى ئىزدەشكە غەيرەت قىلىدىغان كىشىلەرلا ئۇنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھىدايەتنى ئىلمىي ۋە چۈشىنىشلىك بىر رەۋىشتە بايان قىلىدۇ. ئەكسىچە ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىدىكى ھىدايەتكە زورلىمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشتىنلا ئىبارەت. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى باشقا بىر شەكىلدە ھىدايەت قىلىشنى (توغرا يولغا كەلتۈرۈشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ بۇنى خالىمىدى ۋە ئۇنداق قىلمىدى. تەبلىغچى بۇنى ھەر دائىم ئېسىدە ساقلىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىككى ئايەت مۇنداق:
«وَلَوْ شَاء رَبُّكَ لآمَنَ مَن فِي الأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعاً أَفَأَنتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّى يَكُونُواْ مُؤْمِنِينَ»
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇ ھالدا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشلىرى ئۈچۈن سەن زورلامسەن؟»[12].
«وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ. وَمَا تَسْأَلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ»
«ئىنسانلارنىڭ تولىسى-سەن قانچىلىك ھېرىسمەن بولساڭ بولغىن- ئىمان ئېيتمايدۇ.
بولمىسا سەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن. بۇ قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا بىر زىكىردۇر»[13].
تەبلىغچىنىڭ شۇنى ئۇنتۇماسلىقى لازىمكى، ھەر كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بار. بۇ ئەركىنلىكنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەنلىك ئۈچۈن تەبلىغچى ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارغا قولىدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»[14].
4) ھاقارەتكە پەرۋا قىلماسلىق لازىم
تەبلىغچىلەر يەنى ئاللاھقا بەندە، پەيغەمبەرگە ئۇممەت بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلارنىڭ شەيتانغا دوست، ئىشانغا بەندە بولۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان مۇشرىكلاردىن ھاقارەت ئاڭلىشى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر. دېمەك، ئەھلى تەۋھىدلەرنىڭ مۇشرىكلاردىن ھاقارەت ئاڭلىشى ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. بولمىسا مۇشرىكلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالغان بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُواْ أَذًى كَثِيراً وَإِن تَصْبِرُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الأُمُورِ»
«سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە شېرىك كەلتۈرگەنلەردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھدىن قورقساڭلار، ئىرادىلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىسىلەر»[15].
5- سەرچان بولۇش لازىم
تەبلىغ يولىدا جاپا چەكمىگەن، ھاقارەت ئاڭلىمىغان ۋە تەھدىد قىلىنمىغان بىرمۇ پەيغەمبەر يوق. ھەتتا بۇ يولدا ئۆلتۈرۈلگەن پەيغەمبەرلەرمۇ بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يولنىڭ يولۇچىلىرىغا جاپا-مۇشەققەت، ئازار-كۈلپەت ۋە تەنە-ھاقارەت بار. لېكىن بۇلارغا پەرۋا قىلماي يولدا ئۇدۇل ماڭغۇچىلار ئىلاھىي ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولىدۇ.
يول مۇشەققەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسىر سۈرىسىدە ھەقىقەتكە تەۋسىيە قىلىشنىڭ يېنىدا سەۋرگە تەۋسىيە قىلىش بىرلىكتە كەلگەن. ئەسىر سۈرىسى مۇنداق:
«وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ. إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ».
«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس».
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەزرىتى لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىۋېتىپ ئىش ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇشقا كەلگەندە، ئوغلىغا مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتقان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ»
«ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن،يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر»[16].
خۇلاسە
ھەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنىنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن پۇختا ئۆگىنىشى، غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئۇنى يەتكۈزۈشى، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان مۇسۇلمانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشى كېرك.
«كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللّهِ وَلَوْ آمَنَ أَهْلُ الْكِتَابِ لَكَانَ خَيْراً لَّهُم مِّنْهُمُ الْمُؤْمِنُونَ وَأَكْثَرُهُمُ الْفَاسِقُونَ»
«سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۈممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھغا ئىشىنىسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتابمۇ ئىمان ئېيتقان بولسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، لېكىن تولىسى يولدىن چىققۇچىدۇر»[17].
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
———————-
[1]– نەھل 16/35.

 [2]– مائىدە 5/99. ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر: مائىدە 5/92؛ رەئد 13/40؛ نەھل 16/82؛ نۇر 24/54؛ ئەنكەبۇت 29/18؛ شۇرا 42/48؛ تەغابۇن 64/12.

[3]– مائىدە 5/67.

 [4]– بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزىي، ئىلىم 13؛ دارىمىي، مۇقەددىمە 46؛ مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 3/159، 202، 214. 

 [5]– مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە)، ۋىدالىشىش نۇتقى.

 [6]– ئىسرا 17/9.

 [7]– ئەھزاب 33/21.

 [8]– ئەنئام 6/106؛ يۇنۇس 10/109؛ ئەھزاب 33/2.

 [9]– ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.

 [10]– ئەئراف 7/16 – 18.

 [11]– ئەنئام سۈرىسى 149- ئايەت.

 [12]– يۇنۇس 10/99.

 [13]– يۇسۇف 12/103-104.

 [14]– مائىدە 5/105.

 [15]– ئال ئىمران 3/186.

 [16]– لۇقمان 31/17.

 [17]– ئال ئىمران 3/110.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر