مۇسۇلمانلار
تىجارەت ۋە جازانە-بىر سېتىشتا ئىككى سېتىش 1

تىجارەت ۋە جازانە-بىر سېتىشتا ئىككى سېتىش

1- بىر سەفقىدە ئىككى سەفقىنىڭ چەكلىنىشى

سەفقە – قولنى قولغا ئۇرماق، دېگەن بولىدۇ. سودا كېلىشىمى تۈزۈشكەنلەر ئىشنى پۈتتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىرى قولىنى يەنە بىرىنىڭ قولىغا ئۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز سودا كېلىشمى دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ[1]. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىر سەفقە ئىچىدە ئىككى سەفقە قىلىشتىن چەكلىگەن[2]. بۇ بىر توختام ئىچىدە ئىككى توختامنىڭ چەكلىنىشىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىر سېتىش ئىچىدە ئىككى سېتىشتىن چەكلىگەن[3] ۋە مۇنداق دېگەن: «كىم بىر سېتىش ئىچىدە ئىككى سېتىش قىلسا يا بەدەللەرنىڭ تۆۋىنىنى ئالىدۇ ياكى جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ[4].

بىر كۈنى زەيد ئىبن ئەرقەمنىڭ ئۇممۇ ۋەلەدى[5] ئائىشە (ر.ز)گە: «ئى مۇئمىنلارنىڭ ئانىسى! مەن زەيدكە ئەتا[6] زامانىغىچە قەرەللىك 800 گە بىر قۇل ساتتىم، ئۇنىڭ پۇلغا ئېھتىياجى بار ئىدى، مەزكۇر قۇلنى قەرەلىدىن ئىلگىرى 700 گە سېتىۋالدىم» دېدى. ئائىشە (ر.ز) مۇنداق دېدى: «نېمىدېگەن يامان بىر سېتىش ۋە نېمىدېگەن يامان بىر ئېلىش ئېلىپ باردىڭ! زەيدكە دەپ قوي، ئەگەر تەۋبە قىلمىسا رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان جىھادىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولىدۇ». شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال: سودىنى بۇزۇپ 700 نى قايتۇرۇۋالسام بولامدۇ؟ دېدى. ئائىشە (ر.ز) «ئەلۋەتتە بولىدۇ» دېدى ۋە مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:

«فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ »

« … كىمكى ئۆزىگە رەببىدىن بىرەر نەسىھەت كېلىپ يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ…»- (2-سۈرە بەقەرە، 275- ئايەت).

يۇقىرىدىكى ھەدىسلەر ۋە ئانىمىز ئائىشە (ر.ز)نىڭ پوزىتسىيەسى بىر سەفقىدە ئىككى سەفقە قىلىشنى چەكلىگەنلىك ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسىگە ئېلىم-سېتىم شەكلى بېرىشنى چەكلىگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. زەيد ئىبن ئەرقەم قۇلنى 800 گە نېسى ئېلىپ ئەينى كىشىگە 700 گە نەق ساتسا، ئۇنىڭ قۇلغا ئېھتىياجى يوق، دېمەكتۇر. بۇ ئەھۋالدا ساتقۇچى «… يا بەدەللەرنىڭ تۆۋىنىنى ئالىدۇ ياكى جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[7]. زەيد ئىبن ئەرقەم بەدەللەرنىڭ چوڭىغا قەرزدار بولغانلىقى ئۈچۈن ئانىمىز ئائىشە (ر.ز) ھەقلىق رەۋىشتە ئۇنىڭ جازانىخورلۇق قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بۈگۈن خەلق ئارىسىدا ئوخشاش مۇئامىلىلەر ئېلىپ بېرىلماقتىدۇر. مەسىلەن: پۇلغا ئېھتىياجى بولغان بىر كىشى بىر ئاپتوموبىلنى دۇكاندىن 6 ئاي قەرەللىك 11000 لىراغا ئېلىپ، ئۇنى دۇكانچىغا نەق 10000 لىراغا ساتماقتا ۋە ئالغان 10000 لىراسى ئۈچۈن 11000 لىراغا قەرزدار بولماقتىدۇر. ھەدىس شەرىفنىڭ مەزمۇنى بويىچە دۇكانچى يا 10000 لىرا ئالىدۇ ياكى جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىسلەر جازانىخورلۇققا سېتىش شەكلى بېرىشنىڭ باشقا بىر يولىنى تاقىۋەتكەن. بۇ ئىينە سودىسى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇناسىۋەتلىك بىر سۆزى مۇنداق:

«ئىينە سودىسى قىلساڭلار، كالىنىڭ قۇيرۇقلىرىغا ئەگەشسەڭلار، تېرىقچىلىققا رازى بولساڭلار ۋە جىھادنى تەرك ئەتسەڭلار، ئاللاھ ئۈستۈڭلارغا خارلىق ئەۋەتىدۇ، دىنىڭلارغا قايتمىغۇچە ئۇنى سىلەردىن تارتىپ ئالمايدۇ»[8].

فەقىھلەر بۇ ھەدىسلەرنى پەرقلىق ئىزاھلاپ، ھەم تىجارىي مۇئامىلىلەرنى تارايتقان، ھەمدە جازانىخورلۇققا ئىشىك ئاچقان. بۇ ئىشىكتىن كىرگەنلەر «مۇئامەلەئى شەرئىيە» ياكى «رىبھى شەرئىي»، دەپ ئاتالغان يوللار بىلەن جازانىخورلۇق چەكلىمىسىنى ئاياغ ئاستى قىلغان ۋە ئۆسۈملۈك قەرز بېرىدىغان پۇل ۋەخپىلىرىنى قۇرغان. بۇ مەسىلە ئالدىمىزدا مۇئامەلەئى شەرئىيە ۋە پۇل ۋەخپىلىرى ماۋزۇسى ئاستىدا قايتا تەتقىق قىلىنىدۇ. بىر سودىدا ئىككى قىتىم سېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسىنىڭ پەرقلىق ئىزاھلىرى بولسا قەرەل پەرقى ۋە ئۆسۈم ماۋزۇسى ئاستىدا تەتقىق قىلىنىدۇ.

د- بەيئۇلۋەفا    

سەفقە، كېلىشىم/توختام مەنىسىدە كەلگەنلىكى ئۈچۈن «بىر سەفقىدە ئىككى سەفقە» ھەدىسى، «بىر سېتىشتا ئىككى سېتىش» ھەدىسىدىن ئەتراپلىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن جازانىخورلۇق مەقسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن توختاملارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ سېتىش توختامى بولۇشى شەرت ئەمەس. بەيئۇلۋەفا بۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر مىسال بولالايدۇ.

بەيئۇلۋەفا، ساتقۇچى بەدىلىنى قايتۇرۇپ بەرگەندە سېتىۋالغۇچى مالنى قايتۇرۇپ بېرىش شەرتى بىلەن بىر مالنى ساتماقتۇر. بۇ رەنىگە قويۇش بىلەن سېتىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ھاسىل بولغان بىر توختام بولۇپ، بۇ توختام خەلق ئىچىدە «پۇل ئۆسۈمسىز، ئېتىز ئىجارىسىز» دېگەن ئۇسۇل بىلەن تۈزۈلىدۇ. بۇ ئۇسۇل مۇنداق: پۇلغا ئېھتىياجى بولغان بىر كىشى ئېتىزىنى، ئۆيىنى ياكى باشقا بىر مېلىنى پۇلنى قاچان قايتۇرۇپ بەرسە، مالنى شۇ چاغدا قايتۇرۇپ ئېلىش شەرتى بىلەن نەق ساتىدۇ. بۇ شەرت توختام ئەسناسىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىنىدۇ ياكى بۇ ھەقتە ئىلگىرى كېلىشىم ئېلىپ بېرىلىپ، ئاندىن مۇئامىلە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. پۇل قايتىپ كەلگۈچىلىك سېتىۋالغۇچى مالدىن پايدىلىنىدۇ. ئېيتايلۇق: بىر كىشىنىڭ 10000 لىراغا ئېھتىياجى بار، پۇلنى %10 ئۆسۈم بىلەن تاپالايدۇ، لېكىن بۇ پەرقنىڭ ئۆسۈم ھېسابلانمايدىغان بىر شەكىلدە تۆلىنىشى كېرەك. ئەگەر يىللىق 1000 لىرا ئىجارە كەلتۈرىدىغان ئېتىزى ياكى دۇكىنى بار بولسا، ئۇنى 10000 لىراغا بەيئۇلۋەفا ئۇسۇلى بىلەن ساتىدۇ، پۇلنى قايتۇرۇپ ئەكەلگەنگە قەدەر ئىجارىنى سېتىۋالغۇچى ئالىدۇ. ئەگەر پۇلنى قايتۇرۇپ ئەكېلەلمىسە ئېتىز ياكى دۇكان سېتىۋالغۇچىنىڭ بولۇپ كېتىدۇ. ساتقۇچىنىڭ باشقا بىر قەرزى بولمايدۇ. بىر سەفقىدە ئىككى سەفقە قىلىشنىڭ چەكلىنىشى بۇ مۇئامىلىنى جازانىخورلۇق ھېسابلاپ چەكلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ر- بەيئۇلئىىستىغلال    

  جازانىخورلار بىر سەفقە ئىچىدە ئىككى سەفقە قىلىشقا قانائەنلەي، ئۇنىڭغا يەنە بىر سەفقە قوشۇپ بەيئ بىلئىستىغلالنى ئىجاد قىلغان.

بىر نەرسىنىڭ پايدا ۋە كىرىمىنى ئېلىش ئىستىغلال، دەپ ئاتىلىدۇ. بەيئ بىلئىستىغالال مالنى ساتقۇچىسىغا كىراغا بېرىش شەرتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بەيئ بىلۋەفادۇر[9]. بۇ يەردە بىرىنچىسى سېتىش، ئىككىنچى رەنىگە قويۇش، ئۈچىنچىسى ئىجارىگە ئېلىش بولۇپ، ئۈچ سەفقە يەنى ئۈچ توختام بار. بىر مۇقىم مالنى بەيئ بىلۋەفا بىلەن سېتىۋالغان كىشى ئۇنى يا ئىشلىتىدۇ ياكى ئىجارىگە بېرىدۇ. ئىجارىگە بېرىشنىڭ ئەڭ تارقالغان تۈرى ئۇنى ساتقۇچىسىغا ئىجارىگە بېرىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن مال ئەسلى ساتقۇچىسىنىڭ قولىدىن چىقمىغان بولىدۇ.

خەلقنىڭ قەرز ئېلىشقا پۇل تېپىش ئېھتىياجىنى باھانە قىلىپ بەيئ بىلۋەفانى قوبۇل قىلغانلار ئەينى باھانە بىلەن بەيئ بىلئىستىغلالنىمۇ قوبۇل قىلغان. لېكىن بۇ جازانىخورلۇققا سودا شەكلى بېرىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئۇلار رەسۇلۇللاھ (ئە.س) قويغان چەكلىمىگە بويسۇنسا ئىدى، مەسىلە بۇ نۇقتىغا كەلمىگەن بولاتتى. بەيئ بىلئىستىغلال ۋە بەيئ بىلۋەفا مەسىلىلىرى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەتقىق قىلىنىدۇ.

ز- بەيئ ۋە سەلەفنىڭ چەكلىنىشى  

بەيئ ساتماق، سەلەف قەرز بەرمەك، دېمەكتۇر. ئەمر ئىبن شۇئەيبتىن، ئۇنىڭ دادىسىدىن، ئۇنىڭ چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) سەلەف ۋە بەيئدىن، بىر سېتىشتا ئىككى سېتىشتىن، ئىلكىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىشتىن ۋە زىيىنىغا ئىگە بولمىغان نەرسىنىڭ پايدىسىدىن توستى[10].

بۇنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى بار. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق: %10 ئۆسۈم بىلەن قەرز بەرمەكچى بولغان بىر كىشى ئالدىن بىلەن 100 لىرا قەرز بېرىدۇ، ئاندىن بىر مېلىنى ئۇ شەخسكە بىر يىل قەرەللىك 10 لىراغا ساتىدۇ. قەرزدار مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۈچىنچى بىر شەخسكە ھەدىيە قىلىپ بېرىدۇ. بۇ شەخسمۇ ئۇنى قەرز بەرگۈچىگە ھەدىيە قىلىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ مال قايتا قەرز بەرگۈچىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ، قەرز ئالغۇچى 100 لىرانىڭ ئورنىغا 110 لىراغا قەرزدار بولغان بولىدۇ.

ئۇ كىشى بۇ ئەگرى-توقاي يوللارغا كىرىشنىڭ ئورنىغا 5 لىرا قىممىتىدە بولغان بىر مېلىنى قەرزدارغا 5 لىراسى نەق، قالغىنى بىر يىل قەرەللىك 15 لىراغا ساتىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. پۇل ۋەخپىلىرى ماۋزۇسى ئاستىدا بۇ ۋەخپىلىرنىڭمۇ ئەينى ئۇسۇل بىلەن كىرىم قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.

يىغىپ ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ (ئە.س) قويغان چەكلىمىلەر بىلەن جازانىخورلۇقنى چەكلەيدىغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا تولۇق بىر مۇۋاپىقلىق بار. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئان كەرىمنى ئىجرا قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك.

[1] – ئىبن مەنزۇر، لىسانۇلئەرەب «س ف ق» ماددىسى.

[2] – ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 1/398.

[3] – تىرمىزى، سۇنەن بۇيۇئ 18، 1231؛ تىرمىزىنىڭ قارىشىچە بۇ ھەدىس ھەسەن ۋە سەھىھدۇر. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئۆمەر ۋە ئىبن مەسئۇدنىڭمۇ بۇ ھەقتە رىۋايەتلىرى بار. ئىبن ئۆمەرنىڭ رىۋايەتى بۇيۇئ 68- بابتا 1309 بىلەن زىكىر قىلىنماقتىدۇر. نەسائى، سۇنەن بۇيۇئ 73، 4632؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 2/71، 174، 175، 177، 179، 205. بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇل كۇبرا، ھەدىس نومۇرى: 10660، 10661 (ئەبۇ ھۇرەيرەدىن) 10662 (ئەبدۇللاھ ئىبن ئەمر رىۋايىتى)؛ 11172 (ئىبن ئۆمەر رىۋايىتى).    

[4] – ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن بۇيۇئ 55/3461؛ مۇھەممەد ئىبن ھىببان (ۋاپاتى: 354 ھ) سەھىھ ئىبن ھىببان، بېيرۇت، 1993/1414، 2- باسما، شۇئەيب ئەلئەرناۋۇتنىڭ تەھقىقى بىلەن، 11- جىلد، 3448- بەت. ئەھمەد ئىبن ئەلھۇسەين ئەلبەيھەقى (384/458 ھ)، سۇنەنۇلبەيەھقى ئەلكۇبرا، مەككە، 1994/1414، تەھقىق: مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەتا. 1992/1413، بەيھەقى 10661، بېيرۇت 5- جىلد، 343- بەت؛ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئەننىسابۇرى (321/405 ھ)، ئەلمۇستەدرەك ئەلا سەھىھەين، تەھقىق: مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەتا، ھەدىس نومۇرى: 2292، بېيرۇت 1990/1411.

[5] – ئۇممۇ ۋەلەد خوجىسىغا بالا توغۇپ بەرگەن چۆرە، دېمەكتۇر. بۇ چۆرىنى ساتقىلى بولمايدۇ، خوجىسى ئۆلگەندە ئازاد بولىدۇ.

[6] – ئەتا خەلىپە ئۆمەر قۇرغان دىۋان تەشكىلاتىدا غەنىمەتتىن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلغان پۇل مەنىسىدىدۇر، (مۇستافا فايدا «ئەتا» ماددىسى، تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيسى، ئىستانبۇل 4- جىلد، 1991).

[7] – بۇ ھەدىسنىڭ مەنبەسى يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى.

[8] – ەبۇ داۋۇد، سۇنەن بۇيۇئ 56، 3462؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 2/84؛ زەيلەئى، نەسبۇررايە،  قاھىرە 1357، 4- جىلد، 16-17- بەتلەر.

[9] – بەيئ بىلئىستىغلال بىر مالنى ئىجارىگە ئېلىش شەرتى بىلەن  بەيئۇلۋەفا شەكلىدە ساتماقتۇر.- مەجەللە 119- ماددا.

[10] – نەسائى، سۇنەن بۇيۇئ 71، 72، ھەدىس نومۇرى: 4629، 4630.. بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا ھەدىس نومۇرى: 6227، 10662، 10704.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر