مۇسۇلمانلار

تويدا تۇزغا نان چۇمۇراپ يېگۈزۈشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
نىكاھدا تۇزغا نان چۇمۇراپ يېيىش بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك بىدئەتمۇ؟ بۇنىڭغا ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟
 ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
بىدئەت دىنى ئىشتا بولىدۇ، دۇنيالىق ئىشتىكى ئۆرپ – ئادەتلەر، پەن – تېخنىكىلار بىدئەت قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئاللاھ تەئالا ئىنسانلار ئۈچۈن ناننىڭ خام ماددىلىرىنى ۋە تۇزنى يارىتىپ بەرگەن. ناننىڭ شەكىللىرىنى ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىنسانلار ئۆز ئەقىللىرى بىلەن بەلگىلەيدۇ، يېيىش ئادەتلىرىنى ئۆز زوقلىرى بىلەن تاللايدۇ: خالىسا چايغا چىلاپ يەيدۇ، خالىسا سۇغا چۇمۇراپ يەيدۇ، خالىسا قۇرۇق يەيدۇ.
 كېلىن بىلەن كۈيئوغۇلغا نىكاھدا ناننى تۇزغا چۇمۇراپ يېگۈزۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ بىر ئۆرپ – ئادەتتۇر. ئۆرپ – ئادەتنى «قىلسام ساۋاب بولىدۇ، قىلمىسام گۇناھ بولىدۇ» دەپ قىلماسلىق ۋە دىنىمىزنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا خالاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن قىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر تويلاردا تۇزغا نان چۇمۇراشتا شۇ تۇزدىن بىر ياخشىلىق كۈتۈش، بىرەر پايدا-مەنپەئەت ئۈمىد قىلىش ياكى بىر زىيان-زەخمەتنىڭ ئالدىنى ئېلىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىش مەۋجۇت بولسا، بۇ تەقدىردە تويلاردا تۇزغا نان چۇمۇراپ كېلىن-كۈيئوغۇلغا يېگۈزۈش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر