مۇسۇلمانلار

تونۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش

مۇناپىقلارنىڭ بەزى سۈپەتلىرى
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كاپىرلىقىنى ئارتتۇغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇناپىقلارغا خۇش خەۋەر بەرگىنكى، ئۇلارغا چوقۇم قىينىغۇچى ئازاب بار.
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، مۇئمىنلارنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ. ئۇلار ئىززەتنى ئۇ كاپىرلارنىڭ يېنىدا ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، پۈتۈن ئىززەت پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر.
ئاللاھ بۇ كىتابتا سىلەرگە شۇنى نازىل قىلدى[1]: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلار باشقا بىر پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ.
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بىر پەتىھ نېسىپ بولسا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلارغا زەپەردىن بىر نېسىۋە بولسا: «بىز سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ[2]. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ كاپىرلار ئۈچۈن مۇئمىنلارغا قارشى يول بەرمەيدۇ.
شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ.
ئۇلار ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىرىلىپ تۇرماقتىدۇر، نە ئۇلارغا مەنسۇپ بولالمايدۇ، نە بۇلارغا مەنسۇپ بولالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن- نىسا 4/137-143.

[1]– ئەنئام 6/68.

[2]– ئايەتنىڭ «سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دېگەن مەنىدىكى قىسمى ھەققىدە مۇپەسسىرلەر ئىككى تۈرلۈك تەپسىر ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- يەنى، «پۇرسەت قولىمىزدا ئەمەسمىدى؟ بىزمۇ شۇ مۇئمىنلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە قارشى ئۇرۇشساقىدۇق، سىلەرنى مەغلۇپ ۋە پەرىشان قىلماسمىدۇق؟ ھالبۇكى، سىلەر بىلەن سىرتتىن ھەپىلىشىۋاتقاندا بىز قەلئەنى ئىچىدىن پەتىھ قىلدۇق. مۇئمىنلارغا ياردەم قىلمىدۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گەپ تارقاتتۇق. ئۇلارنى ئالدىدۇق. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە قورقۇنچ سالدۇق. بۇ سەۋەبلەرنىڭ نەتىجىسىدە سىلەر زەپەر قازاندىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ زەپەرگە قوشقان ھەسسىمىز سىلەرنىڭكىدىن كۆپ، ئورنىمىز سىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى» دېگەن شەكىلدە. تەپسىرچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەنىنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.
2- «سىلەر مۇسۇلمانلارنى كۈچلۈك دەپ ئويلاپ مۇسۇلمان بولغىلى قوپقاندا سىلەرنى بىز توسمىدۇقمۇ؟ بىز: «مۇھەممەدنىڭ ئىشى ئاجىزلايدۇ، سىلەرنىڭكى كۈچىيىدۇ» دەپ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرمىدۇقمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار! ئۆز ۋاقتىدا دېگەن سۆزلىرىمىز توغرا چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زەپەرنى ئەسلىدە بىز قازاندۇق. بۇ زەپەرنىڭ غەنىمىتىگە سىلەردىن بەك بىز لايىقدۇرمىز» دېگەن شەكىلدە. بەزى تەپسىرچىلەر بۇ مەنىنى تاللايدۇ. دېمەككى، كاپىرلار زەپەردىن بىر نېسىۋىگە ئېرىشسە بۇ مۇناپىقلار ئۇلارغا قىلغان «ياخشىلىق» لىرىنى پېشانىلىرىگە تاقاپ ئىززەت-ئېتىبار قازانماقچى ۋە ئولجىدىن ھەسسە ئالماقچى بولىدۇ.- ئەلمالىلى ھامدىي يازىر، ھەق دىنى قۇرئان دىلى، 3- جىلد، 43- بەت. فەخرۇددىن رازى، تەپسىرى كەبىر، 4-جىلد. 247- 248- بەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر