مۇسۇلمانلار
تاھارەت تەيەممۇم 1

تاھارەت \ تەيەممۇم

9§. تەيەممۇم

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ …  ٦﴾

«… ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار…»[1].

4 – سۈرە نىسانىڭ 43 – ئايىتىنىڭ بىر قىسمىمۇ بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، تاھارەت ۋە غۇسۇل ئۈچۈن سۇ ئىشلىتەلمىگەن ياكى سۇ تاپالمىغانلارنى توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، تەيەممۇم ھەم كىچىك تاھارەتنىڭ ھەمدە غۇسۇل تاھارەتنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. غۇسۇلنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تەيەممۇم بىلەن تاھارەتنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تەيەممۇم ئوخشاشتۇر.

1.     تەيەممۇمنىڭ يولغا قويۇلۇشى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەرگە چىققان ئىدۇق. «بەيدا» ياكى «زاتۇلجەيش» دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەن چېغىمىزدا بۇلاپكام چۈشۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنى تېپىش ئۈچۈن توختىدى. شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ توختىدى. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق ئىدى. يېنىمىزدىمۇ سۇ قالمىغان ئىدى. كىشىلەر ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئائىشەنىڭ قىلغان ئىشىغا قارىمامسەن؟ ئۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنى ۋە باشقىلارنى بۇ يەردە كاشىلا قىلدى. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق. يېنىمىزدىكى سۇمۇ تۈگەپ قالغان تۇرسا! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمغا كەلدى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بېشىنى يوتامنىڭ ئۈستىدە قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئۇ، سەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەممەيلەننى بۇ يەردە توختىتىپ قويدۇڭ. يېقىن ئەتراپتا سۇ يوق. يېنىمىزدىكى سۇمۇ تۈگەپ قالغان تۇرسا دەپ ماڭا كايىدى ۋە ئاغزىغا كەلگەننى دەپ قولى بىلەن بېقىنىمغا نوقۇشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشى يوتامنىڭ ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن مەن مىدىرلىيالمىدىم. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تاڭ ئاتقىچە سۇ يوق ھالەتتە ئۇخلىدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا تەيەممۇم ئايىتىنى نازىل قىلدى ۋە ئۇلار تەيەممۇم قىلدى[2].

ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماي بىر تەرەپتە ئايرىم تۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ، «ئى پالانى! نېمىشقا جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمايسەن» دېگەن ئىدى، ئۇ كىشى ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن جۇنۇپ بولۇپ قالدىم، سۇ يوق دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام «پاك تۇپراق ئىشلەتكىن، ئۇ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى[3].

2.     تەيەممۇمنىڭ شەكلى

تەيەممۇم ئىككى قولنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ يۈزىنى سىلاش ۋە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ ئىككى قولنى سىلاشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەيەممۇمدا قولىنى يەرگە ئۇرۇپ، يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى سىلىغان[4].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەيەممۇم ھەققىدە سوئال سورالغاندا مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا تاھارەتنى بايان قىلغاندا «يۈزلىرىڭلارنى ۋە جەينەكلىرىڭلارغىچە قوللىرىڭلارنى يۇيۇڭلار» دېدى. تەيەممۇمدا بولسا، «يۈزلىرىڭلارنى ۋە قوللىرىڭلارنى سىلاڭلار» دېدى، ئوغرىلىق ھەققىدە «ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قولنى بېغىشىدىن كەسكەن ئىدى. ئۇنداقتا تەيەممۇمدا سىلىنىدىغان يەر پەقەتلا يۈز ۋە ئىككى قولدۇر[5].

سۇ سوغۇق بولۇپ غۇسۇل قىلسا كېسەل بولۇپ قېلىشتىن قورققانلارمۇ كېسەلنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن زاتۇسسەلاسىل ئۇرۇشىدا سوغۇق بىر كېچىدە ئېھتىلام بولۇپ قالدىم. غۇسۇل قىلسام ھالاك بولۇپ كېتىشىمدىن قورقتۇم. شۇنىڭ بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ھەمراھلىرىمغا ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم. ئۇلار بۇ ھادىسىنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلىشتى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئى ئەمر! سەن جۇنۇپ تۇرۇپ ھەمرالىرىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟» دېدى. مەن ئۇنىڭغا مېنى غۇسۇل قىلىشتىن توسقان نەرسىنى ئېيتىپ بەردىم ۋە ئاللاھ تائالانىڭ «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام كۈلدى ۋە ھېچ نەرسە دېمىدى[6].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا يارىدار بىر كىشى ئېھتىلام بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كىشى غۇسۇل قىلىشقا بۇيرۇلدى ۋە غۇسۇل قىلدى. ئاندىن ئۆلۈپ قالدى. بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپتۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالسۇن! بىلمىسە سورىسا بولمامدۇ؟ بىلمەسلىكنىڭ داۋاسى سوراشتۇر. ئۇنىڭ تەيەممۇم قىلىشى ياكى يارىسىنى تېڭىپ، ئۈستىگە مەسىھ قىلىشى ۋە بەدىنىنىڭ قالغان قىسمىنى يۇيۇشى يېتەرلىك بولاتتى»[7].

سۇ تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇغانلار ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇ تاپقان بولسا تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى قايتا ئۆتەشى كېرەك ئەمەس. ئەگەر تاھارەت ئېلىپ قايتا ئوقۇسا ئىككى ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئىككى كىشى بىر سەپەرگە چىققان ئىدى. سەپەر ئەسناسىدا نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ قالدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇ تاپتى. بۇ ئىككى كىشىدىن بىرى تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇدى. يەنە بىرى ئۇنداق قىلمىدى، كېيىن بۇ ئىككى كىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇمىغان كىشىگە «سەن سۈننەت بويىچە توغرا ئىش قىلدىڭ ۋە نامىزىڭ يېتەرلىكتۇر» دېدى، تاھارەت ئېلىپ نامازنى قايتا ئوقۇغان كىشىگە بولسا: «ساڭا ئىككى ئەجىر بار» دېدى[8].

3.     تەيەممۇمنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

  • تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللار تەيەممۇمنىمۇ سۇندۇرىدۇ.
  • سۇنىڭ تېپىلىشى تەيەممۇمنى سۇندۇرىدۇ.
  • تەيەممۇم قىلىشقا سەۋەب بولغان ئەھۋالنىڭ يوقىلىشى تەيەممۇمنى سۇندۇرىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 36 – 39.

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت.

[2] بۇخارى، «تەيەممۇم»، 1، «فەزائىلۇسساھابە»، 5، 30، «تەپسىر – سۈرە مائىدە»، 3، «نىكاھ»، 65، 125، «لىباس»، 52، «ھۇدۇد»، 39؛ مۇسلىم، «ھەيز»، 108؛ مۇۋاتتا، «تاھارەت»، 89؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تاھارەت»، 123؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 194.

[3] بۇخارى، «تەيەممۇم»، 6، 8، «مەناقىب»، 25؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 203.

[4] بۇخارى، «تەيەممۇم»، 6، مۇسلىم، «ھەيز»، 111.

[5] تىرمىزى، «تاھارەت»، 110.

[6]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 126.

[7]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 127؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 93.

[8]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 128؛ نەسەئى، «غۇسل»، 27.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر