مۇسۇلمانلار

تىجارەتتە پايدا نىسبىتى

5- پايدىنىڭ چېكى
ئېلىم-سېتىملاردا پايدىنىڭ چېكى بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) باھالارنىڭ ئەركىن ھالدا شەكىللىنىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى چەكلىگەن. بىر زامانلار مەدىنىدە باھالار ئۆرلەپ كېتىپ، خەلق رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن نەرخ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. نەرخ قويۇش بىر مالنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە پۇلغا ساتقىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ھوقۇقلۇق ماقام تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى، دېمەكتۇر. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«باھالارنى بەلگىلىگۈچى، تارايتقۇچى، كېڭەيتكۈچى ۋە رىزىق بەرگۈچى پەقەتلا ئاللاھتۇر. مەن رەببىمگە بوينۇمدا ھېچكىمنىڭ قان ۋە مال ھەققى بولماستىن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»[1].
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق: باھالار، تارلىق، كەڭرىلىك ۋە رىزىق ئاللاھ بېكىتكەن قانۇن يەنى تەبىئىي قوراللار بويىچە شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭغا خىلاپ ھەر مۇداخىلە زۇلۇمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن باھالار ئەركىن ھالدا شەكىللىنىشى كېرەك.
بەزى فەقىھلەر زۆرۈرىيەت بولغاندا نەرخ قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا ئەرز قىلىنغان ئەھۋال بىر زۆرۈرىيەت بولغان ئەھۋال ئىدى. ئۇ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ئېيتتى. ئۇنداقتا زۆرۈرىيەت بولغان ئەھۋال دېگەن باھانە نەرخ قويۇشقا بولمايدۇ.
دۆلەت مۇداخىلە قىلغان بازارغا تېخىمۇ ئاز مال كېلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن نەرخ قويۇش بازارنىڭ تارىيىشىغا، قەھەتچىلىككە ۋە قاراڭغۇ بازارچىلىققا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئەركىن بازاردا باھالارنىڭ ئۆرلىشى ئەرزانچىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى خەۋەرچىسىدۇر، چۈنكى باھالارنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىغان ھەر كىشى ئۇ يەرگە مال ئەپكېلىدۇ، قىسقا مۇددەتتە مەمۇرچىلىق ۋە ئەرزانچىلىق باشلىنىدۇ.

[1]– تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 73.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر