مۇسۇلمانلار

كەفارىتىنى قانداق بېرىدۇ؟

سوئال:

بىر قېرىندىشىمىز 15 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققان بولۇپ تۈرمىدە رامىزان تۇتالمىغان. ھازىر گەرچە رامىزان تۇتۇشقا قادىر بولسىمۇ ئەمما 15 ئاي روزا تۇتۇش ئاسان ئىش بولمىغاچقا كافارەت ئارقىلىق رامىزانلىرىنىڭ قازاسىنى قىلماقچى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە يىمەكلىك قوبۇل قىلىدىغان مىسكىننى تېپىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن، مىسكىنلەرنىڭ پۇلغا ئېھتىياجى بار ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا نەق پۇل كافارەت ھىسابىدا بېرىلسە بولامدۇ؟ كافارەتنى بىرەر ئادەمنى چەتئەلگە يولغا سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا بەرسە بولامدۇ؟ بىر كۈنلۈك روزىغا قارىتا قانچىلىك مىقداردا پۇل بېرىلسە مۇۋاپىق؟ ئەگە كافارەت بېرىلمەكچى بولسا كافارەتنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ كىرىم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋىتى بولامدۇ؟ ئاللاھ ئەجرىڭىلارنى بەرسۇن…جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

سوئال:

بىر قېرىندىشىمىز 15 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققان بولۇپ تۈرمىدە رامىزان تۇتالمىغان. ھازىر گەرچە رامىزان تۇتۇشقا قادىر بولسىمۇ ئەمما 15 ئاي روزا تۇتۇش ئاسان ئىش بولمىغاچقا كافارەت ئارقىلىق رامىزانلىرىنىڭ قازاسىنى قىلماقچى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە يىمەكلىك قوبۇل قىلىدىغان مىسكىننى تېپىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن، مىسكىنلەرنىڭ پۇلغا ئېھتىياجى بار ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا نەق پۇل كافارەت ھىسابىدا بېرىلسە بولامدۇ؟ كافارەتنى بىرەر ئادەمنى چەتئەلگە يولغا سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا بەرسە بولامدۇ؟ بىر كۈنلۈك روزىغا قارىتا قانچىلىك مىقداردا پۇل بېرىلسە مۇۋاپىق؟ ئەگە كافارەت بېرىلمەكچى بولسا كافارەتنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ كىرىم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋىتى بولامدۇ؟ ئاللاھ ئەجرىڭىلارنى بەرسۇن…جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

جاۋاب:

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رامىزان روزىنى پەقەت مۇساپىر ۋە كىسەل كىشىلەرگىلا ۋاقتىدا تۇتماي، كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن  قازاسىنى تۇتۇپ تولۇقلاش رۇخسىتى بەرگەن. ئاللاھ بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

ومَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ

«كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغانلار باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[1]، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- بەقەرە، 185- ئايەت.

دېمەك، يولۇچى ۋە كېسەل كىشىدىن باشقا ھېچبىر مۇئمىننىڭ رامىزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى يوق. ئەمدى سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا كەلسەك، سىز پەقەت مەجبۇرلاش ئاستىدا روزىنى تۇتمىدىڭىز. مەجبۇر قالمىغان بولسىڭىز چۇقۇم تۇتقان بولاتتىڭىز. مەجبۇر قالغاندا كۇپۇر سۆزلەشنى رۇخسەت قىلغان بۇ دىنىمىزدا مەجبۇرىيەت ئاستىدا قىلىنغان ئىبادەت قوبۇل قىلىنمىغاندەك،  مەجبۇرىيەت ئاستىدا قىلالمىغان ئىبادەتتىن ھېساب ئېلىنمايدۇ. ئاللاھ مەرھەمەتلىكتۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھېچبىر بەندىسىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا زورلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا

«ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- بەقەرە، 286- ئايەت.

«فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم»

«ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىڭلار»- تەغابۇن 64/16.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

 شۇڭلاشقا سىزنىڭ مەجبۇرىيەت ئاستىدا قىلالمىغان ئۇ ئىبادىتىڭىزگە ھېچقانداق كاپپارەت بېرىش كەتمەيدۇ، گۇناھكارمۇ بولمايسىز. ئاللاھ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ. سىز كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىبادەتلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىسىڭىز يېتەرلىكتۇر.

 

 

سوئال:

سوئالىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ سوراشقا رۇخسەت بەرگەيسىلەر. كېسەل، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش سەۋەبلىرى بىلەن كۆپ يىللىق روزىسى قازا قالغان بىر ئايال روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئۈمىد ئۈزگەن بولسا ھەر قانداق بىر سەۋەپ بىلەن نەق پۇلنى كافارەت ھىسابىدا بېرىلسە بولامدۇ؟ كافارەتنى بىرەر ئادەمنى چەتئەلگە يولغا سېلىش قاتارلىق ئىشلارغا بەرسە بولامدۇ؟ بىر كۈنلۈك روزىغا قارىتا قانچىلىك مىقداردا پۇل بېرىلسە مۇۋاپىق؟ ئەگە كافارەت بېرىلمەكچى بولسا كافارەتنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ كىرىم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋىتى بولامدۇ؟ ئاللاھ ئەجرىڭىلارنى بەرسۇن…

جاۋاب:

يۇقىرىدا دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدارلىق ياكى بالا ئېمىتىش سەۋەبلىك روزىسىنى تۇتمىغان ئاياللار كېيىن قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، كەفارەتمۇ بەرمەيدۇ.

 رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن نامازنىڭ يېرىمىنى، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتكۈچى ئاياللاردىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى»–نەسەئى، جەنائىز 2275؛ شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار 1/422، 11/33؛ بەغەۋى، شەرھۇسسۇننە 5/315، 1769.

لېكىن كېسەللىك سەۋەبىدىن روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتمىغان كىشى چوقۇم روزىسىنىڭ قازاسىنى بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتۇشى كېرەك. 2- سۈرە بەقەرەنىڭ 184- ۋە 185- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

ئەمما ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا كېسەللىك سەۋەبىن تۇتمىغان، كېيىنكى زامانلاردا پۇرسەت بولمىغانلىقتىن ياكى ھۇرۇنلۇق قىلغانلىقتىن قازاسىنى تۇتمىغان روزىسى ئۈچۈن تەۋبە-ئىستىغپار قىلىشتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى بۇ تەقدىردە ئۇ روزىنىڭ ئورنى باشقا بىر نەرسە تولدۇرالمايدۇ.

 

 

[1] يەنى، كېسەل ياكى يولۇچىلىق سەۋەبىدىن بىر ئاي رامىزاننىڭ قانچە كۈنىدە روزا تۇتالمىغان بولساڭلار، باشقا كۈنلەردە ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بىر ئايلىق ساننى تولۇقلىغايسىلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر