مۇسۇلمانلار

تۆۋە گۇنانى يەمدۇ؟

سوئال:

 ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا «سەدىقە بالانى يە، تۆۋە گۇنانى يەر» دەيدىغان گەپلەر بار. تۆۋە قىلساق گۇناھلىرىمىزنى ئاللا كەچۇرىدۇ، بۇنىسى ئىنىق. سەدىقە قىلىش بىلەن بالا قازانى كەتكۇزىۋەتكىلى بۇلامدۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: بىلىم ئال
جاۋاب: 
بۇ سۆزلەر مەنا ئېتىبارى بىلەن توغرىدۇر.
 «سەدىقە بالانى يەر» دېگەن سۆزنىڭ توغرىلىقىنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردۇر:
 1- ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۇبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئۇلار ئاللاھنىڭ، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغان، سەدىقىلەرنى ئالىدىغان زات ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ رەھىم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟»- (تەۋبە 9/103-104).
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئا- «سەدىقە ۋە كىشىنىڭ يېرىم كېچىدە ئوقۇغان نامىزى خاتالىقنى سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك ئۆچۈرىدۇ» دېدى.- تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ئە- «كېسەل ئادەملىرىڭلارنى سەدىقىلەر بىلەن داۋالاڭلار»- (ئەبۇ داۋۇد).
ب- «سەدىقە ئاللاھنىڭ غەزەب ئوتىنى ئۆچۈرىدۇ»- (ئەلبانىي، سەھىھۇل جامىئ).
پ- «ھەر كۈن ئاسماندىن ئىككى پەرىشتە چۈشىدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: ‹ئى ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىنىڭ سەدىقە قىلغان مېلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن، بېخىلنىڭ مېلىنى ھالاك قىلغىن›»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم).
 «توۋە گۇنانى يەر» دېگەن سۆزنىڭ توغرىلىقىنىڭ دەلىللىرى تۆۋەنكى ئايەتلەردۇر:
 1- ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شۇبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۇشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر»- (ھۇد 11/114).
2- «ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەسنا؛ ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (فۇرقان 25/68-70).
3- «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ»- (سۈرە تەھرىم 8- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر