مۇسۇلمانلار

توردا ئېلان چېكىپ پۇل تېپىش

جاۋاب:

تورغا ئېلان بەرگۈچىنىڭ مەقسىتى كۆپراق مۇشتەرى تېپىشتۇر. ئۇ، بۇ مەقسەتتە تورغا ئېلان بېرىدۇ. بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق. بۇ ئېلان ئىشىنى قىلىدىغان شىركەتلەر بۇ ئىشنى ئېلان بەرگۈچىنىڭ ئۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىشى لازىم.

ئەگەر يۇقىرىدىكى سوئالدا سورالغاندەك ئېلان شىركەتلىرى بۇ ئىشنى ئۇ شەكىلدە يەنى باشقىلارنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىپ چەكتۈرۈش ئارقىلىق قىلىدىغان ئىش بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ شىركەتلەر ۋە ئەزا بولۇپ چېكىپ بەرگۈچىلەر ھارام ئىش قىلغان بولىدۇ. تاپقان پۇلى قەتئىي ھارام بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ »بىز بۇ پۇلنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىمىز» دېگەن سۆز ۋە ئېتىقادلىرى ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن»: ئاللاھ پەقەت ھالالنىلا قوبۇل قىلىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)، «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). دېمەك، ھالال ۋە پاك بولمىغان نەرسىنى يولىدا سەرپ قىلىش توغرا ئەمەستۇر.

ئەمدى ئۇ شىركەتلەرنىڭ ۋە ئېلان چېكىپ بېرىپ پۇل تاپقۇچىلارنىڭ تاپقان پۇللىرىنىڭ ھاراملىقىنىڭ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار» (بەقەرە سۈرىسى 188- ئايەت، نىسا سۈرىسى 29- ئايەت).

ئۇلار ئۇ شەكىلدە پۇل تاپسا، باشقىلارنىڭ مېلىنى ناھەق يەۋالغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئېلان بەرگۈچى تەرەپتىن ئالغان پۇلنى مال بەدىلىگە ياكى خىزمەت بەدىلىگە ئالماستىن، بەلكىدە ساختىپەزلىك بىلەن ئالغان بولىدۇ. بۇ، ئۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن «ناھەق» نىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى بىر كىشى باشقا بىرىنىڭ پۇلىنى مال ياكى ئىش بەدىلىگە ئالغاندىلا ئۇنى ھالال يول بىلەن ئالغان بولىدۇ. تۆۋەنكى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم بىزنى ئالدىسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»، «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر» (مۇسلىم، ئىمان 164؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، بۇيۇئ 52؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 36).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر