مۇسۇلمانلار

تاھارەت ھەققىدە ساۋات ـ2

6 – تاھارەت ئالغاندا قولى بىلەن ساقالنىڭ ئارىسىغا سۇ ئۆتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا قولىغا سۇ ئېلىپ گېلىغا كىرگۈزدى، ساقىلىنىڭ ئارىسىغا سۇ ئۆكۈزدى ۋە «رەببىم مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى» دېگەن ئىدى[84].

7 – تاھارەت ئالغاندا بارماقلارنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇيۇش كېرەك. چۈنكى مۇستەۋرىد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەبدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغاندا پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى چىمچىلاق بارمىقى بىلەن ئارىلاپ يۇغانلىقىنى كـۆردۈم»[85].

8 – تاھارەت ئالغاندا قۇلاقنىڭ ئىچىنىڭ پاكىزە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۈنكى رەبىئ بىنتى مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق ديدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى. بۇ ئەسنادا بارمىقىنى قۇلاقلىرىنىڭ تۈشۈكلىرىگە تىقتى[86].

9 – تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن لۈڭگىگە ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن تاھارەت ئالغاندا يۇيۇلغان يەرلەرنى سۈرتىۋېتىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پارچە رەختى بار ئىدى . تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئەزالىرىنى سۈرتىۋېتەتتى[87].

10 – تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى شاھادەت كەلىمىسى ئوقۇلىدۇ. چۈنكى پەبغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

سىلەردىن بىر كىشى تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ بولۇپ، «ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ» (مەن، بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. مەن يەنە، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۋاھلىق بىرىمەن) دېسە، ئۇنداق كىشىگە جەننەتنىڭ سەككىز ئىشكى ئىچىلىدۇ. ئۇ كىشى ئۇ ئىشىكلەرنىڭ قايسىسدىن خالىسا شۇ ئىشكىتىن كىرىدۇ[88].

تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار غۇسۇل قىلىڭلار. ئەگەر كېسەل ياكى يولۇچى بولساڭلار ياكى سىلەردىن بىرى ھاجەتخانىدىن كەلگەن بولسا ۋەياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە بولساڭلار، ئاندىن كېيىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار»[89].

بۇ ئايەتتە ھاجەتخانىدىن كەلگەن كىشىنىڭ ۋە ئايالى بىلەن بىرگە بولغان كىشىنىڭ تاھارىتى سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇنىڭدىن تاھارەت يوللىرىدىن چىقىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئەبباد ئىبنى تەمىم تاغىسى ئابدۇللاھ ئىبنى زەيددىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاۋازىنى ئاڭلىغانغا ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر نامازىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، دېگەن[90]. بۇ ھەدىستىن مەقئەتتىن يەل چىقارغان كىشىنىڭ ھاجەتخانىدىن كەلگەن كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا تاھارىتى سۇنۇپ كىتىدىغانلىقى چىقىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى كۆز مەقئەتنىڭ بوغقۇچىسى. ئۇنداقتا ئۇخلاپ ئويغانغان كىشى قايتىدىن تاھارەت ئالسۇن»[91].

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇخلاش، ئايلىنىپ كىتىش ياكى دورا ئىستېمال قىلىش…. ئارقىلىق تەرەت يوللىرىدىن بىر نەرسە چىققانلىقىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجدە ئەقىل-ھۇشىنىڭ يوقىلىشى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.

تاھارەت ئالغۇچى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

1 – نورمال شارائىتتىمۇ قىلىنىشى چەكلەنمىگەن گەپلەرنى تاھارەت ئېلىش جەريانىدا قىلىشقا بولىدۇ.

2 – تاھارەت ئېلىش جەريانىدا ھەر ئەزا ئۈچۈن مەخسۇس دۇئا ئوقۇلمايدۇ. لېكىن تاھارەت ئېلىۋېتىپ «ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ» نى ئوقۇش ياخشى.

3 – يۇيۇشنىڭ قېتىم سانىدىن شۈبھىلەنسە، ئەقلىگە كەلگەن ئەڭ ئاز ساننى ئاساس قىلىپ بەلگىلەنگەن يۇيۇش سانىنى تاماملايدۇ.

4 – شامغا ئوخشاش بەدەنگە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان نەرسىلەر تاھارەتكە توسالغۇ بولىدۇ. لېكىن، خېنىگە ئوخشاش بەدەنگە سۇ ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولمايدىغان نەرسىلەر تاھارتنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

5 – ئۆزۈرلۈك كىشىلەر ھەر ناماز ئۈچۈن بىر تاھارەت ئالىدۇ.

6 – ئۆزى تاھارەت ئالالمايدىغان كىشى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تاھارەت ئالسا بولىدۇ.

7 – تاھارەت ئېلىپ بولۇپ، لۈڭگىگە ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن ئەزالىرىنى سۈرتۈشكە بولىدۇ.

مەسھ

ئۆتۈك، مەسە، بەتىنكە ۋە پايپاققا ئوخشاش ئاياغ كىيىملىرىنى بۇرۇن تاھارىتى بار ۋاقىتتا كىيگەن بولسا، كېيىن تاھارەت ئالغاندا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك تېڭىق ئۈستىگىمۇ مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن تېڭىق ئۈستىگە مەسىھ قىلىشتا، تېڭىشتىن بۇرۇن تاھارەتلىك بولۇش شەرت ئەمەس ھەمدە بۇنىڭ مۇددىتى يوق.

مەسىھنى، تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەردىن باشقا مۇددەتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى ۋە ئاياغ كىيىمىنى سېلىۋېتىش سۇندۇرىدۇ.

ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

1 – سەئدى ئىبنى ئەبىۋاققاس ۋە مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتۈكلىرىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ[92].

2 – مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى پايپاقلىرىنىڭ ۋە شىۋەكلىرىنىڭ[93] ئۈستىگە مەسىھ قىلدى[94]. شىۋەكنىڭ تاسمىلىرى پايپاق كىيىلگەن ئاياغنىڭ ھەممىسىنى يۆگىۋالمىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شىۋەكنى چىقارمايلا ئۈستىگە مەسىھ قىلغان.

3 – ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇساپىرغا ئۈچ كېچە كۈندۈز، مۇقىمغا بىر كېچە كۈندۈز مەسىھ مۇددىتى بەلگىلەپ بەرگەن[95].

4 – ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قولۇمنىڭ بېغىشى سونۇپ كەتكەن ئىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدىم. ئۇ ماڭا تېڭىق ئۈستىگە مەسىھ قىلىشىمنى ئېيتتى» دەيدۇ[96].

غۇسل

غۇسل پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدىغان بىر خىل تاھارەت بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار غۇسل قىلىڭلار»[97].

«جۇنۇپ بولساڭلار – سەپەر ئۈستىدىكىلەر مۇستەسنا – غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار»[98]

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ياكى ئېھتىلام بولغان كىشى جۇنۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئەر – ئايال ئوخشاش. يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن جۇنۇپ كىشىلەرنىڭ غۇسۇل – تاھارەت ئېلىپ پاكىزلىنىشى كېرەك.

ئاللاھتائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە ھەيىز ۋە نىفاستىن پاك بولغان ئاياللارنىمۇ  غۇسۇل – تاھارەت ئېلىپ پاكلىنىشقا بۇيرۇيدۇ:

«ئۇلار سەندىن ھەيزنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. بۇ سەۋەپتىن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقاندا ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، ئۇلارغا پاك بولغۇچىلىك يېقىنلاشماڭلار. ئاندىن ئۇلارغا ئۇبدان پاك بولغان چاغلىرىدا ئاللاھ سىلەرگە بۇيرۇغان يەردىن يېقىنلىشىڭلار»[99].

ھەيز، جىنسىي ھۈجەيرىسى پىشىپ – يېتىلگەن ئاياللارنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋرىي يوسۇندا بالاياتقۇسىدىن قان كېلىش ھادىسىسىدۇر. ۋاقتى ئادەتتە ئۇچ كۈندىن ئون كۈنگىچە بولىدۇ.

نىفاس، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بالاياتقۇدا توپلانغان ۋە تۇغۇتتىن كېيىن كېلىدىغان قان بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكمى ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئايەتتىكى ھەيز كەلمىسى نىفاسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[100].

غۇسلنىڭ شەكلى

غۇسل تاھارەت ئالماقچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئىككى قۇلىنى يۇيۇدۇ. ئاندىن نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئالىدۇ. ئاندىن چاچلىرىنىڭ تىگىنى ئارىلاپ يۇيۇدۇ. ئاخىردا پۈتۈن بەدىنىنى ئالا قويماي يۇيۇدۇ. ئەگەر غۇسۇل قىلغان سۇ پۇتىنىڭ ئەتراپىدا يىغىلىپ قالىدىغان ئىش بولسا پۇتىنى ئەڭ ئاخىردا يۇيۇدۇ. ئايال كىشى ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى غۇسۇل قىلغاندا چۇۋىمىسىمۇ بولىدۇ. چېچىنىڭ تىگىگە سۇ ئۆتكۈزسە كۇپايە. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنابەتتىن غۇسلى قىلغاندا ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن كېيىن ناماغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بارماقلىرىنى سۇغا تىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن چېچىنىڭ تىگىنى ئارىلايتتى. تېرىسىگە سۇ يەتكەنلىكىگە قانائەت قىلغاندا ئۈستىگە ئۈچ قېتىم سۇ تۆكەتتى. ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان قىسىمىنى يۇياتتى. ئاندىن ئىككى پۇتىنى يۇياتتى»[101].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر بىر تۈكنىڭ تىگىدە جۇنۇپلۇق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن چاچلارنى يۇيۇڭلار، تېرىنى پاكىزلاڭلار[102].

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جىنابەتنىڭ غۇسلىسى توغرىسىدا سوئال سورالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: غۇسلى قىلىدىغان كىشى ئەر بولسا، چېچىنى چۇۋۇپ سۇ چاچلارنىڭ تېگىگە يەتكەنگە قەدەر يۇسۇن. ئايال بولسا، چېچىنى چۇۋۇمىسمۇ بولىدۇ. بېشىغا ئۈچ ئوچۇم سۇ تۆكسۇن[103].

ئېھتىلام بولغان كىشىنىڭ غۇسۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئېھتىلام بولغانلىقىنىڭ ئېسىدە بولۇپ بولمىغانلىقى ئەمەس بەلكى مەنىنى كۆرۈشى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، بىر كىشى كىيىم – كېچىكىدە ھۆللۈك ئۇچراتسا، لېكىن ئېھتىلام بولغانلىقى ئېسىدە بولمىسا، (غۇسلى لازىممۇ)؟ دەپ سورالغان ئىدى. «ھەئە، غۇسلى قىلىشى لازىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئېھتىلام بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھۆللۈك ئۇچراتمىسىچۇ؟ دەپ سورالدى. «غۇسلى قىلىشى لازىم ئەمەس» دېدى. ئۇممى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى ئايال كىشى كۆرسىمۇ غۇسلى قىلىشى لازىممۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى. بۇنىڭغىمۇ «ھەئە، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئوخشاشلىرىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى[104].

ھەيىزدار ۋە نىفاسدارنىڭ غۇسلىسى

ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايالنىڭ غۇسلى قىلىشىمۇ جۇنۇپنىڭ غۇسلى قىلىشىغا ئوخشايدۇ. لېكىن ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئاياللار غۇسلى قىلىش جەريانىدا پاكىز بىر لاتا بىلەن قاننىڭ ئىزلىرىنى سۈرتىدۇ ۋە خۇشپۇراق نەرسە ئىشلىتىدۇ[105].

يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن كىشى غۇسۇل قىلىدۇ

قەيس ئىبنى ئاسىم مۇنداق دەيدۇ: مەن مۇسۇلمان بولماقچى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدىم. ئۇ مېنى سۇ ۋە سىدرى بىلەن غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى[106]. تىرمىزىي بىلەن نەسەئىي ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولۇپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

ئۆلۈپ قالغان مۇسۇلمان كېپەنلىنىشتىن بۇرۇن غۇسۇل قىلدۇرۇلىدۇ

ئۇممۇ ئەتىييە ئەل ئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى (زەينەپ) ۋاپات بولغاندا يېنىمىزغا كىرىپ، ئۇنى سۇ ۋە سىدرى بىلەن ئۈچ ياكى بەش ۋەياكى زۆرۈر دەپ قارىساڭلار ئۇنىڭدىن كۆپراق يۇيۇڭلار. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا كافۇر  قويۇڭلار. يۇيۇش ئاخىرلاشقاندا ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، دېدى. بىز ئىشنى تۈگىتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدۇق. ئۇ بىزگە تاشقى كىيىمىنى  بەردى. ئاندىن «ئۇنى ئاۋۋال بۇنىڭ بىلەن كېپەنلەڭلار» دېدى[107]. بۇخارىي بىلەن مۇسلىم يۇغۇچى ئاياللارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىنىڭ چېچىنى ئۈچ ئۆرۈم قىلىپ ئۆرۈپ ئارقىسىغا قويغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ.

مېيىتنى يۇغان كىشىنىڭ غۇسۇل تاھارەت ئېلىۋىتىشى ياخشى ئىشتۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مېييىتنى يۇغان كىشى يۇيۇنىۋەتسۇن» دېگەن ئىدى[108].

جۈمە نامىزى ئۈچۈن غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ بېرىش ياخشى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بالاغەتكە يەتكەن ھەر قانداق كىشى جۈمە ئۈچۈن غۇسلى قىلىشى، مىسۋاك قىلىشى ۋە تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى لازىم»[109].

غۇسلى قىلغۇچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

1 – نىيەت قىلىش. لېكىن نىيەتنى ئاغزىدا تەلەپپۇز قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنى نىيەتنىڭ ئورنى قەلب. غۇسلى بىلەن چوڭ تاھارەتسىزلىكنى يوقىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈش نىيەت ھېساپلىنىدۇ.

2 – ئىككى قولنى ئۈچ قېتىم يۇيۇش.

3 – ئەۋرىتىنى يۇيۇش.

4 – نورمال ئەھۋالدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش. غۇسلى قىلغان يەرگە سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى پۇتىنى كېيىن يۇيۇش.

5 – بېشىغا سۇ قۇيۇش ۋە ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ پۈتۈن بەدەننى مۇكەممەل ئۈچ قېتىم سىلاپ يۇيۇش.

6 – غۇسلى قىلىش جەريانىدا ئىككى قۇلاقنىڭ ئىچى، كىندىك، پۇتنىڭ بارماقلىرىنىڭ پاكىزە بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش.

7 – ئايال كىشىنىڭ غۇسلى قىلىشى ئەركىشىنىڭ غۇسلى قىلىشىغا ئوخشاش. لېكىن چېچى ئۆۈلگەن بولسا، ئۆرۈلگەن چاچنى چۇۋۇش شەرت ئەمەس، پەقەت چاچنىڭ تىگىگە سۇ ئۆتسە كۇپايە قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر