مۇسۇلمانلار

توي قىلغاندا قىز تەرەپ كۈيئوغولغا بىر نەرسە بەرسە بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ئىمكانىيىتى بار بولغانلار بەرسە بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ، ئۆزىنىڭ يېڭى بىر ئۆيگە كىرگەن بالىسىغا ياردەملەشكەنلىكى بولىدۇ.

لېكىن بۇنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، قولى قىسقا كىشىلەرنى قىزىنى ياتلىق قىلالمايدىغان ياكى قىزىنى ياتلىق قىلىش ئۈچۈن قەرز ئالمىسا بولمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى قىلىش ناھايىتى يامان ئىشتۇر.

تويدا ئەسلى مەقسەت نىكاھلانغانلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن بىر ئۆيگە كىرىۋېلىشىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇشەققىتى ئەڭ ئاز بولغان نىكاھ، بەرىكىتى ئەڭ چوڭ بولغان نىكاھتۇر» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا نىكاھ (توي) ئائىلىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئېتىبارىنى بەلگىلەيدىغان ۋاسىتىگە، قۇدا ـ باجىلار بىر ـ بىرىگە ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىگە، كۈيئوغۇل ئەپەندى قېيناتا ۋە قېينانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئەدەپسىزلىك ۋە تەربىيىسىزلىكلىرى بىلەن دوست ـ ئاغىنىلىرىنىڭ ئالدىدا پوچىلىق قىلىدىغان مەيدانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

ھەتتا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان ئايالىنى ئۇرۇپ ـ سوقۇش بىلەن پەخرلىنىدىغان «نوچى» لارمۇ بار. بۇ، ئىنسان فىترىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.

يىغىپ ئېيتقاندا: خوتۇننى بىر ئۆينى جابدۇيالايدىغان، توينىڭ چىقىملىرىنى قىلالايدىغان «ئەر كىشى» ئالىدۇ. تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ پۈتكۈل چىقىمى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.

توي قىلىش جەريانىدا ياكى تويدىن كېيىن قېيناتا ۋە قېينانا تەرەپ ئۆز كۆڭلىدىن چىقىرىپ بىر نەرسە بەرسە قوبۇل قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىر نەرسە بەرمىسە، ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ (جەمئىيەتتىكى ئادەتتىن ئىبارەت بېسىم ياكى قىزىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق قىلىنغان بېسىم) بىر نەرسە ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر