مۇسۇلمانلار

تويدا داقا-دۇمباق شەرتمۇ؟

سوئال:
تويدا ناغرا-سۇناي چالمىسا نىكاھ ھارام بولامدۇ؟ بۇنى سورىشىمدىكى سەۋەب: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلامنى تولۇق قوبۇل قىلغان ياشلىرىمىز تويلاردا ناغرا-سۇناي، نەغمە-ناۋانى تاشلاپ بۇنىڭ ئورنىغا ئەر ـ ئاياللار ئايرىم سورۇن ھازىرلاپ تەبلىغ ئەھكام ۋە ئەمرى مەرۇپ قىلىش بىلەن تويلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدى.
يېقىندا تەۋەيىمىزدىكى بىر موللام: «ناغرا چالمىغان توي ھارام بولىدۇ، ناغرىسىز ئوقۇلغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ. تويدا نەغمە قىلىش پەرزدۇر» دېدى. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
جاۋاب:
بۇ ئىشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئىشنى ئەسلى تەبىئىتىدىن چىقىرىۋاتقان گەپ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەقىل ئاتا قىلسۇن!
تويدا ئەسلى قائىدە ئىككى مۇسۇلماننىڭ نىكاھلانغانلىقىنى ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىشتۇر. شۇڭا تويغا كۆپ ئادەم چاقىرىلىدۇ. كەلمىگەنلەر كەلگەنلەردىن ئاڭلايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئىككى مۇسۇلماننىڭ نىكاھلىنىپ بىر ئائىلە قۇرغانلىقىنى پۈتۈن يۇرت خەلقى ئاڭلايدۇ.
بۇ ئېلاننىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز نىكاھ مۇراسىمى (توي) دا داپ (ناغرا) چېلىشنى يولغا قويغان. توي مانا بۇ شەكىلدە قىلىنسا ئەسلى قائىدىسىگە ئۇيغۇن قىلىنغان بولىدۇ. لېكىن داپ (ناغرا) چېلىش توينىڭ بولمىسا بولمايدىغان شەرتى ئەمەس. بۇ يەردە ئۇ «موللام» توغرا گەپنى قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.
تويدا داپ (ناغرا) چېلىشقا بۇيرۇيدىغان ھەدىسلەر بۇ ئىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ھەدىسلەرنى نەغمە-ناۋا قىلىشتىن دىن مەنئى قىلىدىغان ھەدىسلەر بىلەن ۋە بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتلەردىن مەنئى قىلىدىغان ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش كېرەك.
توي ئەسلىدە «تۇرمۇش قۇرغانلار شەرىپىگە مېھمان چاقىرىپ، زىياپەت بېرىش بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان تەبرىكلەش مۇراسىمى» دىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ سورۇندا دىنى تەبلىغ قىلىش بەك مۇۋاپىق بولمايدۇ. چۈنكى دىنى تەبلىغنىڭ ئورنى مەسچىت-جامەلەر ۋە باشقا دىنى سورۇنلاردۇر. شۇنداقتىمۇ پۇرسەت چىقىپ قالسا ئىشتىراكچىلارغا دىنىمىزنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە توغرۇلۇق تەلىماتلىرى يەتكۈزۈلسە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ھەقتە بىر چەكلىمە بولمىغاندەك، بىر بۇيرۇقمۇ يوق.
يىغىپ ئېيتقاندا توينى بىر دىنى تەبلىغ سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئۇنى ئەسلى تەبىئىتىدىن چىقىرىۋەتكەنلىك بولسا، تويدا تەبلىغ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، داقا-دۇمباق چېلىش لازىم، دېيىشمۇ چېكىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز دىننى بۇزىدىغان ئۈچ كىشىنى بايان قىلغاندا ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ «جاھىل مۇجتەھىد (ھەممە دەلىلنى بىلمەي پەتىۋا بېرىدىغان بىلىمسىز)» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنە شۇ «جاھىل مۇجتەھىد» لەر قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىق كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر