مۇسۇلمانلار

تاماكا ھەققىدە

تاماكا
تاماكىنىڭ قىسقىچە تارىخى
1492- يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماترۇس كۆرگەن، ئىككى ماترۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسىنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ، ئۇنى دىنى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.
1496-  يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيىگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.
1518-يىلى ئىسپانىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چېكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چېكىش ھىسابلىنىدۇ.
 1530- يىلى ئىسپانىيىلىكلەر تاماكا تېرىغان.
 1560- يىلى فرانسىيەنىڭ پورتۇگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خېمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.
1575-يىلى كۆك تاماكا فىلىپپىندىن جۇڭگوغا كىرگەن.
 1595- يىلى ئەنگىلىيىلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.
 
1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.
 1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامېرىكىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دېگەن بازىرىدا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىنىدىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليىگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامېرىكىدا تاماكا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان.
1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنىيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسىيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.
 1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكلىگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان.
 1666-يىلى ئەنگىليىدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.
1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھىرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئوقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چېكىش دۇنياغا كەلگەن.
1825 يىلى شېۋىتسارىيىلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بولۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجرىتىۋالغان.
1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلىناتتى.
 1900-يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.
 1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىنىنى يوقىتىش ھەرىكىتى» ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىندى.
 1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.
 
 1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
 1948- يىلى « ئامېرىكا تىببى جەمئىيىتى ژۇرنىلى »دا، « پسخىلوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دېيىلدى.
 1955- يىلى ئامېرىكا قوشما شىتات سودا كومېتېتى تاماكا ئېلانلىرىدا سالامەتلىككە پايدىلىق دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى.
 1957- يىلى ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇ گۇرۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
 1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.
 1967- يىلى نيويوركتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقئارا يېغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرۈلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.
1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر -1980 يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى، ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بويىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى.
 1983- يىلى ئامېرىكا ھەر يىلى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
 1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېلىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
 1989- يىلى ئامېرىكا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكلاتىدا، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى.
ھازىر بىز ئىسلام دىنىمىزنىڭ تاماكا ھەققىدىكى ھۆكمىگە قاراپ باقايلى:
 دىنىمىزنىڭ مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە ھەدىس كىتابلىرىدا چوشقا، قان ۋە ئۆزى ئۆلگەن نەرسىلەرنى ئۇچۇق ھارام قىلغاندەك تاماكا ھەققىدە ئۇنداق ئۇچۇق چەكلىمە قويغان بىر ھۆكۈم يوق.  دىنىمىز بىر نەرسىنى ھالال ياكى ھارام قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇ نەرسىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان پايدا-زىيىنىنى چىقىش قىلىپ ھۆكۈم قىلىدۇ.
دېگىنىمىزدەك، قۇرئاندا ياكى سۈننەتتە تاماكىنىڭ ئېنىق ھۆكمى بولمىغانلىقى ۋە پەن- تېخنىكا ۋە تىبابەتنىڭ تەرەققىياتى يىتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن تاماكىنىڭ تەركىبىنى، خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىق ئىچىپ بېرىلمىگەچكە بۇرۇنقى ئالىملىرىمىز تاماكا ھەققىدە كەسكىن بىر ھۆكۈم بېرەلمىگەن ئىدى.
 تاماكا ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك دەلىلگە تايىنىمىز؛بىرى، ئەقلىي دەلىل، يەنە بىرى، نەقلىي دەلىل.
ئەقلىي دەلىل:
ئىسلام دىنى بەدەنگە، ئەقىلگە، مالغا، جەمئىيەتكە ۋە ئەخلاققا زىيانلىقبولغان ھەرقانداق نەرسىدىن مەنئى قىلىدۇ. تاماكا يۇقىرىدىكى بەش خىلنەرسىنىڭ ھەممىگە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى چېكىش قەتئىي مەنئىقىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئۇ زىيانلارنى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىمىز:
1- تاماكا بەدەنگە زىيانلىق. بەدەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغابەرگەن ئامانىتى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز مۈلكى ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئاللاھتائالا كۆرسەتكەن يول بويىچە پايدىلىنىپ، ئاخىرىدا ئاللاھ تائالاغا تەسلىمقىلىش لازىم.
بىر ئادەمنىڭ، ئۆزۈمنىڭ دەپ قولىنى ياكى پۇتىنى ۋە ياكى قانداقلا بىرئەزاسىنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزۈشى توغرابولمىغاندەك تاماكا چېكىش ئارقىلىق ئۆز ۋۇجۇدىغا زىيان يەتكۈزىشىمۇ توغرائەمەس.
تاماكىنىڭ بەدەنگە زىيانلىق بىر نەرسە ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرلارتەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىندى. جۈملىدىن دۇنيا بويىچەراك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغۇچىلارنىڭ %90   تاماكا چەككۈچىلەردىن بولغانلىقىئىسپاتلىنىپ، بۇ توغرىدا ماقالىلار يېزىلدى. مانا بۇ تاماكىنىڭ بەدەنگەزىيانلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
پۈتۈن دۇنيادىكى تاماكا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى تاماكىنىڭ قېپىغا «تاماكا ساقلىڭىزغا زىيانلق» دېگەن مەزمۇندا بىر ئاگاھلاندۇرۇش يېزىپقويىدۇ. ئۇلار بۇنى، تاماكا چېكىپ زىيانغا ئۇچراپ، شىركەتلىرى ئۈستىدىنسوتقا ئەرز قىلغۇچىلار بولۇپ قالسا، سوت مەھكىمىسىدە بىز «تاماكا زىيانلىق» دەپ قېپىغا يازغان ئىدۇق، دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن يازىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تاماكا چەككۈچىلەر بىلەنتاماكا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق دەۋا – دەستۇرلەربولۇپ تۇرىدۇ. خەلقئارالىق گېزىت – ژورناللاردا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭخەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.
2- تاماكا ئەقىلگە زىيانلىق. چۈنكى تاماكىنى چېكىپ باقمىغان كىشى چەكسە،ياكى چېكىپ ئادەتلەنگەن كىشى كۆپ چەكسە ياكى قاتتىق شورىسا ئازراق مەستقىلىدۇ. بۇمۇ دوختۇرلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان. پەيغەمبىرىمىزئەلەيھىسسالام: «كۆپى مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ ھارام» دېگەن. (بۇھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
3- تاماكا مالغا (ئىقتىسادقا) زىيانلىق. چۈنكى چېكىدىغان تاماكىنىپۇلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تاماكا ئالغان پۇل ھېچبىر پايدا ئېلىپكەلمەستىن قولدا قالغان پۇلنىڭ ئاز قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ، ھەرقانداقكىشى ئاسانلا بىلەلەيدىغان بىر ھەقىقەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا چەككەن كىشىئائىلىسىگە يىمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەك ئېلىشنىڭ ئورنىغا تاماكا ئېلىپچېكىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر كۈن تاماكىغا سەرپ قىلىدىغان پۇلنى يىغسا، يىغىلغانپۇل بىلەن تۇرمۇشىنى راھەت – پاراغەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى، بالىلىرىنى ئۇبدانئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە پايدىلىق بىر ئادەم قىلىپ سۇنۇشى مۇمكىن.
4- تاماكا جەمىيەتكە زىيانلىق. مەسىلەن: تاماكنىڭ ئىسى ھاۋانىبۇلغايدىغان بىر زەھەر بولغاچقا تاماكا چەككەن كىشى ئايالىغا، بالىلىرىغا،ھەمراھلىرىغا، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. دوختۇرلارنىڭدېيىشىچە تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن بىر ئۆيدە 4 سائەت بىللە ئولتۇرغان كىشى 10 دانە تاماكا چەككەندەك بولىدىكەن. تاماكا چېكىپ ئۆپكە، زۇكام ۋە باشقاكېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ كېسىلى باشقىلارغا يۇقىدۇ. بولۇپمۇيۆتەلگەن چېغىدا شۇنداق بولىدۇ.
سۇ ۋە ھاۋا ھايات ئۈچۈن ئاساسلىق ئىككى ماددە. سۇنى بۇلغاش مەنئىقىلىنغاندەك ھاۋانى بۇلغاشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ. بىر كۆلنىڭ سۈيىگە بىرزەمبىل پوقنى تۆكۈش قانچىلىق يامان ئىش بولسا، تاماكا چېكىپ ھاۋانىبۇلغاشمۇ ئاز دېگەندە شۇنچىلىك يامان ئىش. بۇنى ئەقىلپاراسەت ئىگىلىرىبايقىيالايدۇ.
5- تاماكا ئەخلاققا زىيانلىق. چۈنكى تاماكا چېكىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا يات بىر ئىش. مۇسۇلمان ئەخلاقنىدىنىدىن ئۆگىنىشى لازىم. دىنى نېمىگە بۇيرۇسا، ئۇنى قىلىش، نېمىدىن چەكلىسەئۇنىڭدىن يېنىش، دىنىمىز بىزگە ئۆگەتكەن ئەخلاقتۇر. دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە،ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان، ھەتتا زىيىنى بولغانئىشنى تەرك ئېتىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدۇر. ئاللا تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر بىھۈدە سۆز- ھەرىكەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر» (مۇئمىنۇنسۈرىسى 23/3).
تاماكا چېكىدىغان كىشى تاماكا ئېلىشقا پۇل تاپالمىغان چاغلاردا جىلەبولۇپ بىكاردىن- بىكار باشقىلارغا ئاچچىقلايدۇ. بەزىلەر بىلەن تىللىشىدۇ. بەزىلەرنى ھاقارەتلەيدۇ. بەزىدە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق كىشىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى، ئائىلىسىبىلەن بولغان مۇئامىلىسى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىگە نىسبەتەن ناچار بولىدۇ.
تاماكا چىكىدىغان كىشى بەزىدە بالىلىرىغا ئازار بېرىدۇ. ئايالىغا دەشنەمقىلىدۇ. بەزىدە ئۆزىچە چىچاڭلاپ ئايالىنى تالاق قىلىۋېتىپ ئايالىنى تۇل،بالىلىرىنى يېتىم، ئۆزىنى دىۋانە قىلىپ قويىدۇ. تاماكا چېكىدىغان كىشىنىڭئاغزى سېسىق، يۈزى نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ.
تاماكىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زىيانلىرى بار. بۇ زىيانلار تۆۋەنكىچە:
ئا – ھەر كۈن تاماكا، چاقماق ياكى سەرەڭگە ئېلىشقا چىقىم بولغان پۇلنىڭھېسابىنى قىلىدىغان بولساق، مۇدھىش بىر رەقەم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىئىسلام دۇنياسى مىقياسىدا ھېسابلاپ باقايلى قېنى. ئاندىن بۇنىڭغا تاماكىنىڭسەۋەبىدىن بولغان كېسەللەرنى داۋالاشقا كەتكەن مەبلەغنى قوشۇپ باقايلى. بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ماتېماتىك بولۇش كېرەك ئەمەس.
ب – تاماكا چېكىش دۇكان، ئۆي، زاۋۇت – فابرىكا، ماي ئىسكىلاتلىرى ۋەباسما زاۋۇتلىرى قاتارلىق جايلارغا ئوت كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. كۆيۈپ كەتكەنئۆي، كارخانا، ئاپتومۇبىل ۋە ھاكازالارنىڭ كۆيۈپ كېتىش سەۋەبلىرىنىتەكشۈرگەن چېغىمىزدا يەنە تاماكا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇچقۇندىنيانغىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ.
نەقلىي دەلىل:
تاماكا چېكىشنىڭ ھاراملىقىغا يۇقىرىدىكى ئەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىنكېيىن تۆۋەندە نەقلىي دەلىللەر كەلتۈرىمىز:
تاماكا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يوق ئىدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپكەلگەن ئىسلام دىنى ۋۇجۇتقا، قوشنىغا ۋە ئىقتىسادقا زىيانلىق ھەرقانداقنەرسىنى ھارام قىلىدىغان كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندە ئۇ ھۆكۈملەرنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىمىز:
1- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنىھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ»- (ئەئراف7/157).
تاماكا زىيانلىق، ناپاك، سېسىق نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر.
2- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەنتەھلىكىگە ئاتماڭلار»- (بەقەرە 2/195).
تاماكا راك ۋە ئۆپكە كېسىلىگەئوخشاش ھالاكەتلىك كېسەللەرنى كەلتۈرىدۇ. تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنى ئۆزىھالاكەتكە تاشلىغان بولىدۇ.
3- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»- (نىسا 4/29).
تاماكا چېكىش ئۆزىنى ئالدىرىماي ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ.
4- اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تۇغقانغا، يوقسۇلغا، يولدا قالغۇچىغاھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن. چۈنكى بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭقېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا دائىما رەببىگە نان كوردۇر»- (ئىسرا 17/26 – 27)
تاماكا چېكىش مالنى بۇزۇپ چاچقانلىقتۇر ۋە ئىسراپ قىلىشتۇر.
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيانتارتىشقا بولمايدۇ»- (بۇ ھەدىسنى بەيھەقى، نەۋەۋى ۋە ئەھمەد رىۋايەتقىلغان).
تاماكا چېكىش بالا – چاقىلارغا، دوست – بۇرادەرلەرگە، قولۇمقوشنىلارغا ۋە پۇل- ماللارغا زىيان سالغانلىقتۇر.
6- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : «كىمكى ئاللاھغا ۋەقىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولسا، قوشنىسىغا ئازار بەرمىسۇن»- (بۇ خارىرىۋايەت قىلغان).
تاماكا چەككەن كىشى ئۆزىنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەنئايالىغا، بالىلىرىغا ۋە قوشنىلىرىغا، بولۇپمۇ پەرىشتىلەرگە ۋە نامازئوقۇغۇچىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ.
7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندە قىيامەت كۈنىتۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن سورالمىغۇچە ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى مىدىرلىمايدۇ: ئۆمرىڭنى نېمىدە تۈگەتتىڭ؟ ئىلمىڭ بىلەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ مېلىڭنى نەدىنتاپتىڭ ۋە نەگە خەجلىدىڭ؟ جىسمىڭنى نېمىدە چىرىتتىڭ؟»- (تىرمىزى).
تاماكاچېكىدىغان كىشى مېلىنى تاماكىغا خەجلەپ جىسمىنى ئۇنىڭ بىلەن چىرىتىدۇ.
خۇلاسە:
ئەنە شۇ ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرگە ئاساسەن تاماكا چېكىش ھارامدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر