مۇسۇلمانلار

تاغامنىڭ مىراسىنى قانداق ئايرىيمىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

سوئال:

مېنىڭ تاغامنىڭ ئككى قىزى، ئىككى ئوغلى بار. بۇلارنىڭ چوڭى قىز. بۇ تاغامنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى. لېكىن بۇنى بىر ياشتا ئانسدىن ئاجرىشىپ كېتپ ئانىسىغا مولاپ بەرگەن. 40 يىلغىچە دادىسىنى يوقلىمىغان.

ئىككىنچىسى ئوغۇل. بۇ ئوغۇل تاغامغا ئۆگەي. لېكىن بۇنى 6 ياشتىن تارتىپ تاغام بېقىپ ئۆيلۇك-ئوچاقلىق قىلدى.

ئۈچىنچىسى يەنە قىز. بۇ تاغامنىڭ بېقىۋالغان قىزى. تۆتىنچىسى ئوغۇل. بۇ ئوغۇلمۇ بېقىۋالغان ئوغۇل. لېكىن بۇ ئوغۇل يەنى تاغامنىڭ تۆتىنچى ئوغلى دادىسنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلغان، دادىسىمۇ بۇ ئوغلىدىن قاتتق رازى بولغان.

ھازىر تاغام ۋاپات ئەتتى. شۇ سەۋەپدىن مىراس مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش چىقتى بۇنى قانداق تەقسىم قىلمىز؟ ھۆرمەت بىلەن: ئوغۇزخان ئوغلى

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

 ئىسلام دىنىمىزنىڭ مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە ئۆگەي بالا ۋە بېقىۋالغان بالا مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ. چۈنكى ئۆگەي بالا ئۆز بالا ھېسابلانمايدۇ. ئۇنىڭ، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا يات بىر ئادەم بىلەن پەرقى يوقتۇر. بېقىۋالغان بالىغا كەلسەك، بېقىۋالغان بالا قۇرئاننىڭ ھۆكمىدە ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.

بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنىلكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (ئەھزاب 33/4-5).

دىنىمىزدا بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدىن (ئۆلگەن چېغىدا) مىراس ئالالىشى ئۈچۈن ئۆلگۈچىگە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بىلەن يېقىنلىقى بولغان بولۇش كېرەك:

1- ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى بولۇش، ئۆلگۈچىنىڭ قىزى بولۇشنىڭ ياكى ئوغلى بولۇشنىڭ پەرقى يوق، لېكىن مىراستىن ئالدىغان مىقدار قىزغا بىر ھەسسە، ئوغۇلغا ئىككى ھەسسەدۇر.

2- ئۆلگۈچى ئەر بولسا، خوتۇنى بولۇش، ئۆلگۈچى ئايال بولسا، ئېرى بولۇش. ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى بار-يوقلۇقىغا قاراپ بۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەسسىسى بەلگىلىنىدۇ.

3- ئۆلگۈچىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى بولۇش. بۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەسسىسىمۇ ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى بار-يوقلۇقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

4- ئۆلگۈچىنىڭ قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسى بولۇش. بۇلار ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى ياكى ئاتا-ئانىسى ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى بولسا، مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ.

ئۆلگۈچىنىڭ ئانا بىر قېرىندىشىنىڭ ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسىنىڭ مىراستىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ئانىنىڭ ئۆلگەن بولۇشى كېرەك.

ئۆلگۈچىنىڭ دادا بىر قېرىندشىنىڭ ياكى دادا بىر ھەمشىرىسىنىڭ مىراستىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن دادىنىڭ ئۆلگەن بولۇشى كېرەك.

ئۆلگۈچىنىڭ ئانىمۇ بىر دادىمۇ بىر قېرىندىشىنىڭ ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراستىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن دادا بىلەن ئانىنىڭ ئۆلگەن بولۇشى كېرەك.

بۇلار ئەگەر ئانا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئانا بىر قېرىنداش ياكى ئانا بىر ھەمشىرە، ئەگەر دادا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، دادا بىر قېرىنداش ياكى دادا بىر ھەمشىرە قاتارىدا مىراستىن ھەسسە ئالىدۇ.

 ئاللاھ تەئالا مىراس تەقسىماتىنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى نىسا سۈرىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ۋە:

«ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇيەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر. كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ،  ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن،  ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۇ قالىدۇ ۋە خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ»- (نىسا 4/13-14) دەپ بۇ توغرىدىكى «قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ  كەتكەن» لەرنى قاتتىق جازايلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر