مۇسۇلمانلار
تاھارەت كىچىك ۋە چوڭ تاھارەت 1

تاھارەت \ كىچىك ۋە چوڭ تاھارەت

6§. تاھارەت

ئاللاھ تائالا 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 6 – ئايىتىدە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنى، كىچىك تاھارىتى بولمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىشقا، چوڭ تاھارىتى (غۇسۇل تاھارىتى) بولمىسا چوڭ تاھارەت ئېلىشقا، ناۋادا سۇ تاپالمىسا بۇ ئىككى تاھارەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. 

 رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار تەرەت سۇندۇرسا، قايتا تاھارەت ئالمىغۇچىلىك ئاللاھ ئۇنىڭ ھېچبىر نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ»[1]، «تاھارەتسىز ئوقۇلغان ناماز ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ»[2].

مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قُمۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغۡسِلُواْ وُجُوهَكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ إِلَى ٱلۡمَرَافِقِ وَٱمۡسَحُواْ بِرُءُوسِكُمۡ وَأَرۡجُلَكُمۡ إِلَى ٱلۡكَعۡبَيۡنِۚ وَإِن كُنتُمۡ جُنُبٗا فَٱطَّهَّرُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ مَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيَجۡعَلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ حَرَجٖ وَلَٰكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمۡ وَلِيُتِمَّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٦﴾

«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار. ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر‏».

1.     كىچىك تاھارەت (تەرەت)

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دەيدۇ: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇغا بۇيرۇغان ئىدى سۇ ئەكەلدىم. ئۇ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ئوڭ قولىنى قاچىغا تىقىپ سۇ ئېلىپ، ئېغىز – بۇرنىنى چايقىدى. ئاندىن ئۈچ قېتىم يۈزىنى يۇدى، ئاندىن بىلىكىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ماڭا: «مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم» دېدى[3].

ئابدۇ خەير مۇنداق دەيدۇ: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزغا كەلدى ۋە ناماز ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن سۇغا بۇيرۇدى. بىز، ئۇ تاھارەت سۈيىنى نېمە قىلىدىغاندۇ؟ ئۇ ناماز ئوقۇپ بولغان تۇرسا. بەلكى بىزگە ئۆگىتىپ قويماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن دېيىشتۇق. دەرھال بىر قاچا سۇ ۋە بىر دانە داس كەلتۈرۈلدى. ئاندىن ئۇ قاچىدىن ئوڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ، ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ئېغىز – بۇرنىنى سۇ ئالغان قولى بىلەن سۇ بېرىپ ئۈچ قېتىمدىن چايقىدى، ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ئوڭ بىلىكىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن سول بىلىكىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى سۇ قاچىسىغا تىقىپ، بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، سول پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن: «كىمكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارىتىنى بىلمەكچى بولسا، بىلسۇنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارىتى مانا مۇشۇنداق ئىدى» دېدى[4].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى[5].

ئابدۇللاھ ئىبنى  زەيد مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى ۋە: «نۇر ئۈستىگە نۇر» دېدى[6].

دېمەك، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تاھارەتنى بىر قېتىمدىن، ئىككى قېتىمدىن ۋە ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ ئالغان، لېكىن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يۇمىغان[7].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم[8].

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا قولىغا سۇ ئېلىپ گېلىغا كىرگۈزدى، ساقىلىنىڭ ئارىسىغا سۇ ئۆتكۈزدى ۋە رەببىم مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى دېدى[9].

مۇستەۋرىد ئىبنى  شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغاندا پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى چىمچىلاق بارمىقى بىلەن ئارىلاپ يۇيغانلىقىنى كـۆردۈم[10].

رۇبەييىئـ بىنتى مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى. بۇ ئەسنادا ئىككى بارمىقىنى قۇلاقلىرىنىڭ تۆشۈكلىرىگە تىقتى[11].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پارچە رەختى بار ئىدى. تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئەزالىرىنى سۈرتۈۋېتەتتى[12].

2.     چوڭ تاھارەت (غۇسۇل)

غۇسۇل – پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدىغان بىر خىل تاھارەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغۡتَسِلُواْۚ …  ٤٣﴾

«جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار»[13].

﴿… وَإِن كُنتُمۡ جُنُبٗا فَٱطَّهَّرُواْۚ …  ٦﴾

«ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار»[14].

ئاللاھ تائالا بۇ سۆزلىرىدە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنى چوڭ تاھارىتى بولمىسا (يەنى جۇنۇپ بولسا) غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ ئوبدان پاكلىنىپ ئاندىن ناماز ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ.

ھەيزدارلىق ۋە نىفاسدارلىقمۇ چوڭ تاھارەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَيَسۡئَلُونَكَ عَنِ ٱلۡمَحِيضِۖ قُلۡ هُوَ أَذٗى فَٱعۡتَزِلُواْ ٱلنِّسَآءَ فِي ٱلۡمَحِيضِ وَلَا تَقۡرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطۡهُرۡنَۖ فَإِذَا تَطَهَّرۡنَ فَأۡتُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَكُمُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلتَّوَّٰبِينَ وَيُحِبُّ ٱلۡمُتَطَهِّرِينَ  ٢٢٢﴾

«ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار[15]. ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ»[16].

بۇ ئايەتتىكى «ئوبدان پاكلىنىش»نىڭ مەنىسى غۇسۇل قىلىش دېگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى «ئوبدان پاكلىنىش» بىلەن 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 6 – ئايىتىدىكى «ئوبدان پاكلىنىش» ئوخشاش ئىپادىلەردۇر. ئۇ ئىپادىنىڭ غۇسۇل قىلىش مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى 4 – سۈرە نىسانىڭ 43 – ئايىتى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 27 – 31.

[1] بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 2؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 2.

[2] بۇخارى، «تاھارەت»، 2؛ مۇسلىم، «تاھارەت»،  2.

[3] بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 24، 28، «سەۋم»، 27؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 3، 4؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 50؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 27، 28، 93.

[4]  ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 50؛ تىرمىزى،  «تاھارەت»، 37؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 75.

[5]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 22؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 53؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 84 – 85.

[6]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 23.

[7]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 1، 22، 23.

[8]  مۇۋاتتا، «تاھارەت»، 114.

[9]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 56.

[10]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 148؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 30.

[11]  ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 48.

[12]  تىرمىزى،  «تاھارەت»، 40.

[13] 4 – سۈرە نىسا، 43 – ئايەت.

[14] 5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت.

[15]  ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن ئەر – خوتۇنچىلىقتىن باشقا ئىنسانىي ۋە ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتلەرنى ئەينەن داۋاملاشتۇرساڭلار بولىدۇ. بىر ئۆيدە ياشاش، بىر داستىخاندا ئولتۇرۇش، بىر تۆشەكتە يېتىپ – قوپۇش ۋە ھاكازالار بۇرۇنقىدەك داۋاملاشسا ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر.

[16] 2 – سۈرە بەقەرە، 222 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر