مۇسۇلمانلار

تورداشلارغا نىدا

 بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۆھتەرەم مۇسۇلمانلار! ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن[1] ئاخىرقى پەيغەمبىرى[2] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، توغرىلىقىدا ھېچقانداق شۈبھە بولمىغان[3] ۋە سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى[4] بولغان قۇرئان كەرىمنى ھەر نەرسىنى بايان قىلىش ئۈچۈن[5] نازىل قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە[6] ۋە ئۇ قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈشكە[7] بۇيرۇغان، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزمىسە، ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان[8].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇرئانغىلا ئەگىشىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن[9] ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئايەت[10] نازىل بولغان كۈنى، ئۇ ئايەت نازىل بولغان يەردە[11] پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ، «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى  قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار، ئازمايسىلەر» دەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قۇرئان كەرىمنى بىر پەيغەمبەر مىراسى سۈپىتىدە قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان[12] ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەن[13].
  مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئاللاھ تەئالا ئەڭ ئاخىرىدا نازىل قىلغان ئايىتىدە، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى[14] دىنىمىزنى پۈتۈن قىلغانلىقىنى، بىزگە نېمىتىنى تاماملىغانلىقىنى ۋە ئىسلامنىڭ بىز ئۈچۈن دىن بولۇشىغا رازى بولغانلىقىنى بايان قىلغان[15]. دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى ئايىتىنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن دىن ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن تاماملىنىپ بولغان.
ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكىچە پۈتۈن ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۆجىزىسى ۋە دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى ۋە دەستۇرلۇقىنى قىيامەتكىچە ئۆزىنىڭ ساقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان[16].
 ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان قىلىپ نازىل قىلغان[17] ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن: «ماڭا بۇ قۇرئان، بۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ۋە بۇ يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى»[18] دېگەن. 
 يەنە ئەھۋال ئاشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا قىيامەتكىچە دۇنياغا كېلىدىغان پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە: «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[19] دەپ ئۇلارنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان، شۇنداقلا «مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[20] دەپ ئۇلارنىڭ رەھمەتكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن قۇرئانغا بويسۇنۇشلىرىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇ شەرتنى ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن يەنى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلارغا ۋە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، كىشىلىك ئىرادىسىنى مۇستەقىل ھالدا ئىشلىتەلەيدىغان، شۇنداقلا بىر ئاللاھقىلا قۇللۇق قىلىدىغان سەۋىيەگە يېتىپ ئىچكى ھۇزۇرغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئىسلام ئۈممىتى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۈممەت ئەتراپتىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ يۇرتلىرىغا ئىسلام ئادالىتىنى، قەلبلىرىگە ئىمان نۇرىنى ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن بار-يوقىنى ئاتىغان.
نەتىجىدە ئۇزۇندىن بېرى جاھىلىيەت قاراڭغۇلۇقىدا ئېزىلىپ كەلگەن ئۇ ئىنسانلار ئۆزىلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ۋە كۆپلىگەن زېمىنلەرنىڭ پەتىھ قىلىنىپ ئىسلام دىيارىغا ئايلىنىشىغا سەۋەب بولغان، شۇنداقلا باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ بەرگىنىنى يەيدىغان ھالەتتىن باشقىلارنى باشقۇرىدىغان ۋە باشقىلارغا بىر نەرسە بېرىدىغان ھالەتكە يۈكسەلگەن.
ئەپسۇسكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، پىرقىلەرگە بۆلۈندى، گۇرۇھلارغا ئايرىلدى، خىلمۇخىل مەزھەبلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەر مەزھەب ئەگەشكۈچىلىرى، قۇرئاننى ھاياتىغا تەتبىقلاش ۋە ئۇنى جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا يەتكۈزشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىسىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا مەزھەب ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۈستىدىن «غەلىبە» قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشتىن تەپ تارتمىدى!
نەتىجىدە، ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ «ئىززەت ئاللاھغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[21] دېگەن سۆزىدە مۇئمىنلارغىمۇ ۋەدە قىلغان ئىززەت، خورلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردى. يېڭىدىن زېمىن پەتىھ قىلىنىشنىڭ ئورنىغا، بۇرۇن پەتىھ قىلىنىپ بولغان زېمىنلەر بىر-بىرلەپ قولدىن كەتتى. مۇسۇلمانلاردىن قورقىدىغان دۈشمەنلەر ئۇلارنى قورقۇتىدىغان ھالەتكە يەتتى. «ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»[22]. چۈنكى ئاللاھ «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم غالىب كېلىسىلەر»[23] دەپ غالىپ كېلىش ئۈچۈن مۇئمىنلىقنى شەرت قىلغان ئىدى.
بارغانسېرى قۇرئان كەرىم بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە يىراقلىشىپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى-ئۈچ ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلىشقا باشلىغان كىتابلار مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى بەلگىلەيدىغان «دەستۇر»غا ئايلىنىپ قالدى. مۇسۇلمانلار ئۇ كىتاپلاردا يېزىلغانلارنى بىر پۈتۈن ھالدا «چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك پرىنسىپ» قىلىۋالدى. قۇرئان كەرىم بولسا تۇپراق بېشىدا، مېيت چىققان ئۆيلەردە ۋە نەزىر-چىراغ… لاردا (لەۋزىلا) ئوقۇلىدىغان بىر كىتاب بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئىش تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. ئۇلارنىڭ ئارسىدا يۇقارقى سەلبىي تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت بولغاننىڭ سىرتىدا يېڭى-يېڭى كۆز-قاراشلار ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى ئازغۇنلۇق چۆللىرىدە تېڭىرقاپ يۈرمەكتە.
ئەھۋال شۇ دەرىجىدە ئېغىركى، قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتلىرىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، دىنسىزلىق ياكى يولدىن چىققانلىق ھېسابلىنىپ باشقا پىكىرلەرگە «چىڭ ئېسىلىۋېلىش» دىندارلىق ياكى تەقۋادارلىق دەپ قارالماقتا.
قېرىنداشلار! يۇقارقى كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇپ، تەلەپكە لايىق مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە ئالغان ھالدا قۇرئان كەرىمگە قايتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى «بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»[24]، «ئۇ ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان»[25]، «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر»[26]، «ئۇ، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»[27]، «ئۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»[28].

 *******************************************************************************************

[1]سەبەئ 34/28، ئەئراف 7/158.
[2]– ئەھزاب 33/ 40.
[3]– بەقەرە 2/2.
[4]زۇمەر 39/23.
[5]– نەھل 16/89، يۇسۇف 12/111.
[6]– ئنئام 6/106، يۇنۇس 10/109، ئەھزاب 33/2.
[7]– ئال ئىمران 3/144، مائىدە 5/99، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، رەئد 13/40.
[8]مائىدە 5/67.
[9]– ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.
[10]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 – سۈرىسى.
[11]ئەرەفات كۈنى ئەرەفاتتا.
[12]مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى.
[13]پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 11- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ 3- ئېيى)نىڭ 12- كۈنى ۋاپات بولغان (رەھىقۇلمەختۇم 431- بەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى ھىجرەتنىڭ 10- يىلى زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ئەرەفاتتا سۆزلىگەن (مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى). بۇنىڭغا ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى سۆزلىگەن كۈن بىلەن، ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت ھىجرىيە ئېيى ھېساۋىدا ئۈچ ئاي ئۈچ كۈن بولغان بولىدۇ.  
[14]– شۇ ئايەتنى نازىل قىلغان كۈنى.
[15]– مائىدە 5/3.
[16]– ھىجىر 15/9.
[17]– مەريەم 19/97؛ دۇخان 44/58؛ قەمەر 54/17، 22، 32، 40.
[18]– ئەنئام 6/19.
[19]ئەئراف 7/3؛ زۇمەر 39/55.
[20]ئەنئام 6/155.
[21]– مۇنافىقۇن 63/8.
[22]– ئال ئىمران 3/117.
[23]– ئال ئىمران 3/139.
[24]– ئىسرا 17/9.
[25]– فۇسسىلەت 41/41 – ۋە 42 – ئايەتلەر.
[26]– تارىق 86/13 – ۋە 14 – ئايەتلەر.
[27]– يۇسۇف 12/111.
[28]– بەقەرە 2/185.

 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر