مۇسۇلمانلار

توي كۆينىكىگە رۇخسەتمۇ؟

سوئال:
 مۇسۇلمان قىز توي قىلغاندا قانداق ياسانسا بولىدۇ(يەنى قانداق كىينىشى كېرەك)؟
جاۋاب:
مۇسۇلمان كېلىننىڭ توي كۆينىكى كىيىشى ئىككى شەرت بىلەن دۇرۇس بولىدۇ: بىرى توي كۆينىكىنىڭ كېلىننىڭ يۈزىدىن ۋە ئىككى قولىدىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە يۆگەيدىغان بولۇشى، يەنە بىرى غەيرىي مۇسۇلمان كېلىنلەرنىڭ توي كۆينىكىگە ئوخشاش بولماسلىقى.
مۇسۇلمان كېلىن بۇ ئىككى شەرتكە رىئايە قىلغان ھالدا مۇسۇلمان ئايالغا خاس بىر توي كۆينىكىنى كەيسە گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى كېلىننىڭ قايسى كۆينەكنى كىيىشى ئەمەس، ھەر دائىم نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا ئەۋرەت يەرلىرىنىڭ تولۇق يېپىلغان بولۇشى ۋە غەيرىي مۇسۇلمان ئاياللارغا ئوخشىۋالماسلىقى لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»- بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر