مۇسۇلمانلار

بە ش نامازنىڭ تارىخى

بەش ۋاخ نامازنىڭ تارىخى
بەش ۋاخ نامازنىڭ تارىخى يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدىن بەش ۋاخ نامازنىڭ تۇنجى بولۇپ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا پەرز قىلىنغان بىر ئىبادەت ئەمەسلىكى، ئەكسىچە نامازنىڭ تا ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغانلىقى چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ …»
«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: ‹دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار›.»- شۇرا 42/13.
بۇ ئايەت دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە بەندىنىڭ رەببى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس سىمۋولى بولغان نامازنىڭ پۈتۈن شەرىئەتلەردە بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، تۆۋەندىكى ئايەتلەردىمۇ نامازنىڭ پۈتكۈل ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەنمەكتە. ئايەتلەر مۇنداق:
«إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ»
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر»- ئال ئىمران 3/96.
كەبە ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھتۇر. بۇ ئايەتتىكى «ئىنسانلار» تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىبادەتخانىدا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە نامازنىڭمۇ بارلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَاهِيمَ مَكَانَ الْبَيْتِ أَنْ لَا تُشْرِكْ بِي شَيْئًا وَطَهِّرْ بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْقَائِمِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ»
«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: ‹ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت›.»- ھەج 22/26.
«وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَذَا الْبَلَدَ آمِنًا وَاجْنُبْنِي وَبَنِيَّ أَنْ نَعْبُدَ الْأَصْنَامَ. رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي وَمَنْ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَحِيمٌ. رَبَّنَا إِنِّي أَسْكَنْتُ مِنْ ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِنْدَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُمْ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ. رَبَّنَا إِنَّكَ تَعْلَمُ مَا نُخْفِي وَمَا نُعْلِنُ وَمَا يَخْفَى عَلَى اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ. الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي وَهَبَ لِي عَلَى الْكِبَرِ إِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِنَّ رَبِّي لَسَمِيعُ الدُّعَاءِ. رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَاءِ»
«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ‹رەببىم! بۇ شەھەرنى بىخەتەر قىلغىن، مېنى ۋە ئەۋلادىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ساقلىغىن!
رەببىم! ھەقىقەتەن ئۇ بۇتلار نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىم ماڭا ئەگەشسە، ئۇ مەندىندۇر، كىم ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، سەن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مەرھەمەت قىلغۇچىسەن.
رەببىمىز! مەن ئائىلەمنىڭ بىر قىسمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ يېنىدىكى زىرائەتسىز ۋادىغا يەرلەشتۈردۈم. رەببىمىز! ئۇلارنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم. شۇڭا بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارغا ھەر خىل مېۋە ۋە مەھسۇلاتلاردىن رىزىق ئاتا قىلغىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇلار شۈكۈر ئېيتقاي.
رەببىمىز! بىز خاھى يوشۇرۇن قىلايلى، خاھى ئاشكارا قىلايلى، سەن بىزنىڭ ھەممە قىلمىشىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن. زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچبىر نەرسە ئاللاھقا مەخپىي بولۇپ قالمايدۇ. ياشىنىپ قالغان چېغىمدا ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.
رەببىم! مېنى ۋە نەسلىمنىڭ بەزىسىنى نامازنى كامىل ئوقۇغۇچى قىلغىن. رەببىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن›.»- ئىبراھىم 14/35-40.
«أُولَئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا إِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا. فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا»
«ئەنە شۇلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى بىز نۇھ بىلەن بىللە قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسىلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھىدايەت قىلغان ۋە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا رەھماننىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، يىغلىشىپ سەجدىگە باش قويىدۇ.
لېكىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن، نامازنى زايە قىلغان ۋە نەپسىگە ئەگەشكەن ئەسكى بىر نەسىل كەلدى. ئۇلار ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى يېقىندا تارتىدۇ»- مەريەم 19/58-59.
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم، لۇت، ئىسھاق ۋە يەقۇب ئەلەيھىمۇسسالامنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:
«وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِمْ فِعْلَ الْخَيْرَاتِ وَإِقَامَ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءَ الزَّكَاةِ وَكَانُوا لَنَا عَابِدِينَ»
«بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەر قىلدۇق، ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى كامىل ئوقۇشنى، زاكاتنى بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىدى»- ئەنبىيا 21/73.
شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلىنى (ئائىلە-تاۋابىئاتىنى) نامازنى ئوقۇشقا ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيدىغان بەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا. وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا»
«ئى مۇھەممەد! بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىرى ئىدى، ئەلچى ئىدى، پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئائىلىسىنى ناماز ئوقۇشقا ۋە زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى»- مەريەم 19/54-55.
ئاللاھ تائالانىڭ بەنى ئىسرائىل (ئىسرائىل ئەۋلادى)غا قىلغان «وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ(نامازنى كامىل ئوقۇڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار)» (بەقەرە 2/43) دېگەن بۇيرۇقى بىزگە پەرز قىلىنغان نامازنىڭ ئەينى شەكىلدە يەھۇدىيلارغىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە يەھۇدىيلاردىن ئالغان ئەھدىنىڭ ئىچىدە ناماز ۋە زاكاتنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ»
 
«ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: ‹ئاللاھدىن باشقىسىغا قۇللۇق قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار. نامازنى كامىل ئوقۇڭلار. زاكاتنى بېرىڭلار!› دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق[1]. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر»- بەقەرە 2/83.
ئاللاھ تائالا بۇ بۇيرۇقىنى مۇسا ۋە قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىمەسسالامغا قىلغان خۇسۇسىي بىر بۇيرۇقىنىڭ ئىچىدىمۇ تەكرارلايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ»
«بىز مۇساغا ۋە قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى كامىل ئوقۇڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»- يۇنۇس 10/87.
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئالاھىدە مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي»
«شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنداقتا سەن ماڭا ئىبادەت قىل ۋە مېنى ياد ئېتىش ئۈچۈن نامازنى كامىل ئوقۇ!»- تاھا 20/14.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىش» توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ھەم مۇسۇلمانلارغا ھەم بەنى ئىسرائىلغا (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ»
«ئى مۇئمىنلار! سەبىر قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش بىلەن ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ سەۋر قىلغۇچلار بىلەن بىللىدۇر»- بەقەرە 2/153.
«وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ»
«ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش بىلەن ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز ھەقىقەتەن ئېغىر بىر ۋەزىپىدۇر. لېكىن ئۇ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھغا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس»- بەقەرە 2/45.
ئەھلى كىتابقا قەتئىي بىر شەكىلدە قىلىنغان ئەمىرلەرنىڭ ئىچىدە نامازنىڭ بارلىقى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن ئېنىق بىلىنىدۇ. ئۇ ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:
«وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ. وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ»
«كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا پىرقىلەرگە ئايرىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىشقا، ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، نامازنى كامىل ئوقۇشقا، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر»- بەييىنە 98/4-5.
لۇقمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرىدىن بىرىنىڭ ناماز ئىكەنلىكىنى مۇنۇ ئايەت ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ»
«ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى كامىل ئادا قىلغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن،يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانابۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر»- لۇقمان 31/17.
ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغانلىقىنى سۆزلىگەنلىكى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ:
«…وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا»
«ئاللاھ مېنى ھاياتلا بولسام نامازنى ئوقۇشقا ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى»- مەريەم 19/31.
پۈتۈن بۇ ئايەتلەر بىزگە پەرز قىلىنغان نامازنىڭ تۇنجى ئىنسان ۋە تۇنجى پەيغەمبەر بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئېتىبارەن پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە پەرز قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ناماز ۋاقىتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر «جىبرىئىل ھەدىسى» دە بايان قىلىنغىنىدەك جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلغان، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر» دېدى[2].
دېمەككى، بەش ۋاقىت ناماز بەش ۋاقتى بىلەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۇممەتلىرىگە پەرز قىلىنغان ئەڭ ئاساسلىق ئىبادەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدۇ.

[1]– سۈرە مائىدىنىڭ 12- ئايىتىمۇ بۇ ئەھدىنى بايان قىلىدۇ.

[2]– بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167؛ تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر