مۇسۇلمانلار

تورخانا ئېچىپ پۇل تېپىش توغرىمۇ؟

جاۋاب:

تورخانا ئېچىپ پۇل تېپىش توغرا، تاپقان پۇل ھالال. چۈنكى تورخانا ئېچىش تىجارەت قىلىش ئۈچۈن دۇكان ئاچقانداك بىر ئىشتۇر.

لېكىن تورخانا ئاچقانلار تورخانىلىرىدا قىمار ئوينىلىشى، (سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك) ئۆسمۈرلەرنىڭ ئويۇنپەرەس بولۇپ كېتىشى ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىي ئەخلاقىي تور بەتلەرگە كىرىپ ئەخلاقلىرىنىڭ بوزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان تېمىلارنى كۆرۈشى…قاتارلىق ئىشلارنىڭ يۈزبەرمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە دىققەت قىلىشى لازىم.

ئەگەر تورخانىلار يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالسا، بۇنىڭ ھۆكمى شۇ ئىشلارغا قاراپ بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن تورخانا ئېچىش مەسئۇلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. بۇنىڭغا رىئايە قىلغان ھالدا تورخانا ئاچقانلارنىڭ قىلغان ئىشى توغرا، تاپقان پۇلى ھالالدۇر.

يىغىپ ئېيتقاندا بىر كىشى پۇل تېپىش ئۈچۈن تورخانا ئاچقان بولسا ۋە تورخانىسىدا يامان ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە دىققەت قىلغان بولسا، شۇنداقتىمۇ ئۇ تورخانىدا بەزى يامان ئىشلار بولغان بولسا، تورخانا ئاچقان كىشىنى بۇنىڭدىن جاۋابلىققا تارتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى سىز بىر تۆمۈرچىنى «سەن سوققان پىچاقتا ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپتۇ» دەپ ئەيىبلىيەلمەيسىز. شۇنىڭدەك، سىز بىر يەردە بىر يانغىن چىققان بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چاقماق ياكى سەرەڭگە زاۋۇتىغا ئارتالمايسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر