مۇسۇلمانلار

تۇرسۇنئاي دېگەن ئىسمىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەكمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئۇ باشقىلارنىڭ بېشى ئىششىپ قاپتۇ! كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئادەملەر ئىكەن ئۇلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنداق يالغان سۆزلەرگە ئالدانماڭ! بىر ئىسىم بىر ئىنسانغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى شۇ ئىنسان بولىدۇ.

بىر ئىسىم، بۇتنىڭ بەندىسى، شەيتاننىڭ بەندىسى دېگەندەك ئوچۇقتىن – ئوچۇق شېرىك ئىپادىلىسە، بۇنداق ئىسىمنى قويماسلىق، قويۇلۇپ بولغان بولسا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق ئىسىملەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.

بەزى ئەقلى – ھوشى جايىدا ئەمەس ئىنسانلار قىلغىلى ئىشى يوق، ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئىنساننىڭ كۆڭلىنى «ھۆ» قىلىدۇ.

بىر كىشىگە ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ دېيىش نېمىدېگەن قاپ يۈرەكلىك! تۇغۇلغاندا قويۇلۇپ، مەلۇم بىر ياشقا كەلگۈچە بىلىنگەن بىر ئىسىمنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش، سەن ماۋۇ جەمئىيەتتىن ئۆچۈرۈلۈپ يېڭىدىن بىر ھايات باشلا، سەن ھازىرغىچە ئادەم ئەمەس ئىدىڭ دېگەن بولىدۇ. يەنە كېلىپ تېخى بۇنداق گەپنى دىنمىزنىڭ نامىدىن سۆزلەش شەيتانلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر، ئاللاھغا بوھتان چاپلىغانلىقتۇر.

شارائىتىڭىز بولسا، ئاشۇنداق دېگەن ئۇ «باشقىلار» نىڭ ئاغزىغا ئاشۇنداق دېيىشى بىلەن تەڭ بىرنى قويۇڭ، كاللىسى جايىغا كېلىدۇ.

ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە، «يىلان، تەرى تۈرتۈك…» دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىمدا ساھابىلەر بار ئىدى. بۇنى كۆرىمىز. بۇ ساھابىلەردىن ھېچبىرى ئۆز ئىسمىدىن بىئاراملىق ھېس قىلمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇنداق ئىسىملارنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاشۇنداق «بىلەرمەن» لەر كۆپ. ئىلىم – مەرىپەت تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق جاھىل «داموللام» لارنىڭ بازىرىنىڭ يېتىپ قالمىغانلىقىغا ھەيرانمەن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر