مۇسۇلمانلار
تاھارەتنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار 1

تاھارەتنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

7§. تاھارەتنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان ئامىللار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَإِن كُنتُمۡ جُنُبٗا فَٱطَّهَّرُواْۚ وَإِن كُنتُم مَّرۡضَىٰٓ أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوۡ جَآءَ أَحَدٞ مِّنكُم مِّنَ ٱلۡغَآئِطِ أَوۡ لَٰمَسۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمۡ تَجِدُواْ مَآءٗ فَتَيَمَّمُواْ صَعِيدٗا طَيِّبٗا فَٱمۡسَحُواْ بِوُجُوهِكُمۡ وَأَيۡدِيكُم مِّنۡهُۚ …  ٦﴾

«… ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار…»[1].

بۇ ئايەتتە ھاجەتخانىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئاز دېگەندە بىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن كىچىك تاھارەتنىڭ، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇش بىلەن چوڭ تاھارەتنىڭ سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. شۇنىڭدەك، بۇ ئىككى تاھارەتنى ئېلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىغان كىشىگە تەيەممۇم قىلىش رۇخسىتىنىڭ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنماقتا[2].

ئەبباد ئىبنى تەمىم تاغىسى ئابدۇللاھ ئىبنى زەيددىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئاۋازىنى ئاڭلىغانغا قەدەر ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن» دېگەن[3].

 بۇ ھەدىستىن مەقئەتتىن يەل چىقارغان كىشىنىڭ ھاجەتخانىدىن كەلگەن كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا تاھارىتى سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى چىقىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى كۆز مەقئەتنىڭ بوغقۇچىسىدۇر. ئۇنداقتا ئۇخلاپ ئويغانغان كىشى قايتىدىن تاھارەت ئالسۇن»[4].

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇخلاش، ئايلىنىپ كېتىش ياكى دورا ئىستېمال قىلىش…. ئارقىلىق تەرەت يوللىرىدىن بىر نەرسە چىققانلىقىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەقىل – ھوشىنىڭ يوقىلىشى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 33 – 34.

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسانىڭ 43 – ئايىتىدىمۇ بۇ ھۆكۈملەر بايان قىلىنىدۇ.

[3]  بۇخارى، «ۋۇدۇئـ»، 4، 34، «بۇيۇئـ»، 5؛ مۇسلىم، «ھەيز»، 98؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 68؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 116.

[4]  ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 80.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر