مۇسۇلمانلار

تېلېۋىزور رېمونت قىلىش گۇناھمۇ؟

  سوئال:
تېلېۋىزور رېمونت قىلىش گۇناھمۇ؟
جاۋاب:
ياق، گۇناھ ئەمەس. چۈنكى تېلېۋىزور بىر سايماندۇر. بىر سايماننى ياسىغان ياكى رېمونت قىلغان كىشى ئۇ سايمان بىلەن قىلىنغان ياخشى ئىشتىن مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەندەك، ئۇ سايمان بىلەن قىلىنغان يامان ئىشتىنمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.
بىر سايماننى، بۇنىڭ بىلەن گۇناھ قىلىنىشى مۇمكىن دەپ ياسىمىسا ياكى ئۇنى رېمونت قىلىپ بەرمىسە، ئىنسانلار ئۇ سايمان بىلەن قىلىدىغان يوللۇق ئىشلىرىنى قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن تېلېۋىزور ياساش، تېلېۋىزور رېمونت قىلىش، ئۆيگە تېلېۋىزور ئېلىش ۋە ئۆيدە تېلېۋىزور ساقلاش گۇناھ ئەمەس. گۇناھ بولىدىغىنى، تېلېۋىزورنى يامان ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىشتۇر، شۇنداقلا تېلېۋىزورغا بېرىلىپ كېتىپ ئەمەل-ئىبادىتىگە، كەسىپ-تىجارىتىگە ۋە ئۆي ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈشتۇر.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر