مۇسۇلمانلار

تاھارەت نامازنىڭ شەرتىدۇر

سوئال:
مەن ئاللاھ تائالانىڭ «ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار…»- دېگەن مەزمۇندىكى ئايىتىنى بىلىمەن، لېكىن چۈشىنەلمىگەن يېرىم ، بىز ئادەتتە تاھارەتسىز تۇرغان ۋاقىتلىرىمىزدا قۇرئان ئاڭلىساق، تەبلىغ ئاڭلىساق، قۇرئان ئوقۇساق، قۇرئاننى تۇتساق دۇرۇس بۇلامدۇ؟ ياكى بۇنىڭ ھۆكمى باشقىچىمۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تائالانىڭ سىز تەرجىمىسىنى يوللىغان ئايىتىدىكى يەنى مائىدە سۈرىسىنىڭ 6-ئايىتىدىكى«نامازغا تۇرغىنىڭلاردا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزى تاھارەتنىڭ ناماز ئۈچۈنلا شەرت قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە نامازدىن باشقا ھېچبىر ئىبادەت ئۈچۈن تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ. جۈملىدىن قۇرئان ئوقۇش، قۇرئان ئاڭلاش، تەبلىغ ئاڭلاش…قاتارلىق ئىشلارغىمۇ تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ.
قۇرئان كەرىمدە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن بىرلا شەرت بار، ئۇ بولسا قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلاشتىن بۇرۇن «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم (مەن قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىمەن)»نى ئوقۇشتۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«قۇرئان ئوقۇيدىغان چېغىڭدا قوغلاندى شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىن»-نەھل 16/98.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر