مۇسۇلمانلار
تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش 1

تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش

دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ھاراممۇ؟ ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، مەن بۇ ھەقتە قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاب: تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا غەيرى مۇسۇلمانلاردىن كىرگە يېڭى ئىشلاردىن بىرىسى. راستىنى ئېيتسام مەن بۇ ئىنسانلارنىڭ نېمىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن؛ ئۆمرىدىن يەنە بىر يىلنى تۈگەتكەنلىكىنىمۇ ياكى ئۆلۈمگە تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنىمۇ؟ بەلكى بۇنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ ئىش باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن باشقا ئىش ئەمەس ئەسلى. پايدىلىق بىر ئىش بولغان بولسا مەيلى ئىدى، قانداقلا قىلسا. 

شۇنداق بولسىمۇ بىز بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ، ھالال ياكى ھارام دەپ ھۆكۈم بېرەلمەيمىز. چۈنكى ئاللاھ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىگە كەلگەن بۇيىچە ھالال – ھارام ھۆكمى بېرىشتىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلَالٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِّتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ١١٦

«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.» – (16 – سۈرە نەھل، 116 – ئايەت).

ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھاراملىقىغا ئۇچۇق دەلىل كەلمىگەن بىر ئىشنى ھارام دېيىشكە بولمايدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ھەقنى تېپىشقا تىرىشقان مۇئمىننىڭ قەلبىگە توغرا – خاتانى ئايرىيدىغان دەلىللەرنى سېلىپ تۇرۇدۇ. ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا٧ فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا٨ قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّاهَا٩ وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّاهَا١٠

«نەفس ۋە ئۇنى بېجىرىم قىلغان زات بىلەن قەسەمكى. ئۇ زات نەفسكە فۇجۇرىنى ۋە تەقۋالىقىنى ئىلھام قىلدى. نەفسىنى پاكلىغان كىشى ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ. نەفسىنى بۇلغىغان كىشى ئەلۋەتتە زىيان تارتىدۇ» – (91 – سۈرە شەمس، 7 ~ 10 – ئايەتلەر).

تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈش پائالىيتى ھەققىدە ياخشى ئويلىنىپ باقساق، ئۇنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە يات ئىكەنلىكىنى، غەرب (خرىستىيان دۇنياسى)نىڭ ئادەتلىرىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيمىز؛ بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىنغان ئىسراپچىلىق، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى، كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇش، ئەڭ يامىنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى قەتئىي ھارام قىلغان ھاراق – شاراپ ئىچىش، نىكاھسىز قىز – يىگىتلەرنىڭ بىر يەردە بولۇشى، ئۇسۇل – تانسا ئوينىشى، ھەتتا زىنالارنىڭمۇ يۈز بېرىشى… قاتارلىق گۇناھ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ پائالىيەت باھانىسىدە يۈز بەرمەكتە.  

ياراتقۇچىسى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بىر مۇئمىن بۇنداق ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى كېرەك. «ھەممە كىشىلەر قىلىۋاتىدىغۇ مەن قىلسام نېمە بوپتۇ» دېگەندەك شەيتانى باھانىلەرنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، دوستلىرى ۋە يېقىنلىرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھەر زامان ئاللاھنىڭ شۇ سۆزىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىم:

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ عَلَيۡكُمۡ أَنفُسَكُمۡۖ لَا يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا ٱهۡتَدَيۡتُمۡۚ إِلَى ٱللَّهِ مَرۡجِعُكُمۡ جَمِيعٗا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ 

«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھلاردىن) ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ»-(5-سۈرە مائىدە، 105- ئايەت).

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر