مۇسۇلمانلار
تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى 1

تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى

     تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى

تىجارەت ماللىرى زاكات كېلىش ئۆلچىمىگە يېتىپ ئۈستىدىن بىر يىل ئۆتسە، زاكىتى بېرىلىدۇ. بۇ ماللارنىڭ زاكات بېرىدىغان كۈندىكى سېتىۋېلىش باھاسى ئاساس قىلىنىپ، قىممىتى ئەڭ ئاز 85 گىرام ئالتۇنغا تەڭ بولسا، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولىدۇ. زاكىتى %2.5 بويىچە ئايرىلىدۇ. چۈنكى تىجارەتتە ئەسلى سەرمايە پۇلدۇر، پۇلنىڭ ئەسلى ئالتۇندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ … ٢٦٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار» – (2 – سۈرە بەقەرە، 267 – ئايەت).

تۆۋەندىكى رىۋايەتمۇ تىجارەت ماللىرىغا زاكات كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

وَرَوَى الْبَيْهَقِيُّ عَنْ اِبْن عُمَر رضي الله عنهما قَالَ : (لَيْسَ فِي الْعَرُوض زَكَاةٌ إِلَّا مَا كَانَ لِلتِّجَارَةِ) .

ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «تىجارەت ماللىرىدىن باشقا ماللاردا زاكات يوق» – (بۇ رىۋايەتنى ئىبنى ھەزم «مۇھەللا»دا ۋە نەۋەۋىي «مەجمۇئ»دا سەھىھ دەپ قوبۇل قىلغان) 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر