مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى9

62- تۈركىيەدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھوقۇقتەك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئومۇمەن خرىستىئانلىق ۋە يەھۇدىلىك پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىدۇ. بۇ ساھەلەردە يىتىشىپ چىققان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلمەيدۇ ياكى خاتا بىلىۋالغان. شۇنىڭدەك سېكولارىزم ۋە تېئوكراتىيىمۇ خرىستىئان دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام چۈشەنچىلىرىگە باغلىنىپ تەتقىق قىلىنمايدۇ. تۆۋەندىكى ماقالە ئۇ ئىككىسىگە مۇناسىۋەتلىك خاتا چۈشەنچىلەرنى توغرىلاش ئۈچۈن تەييارلاندى:
1- مۇقەددەس كىتاب ۋە تېئوكراتىيە
63- تېئوكراتىيە-  تەڭرى() ۋە  ھۆكۈم () سۆزلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر سۆزدۇر[1]. بۇ سۆز ھاكىمىيەتنى تەڭرىگە، ياكى بىۋاستە تەڭرى ئىرادىسىگە باغلايدىغان ئاپپاراتلار ئۈچۈن قوللىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن پادىشاھقا ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ئىتائەت قىلىش، ئىلاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر. ئۇلارغا قارشى چىققانلىق، ئىلاھقا قارشى چىققانلىقتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا، پادىشاھ، ھۆكۈمەت ۋە ھاكىملار ئىلاھ تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ، ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ. بۇنىڭ مۇقەددەس كىتاپتا دەلىلى تېپىلىدۇ، لېكىن قۇرئان كەرىمدە بۇنداق تۈزۈمگە ھېچقانداق دەلىل يوق، ھەم قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.
ئا- مۇقەددەس كىتابتىكى تېئوكراتىيىگە مۇناسىۋەتلىك تېكىستلەر
64- مۇقەددەس كىتاب- تەۋرات- «ﺋﻪﮪﺪﻯ ﻗﻪﺩﯨﻢ» ۋە ئىنجىل- «ﺋﻪﮪﺪﻯ ﺟﻪﺩﯨﺪ» ﺩﻩﭖ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.
65- ئىنجىلدا تېئوكراتىيىنىڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان تېكىستلەر بار. لېكىن تەۋراتتا بۇنى ئىپادىلەيدىغان بىرلا تېكىست بار بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن: سۇلايمان (ئە.س) مۇنداق دېدى: (ئې ئوغلۇم، ئىلاھدىن ۋە پادىشاھتىن قورق، توپىلاڭچىلارغا ئارلاشما[2]).
ئىنجىلدا بولسا، پاۋلۇس ۋە پىترۇسنىڭ مەكتۇپلىرىغا ئائىت، تېئوكراتىيىنى ئۇچۇق ئەمىر قىلىغان ئىككى تېكىست بار. تۆۋەندە بۇ تېكىستلەرنىڭ مەزمونىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئا- پاۋلۇسنىڭ رۇملۇقلارغا يازغان مەكتۇبى
66- «ھەر قانداق كىشى، ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلسۇن، چۈنكى بارلىق ھۆكۈمرانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر. مەۋجۇت ھۆكۈمەتلەر ئاللاھ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە قارشى چىققانلىق، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا قارشى چىققانلىق بولىدۇ. قارشى چىققانلاردىن ھېساب ئېلىنىدۇ، چۈنكى ھۆكۈمدارلار ياخشى ئىشلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، پەقەت يامان ئىشلار ئۈچۈن قورقۇتىدۇ. ھۆكۈمەتتىن قورقماسلىقنى خالىمايدىغانسەن؟ ئۇنداق بولسا ياخشى ئىشلارنى قىل، شۇندىلا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەغدىرلىنىسەن، چۈنكى ئۇ ئاللاھ تەرىپدىن ساڭا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن. لېكىن يامان ئىش قىلساڭ قورق، ئۇ قىلىچنى بىكارغا كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بولغاچقا يامانلىق قىلغان كىشىگە غەزەپلىنىپ ئىنتىقام ئالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، پەقەت قورققانلىق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چىن قەلبىدىن بولۇشى كېرەك[3].
  ب-  پىترۇسنىڭ بىرىنچى مەكتۇبى
67- پىترۇسنىڭ بىرىنچى مەكتۇبىدا مۇنداق ئىپادىلەر بايان قىلىنىدۇ:
<< ھازىر ئىنسانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەر قانداق تۈزۈمگە ئىلاھ ئۈچۈن باغلىنىڭلار. بېشىڭلاردا تۇرغان كىشىگە يەنى پادىشاھقا، ھاكىملارغا بويۇن ئېگىڭلار. چۈنكى ئۇلار، ئۇنىڭ تەرىپىدىن گۇناھكارلارنى جازالاش ۋە ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ تەلەپ قىلغىنى مۇنداق: ھۆر ئىنسانلاردەك ياشاڭلار، لېكىن ھۆرلۈكۈڭلارنى يامانلىق بىلەن ئورىۋالماڭلار. پەقەت ئاللاھنىڭ قۇللىرىدەك بولۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، جاھىل ئىنسانلارنىڭ جاھىللىقىنى يۇقىتىڭلار. ھەممە ئادەمگە ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار. قېرىنداشلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈڭلار. ئىلاھدىن قورقۇڭلار. پادىشاھقا ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار[4].
ب-تېئوكراتىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەر
68- خرىستىئان مۇتەپەككۇرلىرىدىن ژىئان جالۋىن ۋە سىتىپھان ژانىئوس برۇتۇسنىڭ قارىشىدا، خرىستىئانلىق تېئوكراتىيىنى يۈرگۈزۈشكە بۇيرۇق قىلىدۇ.
ئا- ژىئان جالۋىننىڭ چۈشەنچىلىرى
69- جالۋىن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىپادىلىرىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
 «پىترۇسنىڭ، پادىشاھقا ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار» دېگەن سۆزىدە ۋە «سۇلايماننىڭ ئوغلىغا، ئوغلۇم ئىلاھدىن ۋە پادىشاھتىن قورققىن» دېگەن  سۆزىدە ئۇ ئىككىسىنىڭ بىزدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بىرىنچىسىدە، «ھۆرمەت» سۆزىنىڭ ئارقىدا چىن قەلبتىن بولغان ھەقىقى بىر ھۆرمەتنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىككىنچىسىدە، پادىشاھنى ئىلاھ بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئىككىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ، بۇ ئىلاھنىڭ پادىشاھقا ئۇلۇغ شان- شەرەپ ۋە چەكسىز قەدىر-قىممەت بەرگەنلىكىگە كۆرسىتىدۇ.
پاۋلۇسنىڭ مۇھىم بۇيرىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ «بۇ سەۋەبتىن پەقەت ھەيۋىسىدىن قورققانلىق ئۈچۈنلا ئەمەس، چىن قەلبىدىن بولغان سەمىمىيەت بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىش كېرەك». دېگەن سۆزى بىلەن دېمەكچى بولغىنى، پادىشاھ ۋە ھاكىملارغا بولغان ئىتائەتنىڭ پەقەت ئۇلاردىن قورققانلىقتىن ئەمەس بەلكى، بۇنىڭ ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئىلاھقا ئىتائەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكتىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى پادىشاھ ۋە ھاكىملار چىقارغان ھۆكۈملىرىنى ئىلاھتىن ئالىدۇ. پاۋلۇس مۇنداق دەيدۇ: «ھەر كىشى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلارغا بويۇن ئەگسۇن». چۈنكى ھۆكۈمەتكە قارشى چىققانلىق، ئىلاھنىڭ تۈزۈمىگە قارشى چىققانلىقتۇر.
70- ھاكىملارغا قارشى چىقىش پەقەت ئىلاھقا قارشى چىققانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلىپ قالسۇن. چۈنكى ھاكىم ھاقارەت قىلىنسا، قۇرالسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالالمايدۇ، لېكىن، ئىلاھ قۇرالسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھاكىمنى ھاقارەتلىگەن كىشىدىن دەرھال ئىنتىقام ئالىدۇ.
«ئىتائەت» سۆزىنىڭ ئاستىدا مۇنداق مەنىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن: شەخسلەر جامائەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزلىرىنى ئىقتىدارلىق دەپ قارىماسلىقى، دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ۋە ھاكىملارغا خاس ئىشلارغا ئارلاشماسلىقى كېرەك. يەنى ھەر قانداق شەخسنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىدارى ئىشلارغا ئارلىشىش ھەققى يوق. جامائەت تەرتىپىدە تۈزۈتۈشكە لايىق مەسىلىلەر بار بولسا شەخسلەر غەليان چىقارماسلىقى كېرەك. شەخسلەر ھوقۇق دائىرىسىدە بولمىغان ئىشلارغا ئارلاشماسلىقى كېرەك. بۇ ساھەدە بىردىنبىر ھوقۇقلۇق كىشى ھاكىملاردۇر. دېمەكچى بولغىنىم، شەخسلەر ئۆزلىرىگە ئەمىر بېرىلمىگىچە ھەرقانداق ئىشقا ئارلاشماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ھاكىم ئۇلارنىڭ ئارلىشىشىغا ئەمىر قىلغاندىلا ئاندىن ئۇلارمۇ رەسمى شەكىلدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نۇپۇزغا ئىگە بولغان بولىدۇ.
71- جامائەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ھۆكۈم قىلىدىغان ھاكىملار، ئىلاھنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقى ئۈلگىلىرىدۇر. شۇنىڭدەك زالىم، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارمۇ ئىنسانلارنى گۇناھلىرىنىڭ سەۋەبىدىن جازالاش ئۈچۈن ئىلاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھاكىملاردۇر. يەنىلا ئۇلار قانداقلا قىلسۇن، ئۇلاردا قانۇنى كۈچىنى ئىلاھ تەرىپىىدىن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئۇ مۇقەددەس شان-شەرەپ باردۇر.
ھېچقانداق شان-شەرىپى يوق، ئەڭ تۆۋەن، ناچار خاراكتىردىكى بىر ئىنسان، ئەگەر ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالسا ئۇ ئىلاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ شەرەپلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە پۈتۈن خەلق ئۇنىڭغا ئەڭ ئادىل ھاكىملارغا ھۆرمەت كۆرسەتكەندك ھۆرمەت كۆرسىتىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك.
ئۇلارنىڭ(ھاكىملارنىڭ) خاراكتىرلىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارغا بۇ ئېھتىرام ۋە سەمىمىيەتنى ئاخىرغىچە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىز كىشىلەرگە ئۆزىمىز خالىغانچە باھا بەرمەسلىكنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئىلاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ كىشىلەردە مۇستەھكەم بىر شان-شەرەپ ۋە ھەشەمەتنىڭ پۈتۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.
72- يامانلىقلارنى ھەل قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ئەمەس. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پۈتۈن پادىشاھلارنىڭ قەلبلىرى قول ئىلكىدە بولغان ئىلاھدىن ياردەم تىلەشتىن ئىبارەت. ئىلاھنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىنى سۆيمىگەن، مەزلۇملارنى جازالاش ئۈچۈن ئادالەتسىز قانۇنلارنى چىقارغان، پېقىر-مىسكىنلەرگە زۇلۇم قىلغان، تۇل خۇتۇنلارغا ناھەقچىلىك قىلغان، يېتىم-يېسىرلارغا ئەزىيەت بەرگەن، يەرشارىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىرى ۋە ھاكىملىرى ئاخىرىدا تەختلىرىدىن چۈشىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ[5].
ب- سىتىپھانۇس ژۇنىئوس بروتۇسنىڭ چۈشەنچىلىرى
73- بروتۇس بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مۇقەددەس كىتاب، ئىلاھنىڭ ئۆز نۇپۇزى بىلەن، پادىشاھلارنىڭ بولسا ئىلاھتىن ئالغان نۇپۇزىغا تايىنىپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى، ئەسلى ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىلاھتا ئىكەنلىكىنى، پادىشاھلارنىڭ ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ[6].
پادىشاھ ئۆز سالاھىيىتىنى، پادىشاھلارنىڭ شاھى ئۇلۇغ ئىلاھتىن ئۆزىنىڭ خەلقىگە ئادالەت تارقىتىش ۋە ئۇلارنى پۈتۈن دۈشمەنلىرىگە قارشى قوغداش ئۈچۈن ئالىدۇ.
پادىشاھلارنىڭ تاج كىيىشىدە ئىككى خىل كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ: بىرى، خەلقنىڭ، ئىلاھنىڭ خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئىلاھ بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدا، ئىككىنچىسى، خەلقنىڭ ساداقەت بىلەن ئىتائەت قىلىشى، پادىشاھنىڭمۇ ئادالەت بىلەن ھۆكۈمدارلىق قىلىشى ئۈچۈن پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان كېلىشىمدىن ئىبارەت[7].        

margin-left:2.0pt;text-align:justify;text-justify:inter-ideograph;text-indent:
14.0pt;line-height:150%»> 
 




 


1.0pt;margin-left:2.0pt;text-align:justify;text-justify:inter-ideograph;
text-indent:14.0pt;line-height:150%»> 
 

 


[1]– مۇمتاز سويسال، ئاساسى قانۇنغا كىرىش، 1968-يىل ئەنقەرە، 16- بەت.

 

[2]-(ئې ئوغلۇم، ئىلاھدىن ۋە پادىشاھتىن قورق، توپىلاڭچىلارغا ئارلاشما). ئەمسالى سۇلايمان، 21، مۇقەددەس كىتاب، ئىبرانىچە، كەلدانى ۋە يۇنانچىدىن تەرجىمىسى، دەرسائادەت 1910-يىل ئەھدى قەدىم 775- بەت.

 

[3]– پاۋلۇسنىڭ رۇملۇقلارغا يازغان مەكتۇبى 13-باب، 1-5، كىتابى مۇقەددەس، ئەھدى جەدىد 206- بەت.

 

[4]– -پىترۇسنىڭ 1- مەكتۇبى، II/13-17. كىتابى مۇقەددەس، ئەھدى جەدىد، 298-بەت.

 

[5]– جىئان جالۋىن، خرىستىئان دىنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدىن تاللانغان پارچىلار، 4-كىتاب، 20- بۆلۈم: تۈرۈكچىگە تەرجىمە قىلغۇچى شاھىن ئالپاي، غەربتە سىياسى ئېقىملار تارىخى2، يىڭى زامان. تاللىغۇچى مەتە تۇنجاي. 1969-يىل ئەنقەرە، 48-51- بەت.

 

[6]-سىتىپھانۇس ژۇنىئوس بروتۇس، ئىلاھلارغا قارشى ھەقلەر، تەرجىمە قىلغۇچى مەتە تۇنجاي، غەربتە سىياسى ئېقىملار تارىخى 2، يېڭى زامان، تاللانغان ئەسەرلەر، 1969-يىل ئەنقەرە، 62- بەت.

 

[7]– مەزكۇر ئەسەر، 63-بەت.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر