مۇسۇلمانلار

«بەشەر، مەلەك» توغرىمۇ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
1- بىز ھەر ناماز (بولۇپمۇ جامائەت بولۇپ ئوقۇغان پەرز ناماز) نىڭ ئاخىرىدا سالام بەرگەندە ئوڭ، سول تەرىپىمىزدە (ياكى ئوڭ ياكى سول بىر تەرەپتە) مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز بولسا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ مەلەك بەشەر دەپ، ئىككىلا تەرىپىمىزدە (ئوڭ ياكى سول تەرەپتە) مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز بولمىسا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەپلا سالام بېرىپ ئادەتلەنگەن. بۇ توغرىمۇ؟
جاۋاب:
مەن سىزگە ئىشنىڭ توغرىسىنى يەنى دىنىمىزنىڭ نامازدىن سالام بېرىپ چىقىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى يوللاپ بېرەي، خاتاسىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىۋېلىڭ:
نامازدا ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا ئەتتەھىيياتۇ، ئاللاھۇممە سەللىئەلا، ئاللاھۇممە بارىكئەلا ۋە دۇئالار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە، ئاندىن سول تەرەپكە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىلىدۇ. ئىفتىتاھ تەكبىرىنىڭ نامازنىڭ بىر ئەركانى بولغانلىقىغا دالالەت قىلغان ھەدىس نامازنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرىشنىڭمۇ نامازنىڭ بىر ئەركانى بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ھەدىس مۇنداق:
«نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەت، بېشى تەكبىر، ئاخىرى سالامدۇر»[1].
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قانداق سالام بەرگەنلىكىنى ئەمر ئىبنى سەئد دادىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ:
رەسۇلۇللاھ نامىزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ئوڭ تەرىپىگە ۋە سول تەرىپىگە سالام بېرەتتى. ھەر تەرىپىگە سالام بەرگەندە يۈزىنى شۇ تەرەپكە چۆرۈيتتى. مەن ئارقىدا تۇرۇپ رەسۇللاھنىڭ ئىنىكىنىڭ ئاقلىقىنى كۆرەتتىم[2].
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ نامىزى ئاخىرلاشقاندا ئوڭ تەرىپىگە ۋە سول تەرىپىگە سالام بېرىۋېتىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ» دەيتتى[3].
مانا بۇ ھەدىسلەر سالام بەرگەندە قانداق شەكىلدە تۇرۇپ سالام بېرىشىمىزنى ۋە سالامنى قانداق بېرىشىمىزنى بىزگە ئۆگىتىدۇ. دېمەككى، نامازنىڭ سالامىدا «ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ» دېيىلمەيدۇ. «بەشەر، مەلەك» ۋە ياكى «مەلەك، بەشەر» دېگەندەك سۆزلەرمۇ قىلىنمايدۇ. بۇلار ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان بىدئەتلەردۇر.

[1]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 73-74، تاھارەت 31؛ تىرمىزى، تاھارەت 3، مەۋاقىت 62؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 3؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 1/123.

[2]– مۇسلىم، مەساجىد 119 (582)؛ نەسەئى، سەھۋ 68.

[3]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 189؛ تىرمىزى سالات 221؛ نەسەئى، سەھۋ 71.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر