مۇسۇلمانلار

تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مەن بۈگۈن بىر ماقالە ئوقۇدۇم. ئۇ ماقالىدە تۆگە گۈشى يىگەن كىشىنىڭ تاھارىتى سۇنىدۇ، ناماز ئۇقۇش ئۈچۈن قايتا تاھارەت ئىلىش كىرەك، دەپ يىزىلغان ئىكەن (بۇنداق گەپنى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن)، ئەمما مەن تازا ئىشەنچ قىلالماي سىلەردىن بۇ توغۇرلۇق تەلىم ئىلىشنى توغرا كۆردۈم، مالال كۆرمەي چۇشەندۇرۇش بەرگەن بولساڭلار، رەھمەت.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنى قايتا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغانلىقى» توغرۇلۇق سەھىھ مۇسلىمدا بىر ھەدىس بار. بۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ ھەنبەلىي مەزھىپى ئۆلىمالىرى «تۆگە گۆشى يېيىش تاھارەتنى سۇندۇرۇدىغان ئامىللاردىندۇر» دەپ قارايدۇ. بۈگۈنكى ئەرەبىستان ئۆلىمالىرىمۇ مۇشۇ كۆز قاراشتا.
ھەنەفىيە، شافىئىيە ۋە مالىكىيە مەزھەپلىرىنىڭ ئۆلىمالىرى تۆگە گۆشى يېيىش بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تۆگە گۆشى يېگەن كىشى تاھارەت ئالسۇن» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسىنى «تۆگە گۆشى يېگەن كىشى قوللىرىنى يۇيۇۋاتسۇن» دېگەن بولىدۇ ياكى «تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىۋېتىشى ياخشى بولىدۇ» دېگەن بولىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆت خەلىپىسى (ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) ۋە ئۆلىما ھېسابلىنىدىغان نۇرغۇن ساھابە (ئىبنى ئابباس، ئىبنى مەسئۇد، ئۇبەي ئىبىنى كەئب…رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) قاتارلىقلارنىڭمۇ بۇ كۆز قاراشتا ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتى تاھارەتنى ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ سۇندۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1-  ھاجەتخانادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى تاھارەتنى سۇندۇرۇىدۇ (بۇ ئىشلار ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق). مەسىلەن: سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ياكى ئۇلارنىڭ ھەر قانداق بىرى تاھارەتنى سۇندۇرۇىدۇ.
بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
2- جۇنۇپ بولۇش، ھەيز كۆرۈش، نىفاس (تۇغۇتتىن كېيىنكى قان) كۆرۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.
بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ.
1- «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتىكى «ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار،» دېگەن ئىپادە نامازغا ئېلىنىدىغان كىچىك تاھارەتنى، «ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار،» دېگەن ئىپادە غۇسۇل تاھارەتنى كۆرسىتىدۇ.
2«وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُواْ النِّسَاء فِي الْمَحِيضِ وَلاَ تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىَ يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللّهُ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار ئوبدان پاك بولغان چاغدا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى،  ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ›»- بەقەرە 2/222.
بۇ ئايەتتىكى «پاك بولمىغىچە» دېگەن ئىپادە ھەيز ياكى نىفاس كۆرۈۋاتقان ئاياللارنىڭ پاك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «ئۇلار ئوبدان پاك بولغان چاغدا» دېگەن ئىپادە بولسا ھەيز ياكى نىفاس كۆرگەن ئايالنىڭ قېنى توختىغاندىن كېيىن غۇسۇل تاھارەت ئېلىشىنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
ئايەتتە مەسىلە بۇ قەدەر ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئۈچ مەزھەپنىڭ ئالىملىرى، تۆت خەلىپە ۋە نۇرغۇنلىغان ساھابە تۆگە گۆشى يېيىش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆگە گۆشى يېگەن كىشىنى تاھارەت ئېلىشقا بۇيرۇشى، ئۇنى قوللىرىنى يۇيۇۋېتىشقا بۇيرۇغانلىقىدۇر ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ بۇيرۇقى پەرزلىكنى (تۆگە گۆشى يېيىش بىلەن تاھارەت سۇنۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قايتا تاھارەت ئېلىشنىڭ قەتئي زۆرۈر ئىكەنلىكىنى) ئەمەس، مۇستەھەبلىكنى (تۆگە گۆشى يېگەن كىشى تاھارەت ئېلىۋاتسا ياخشى بولىدىغانلىقنى) ئىپادىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر