مۇسۇلمانلار
تاھارەت مەسىھ 1

تاھارەت \ مەسىھ

8§. مەسىھ

ئۆتۈك، مەسە، بەتىنكە ۋە پايپاققا ئوخشاش ئاياغ كىيىملىرىنى بۇرۇن تاھارىتى بار ۋاقىتتا كىيگەن بولسا، كېيىن تاھارەت ئالغاندا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، يارا، جاراھەت، ۋە سۇنۇق قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تېڭىلغان تېڭىق ئۈستىگىمۇ مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن تېڭىق ئۈستىگە مەسىھ قىلىشتا، تېڭىشتىن بۇرۇن تاھارەتلىك بولۇش شەرت ئەمەس، ھەمدە بۇنىڭ مۇددىتى يوق.

مەسىھنى، تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەردىن باشقا مۇددەتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى ۋە ئاياغ كىيىمىنى سېلىۋېتىش سۇندۇرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:

  • سەئد ئىبنى ئەبى ۋاققاس ۋە مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتۈكلىرىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ[1].
  • مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى، پايپاقلىرىنىڭ ۋە نەئلىلىرىنىڭ[2] ئۈستىگە مەسىھ قىلدى[3].

نەئلىنىڭ تاسمىلىرى پايپاق كىيىلگەن ئاياغنىڭ ھەممىسىنى يۆگىۋالمىغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام نەئلىنى چىقارمايلا ئۈستىگە مەسىھ قىلغان.

  • ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇساپىرغا ئۈچ كېچە كۈندۈز، مۇقىمغا بىر كېچە كۈندۈز مەسىھ مۇددىتى بەلگىلەپ بەرگەن[4].
  • ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «قولۇمنىڭ بېغىشى سۇنۇپ كەتكەن ئىدى. مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سورىدىم. ئۇ ماڭا تېڭىق ئۈستىگە مەسىھ قىلىشىمنى ئېيتتى» دەيدۇ[5]

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 35 – 36.

[1]  بۇخارى، «ۋۇدۇئــ»، 35، 48، 49، «سالات»، 7، 25، «جىھاد»، 90، «مەغازىي»، 80، «لىباس»، 10 – 11؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 77، 79، 81، 82؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 59؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 72؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 96، 97، 100؛ مۇۋاتتا، «تاھارەت»، 42.

[2]  نەئل – ئۈستىگە ئىككى قولدەك تاسما تىكىلگەن بىر خىل يازلىق كەش، ساپما كەش.

[3]  تىرمىزى، «تاھارەت»، 74.

[4]  مۇسلىم، «تاھارەت»، 85؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 99؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 86.

[5]  ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 134.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر