مۇسۇلمانلار

بەشىنچى بۆلۈم پۇل

بەشىنچى بۆلۈم پۇل
پۇل
پۇل ئەشيالارغا بەدەل بولالايدىغان ۋە مال-مۈلۈكنى ساقلاشقا ئەسقاتىدىغان تۆلەش ۋاسىتىسىدۇر. مېتالدىن ياسالغىنى مېتال پۇل، قەغەزدىن ياسالغىنى قەغەز پۇل، دېيىلىدۇ. چەك بىلەن ياكى ھېسابتىن ھېسابقا يۆتكەش بىلەن ئىشلىتىدىغان پۇللارمۇ قەغەز پۇل دائىرىسىگە كىرىدۇ.
1- مېتال پۇل
  مېتال پۇل ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا مېتاللاردىن بېسىلىدۇ. فىقىھ مەنبەلىرىدە ئالتۇندىن ياسالغىنى دىنار، كۈمۈشتىن ياسالغىنى دىرھەم، مىس، نېكىل ۋە برونزاغا ئوخشاش مېتاللاردىن ياسالغىنى فەلس، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەم پۇل ھەم مېتال سۈپىتىدە قىممەتلىرى بار بولۇپ، ئىستېمالدىن قالغاندا پۇل قىممىتى يوقىلىپ، مېتال قىممىتى قالىدۇ. مەسىلەن: ئوسمانلى لىراسى كۈنىمىزدە پۇل ئەمەس، لېكىن ئىستانبۇل زەرخانىسى[1] ئۇنى بېسىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، چۈنكى ئۇ يا زىننەتلىنىش ياكى مال-مۈلۈكنى ساقلاش مەقسىتى بىلەن سېتىۋېلىنماقتا.
 نۆكچە ئالتۇن توغرىسىدا قاراش كېرەك: ئەگەر ئىنسانلار ئۇنى پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان بولسا پۇل، بولمىسا تىجارەت مېلى ھېسابلاش لازىم. نۆكچە ھالىتىدىكى ئالتۇن ۋە كۈمۈش سەرف[2] جەھەتتىن دىنار ۋە دىرھەم ئورنىدا، مۇدارەبە (ئەمگەك ۋە سەرمايە شېرىكچىلىكى) سەرمايىسى بولۇش جەھەتتىن تىجارەت مېلى ئورنىدا ھېسابلىنىدۇ[3].
ئەبۇ يۇسۇف (ر.ھ) ئىستېمالدىن قېلىپ تىجارەت مېلىغا ئايلانغان دىرھەملەر بىلەن مۇدارەبە قىلىش مەسىلىسى سورالغاندا مۇنداق دېگەن:
«بولىدۇ، دېسەم مەككىدە تائام[4] بىلەن مۇدارەبە قىلىشنىمۇ قوبۇل قىلىشىم كېرەك، چۈنكى مەككە خەلقى تائام بىلەن ئېلىم-سېتىم قىلىدۇ. بۇخارالىقلار نەق بۇغداي بىلەن ئېلىم-سېتىم قىلىدۇ»[5].
ئەبۇ يۇسۇف (ر.ھ) مۇنداق دېمەكچى بولىدۇ: مەككە خەلقى تائامنى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. مۇدارەبە پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ماللار بىلەن ئەمەس، نەق پۇل بىلەن قىلىنىدىغان بىر ئەمگەك-سەرمايە شېرىكچىلىكىدۇر. ئىستېمالدىن قالغان دىنار ۋە دىرھەملەر بىلەن مۇدارەبە قىلغىلى بولىدۇ، دېسەم خاتا بولىدۇ. چۈنكى ئۇنداقتا تائام بىلەنمۇ قىلغىلى بولىدۇ، دېيىشىم كېرەك.
ئا- ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللار
 
ئىسلامىي مەنبەلەردە ساپ كۈمۈشتىن ياسالغان پۇل دىرھەم، ساپ ئالتۇندىن ياسالغان پۇل دىنار، دەپ ئاتىلىدۇ[6]. ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللار يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى چارىكىگە قەدەر ئىستېمال قىلىنغان.
مەدىنىدە 10، 12 ۋە 20 قىرات[7] ئېغىرلىقىدا ئۈچ خىل دىرھەم بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقلىرىنىڭ توپلىمى بولغان 42 قىرات ئۆمەر (ر.ز)نىڭ دەۋرىدە ئۈچكە بۆلۈنگەن، ئۇنىڭ بىرى بولغان 14 قىرات شەرئىي دىرھەمنىڭ ئېغىرلىقى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان. بەزى مەنبەلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدىكى مەككە دىرھەمىگە ئېتىبار قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 14 قىرات بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرئىي دىرھەمنىڭ 14 قىرات بولغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى (ئىجما) شەكىللەنگەن[8].
ئۆمەر (ر.ز)نىڭ دەۋرىدە 200 دىرھەم كۈمۈشنىڭ 20 مىسقال[9] يەنى 20 دىنار ئالتۇن بىلەن ئوخشاش قىممەتتە بولغانلىقى ۋە ئېغىرلىقلىرى ئارىسىدا يەتتىگە ئونلۇق نىسبەت بولغانلىقى ئېنىقلانغان، يەنى بىر مىسقال 10 دىرھەم قىممىتىدە، 10 دىرھەم 7 مىسقال ئېغىرلىقىدا ئىدى[10]. بۇ نىسبەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا «ۋەزنى سەبئە»، دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئە.س) ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە پۇللار ۋىزانتىيەدە بېسىلاتتى. يۇقىرىدىكى ئېغىرلىقلار ۋىزانتىيە ئالتۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ ئېغىرلىقلارغا ئۇيغۇن قىلىپ تۇنجى ئىسلام دىنارىنى باستۇرغان خەلىپە ئابدۇلمەلىك ئىبىن مەرۋاندۇر (ھۆكۈمرانلىق يىللىرى 65-86 ھ/685-705 م).
فىقىھ ئالىملىرى ئۇلارنى ئۆز دەۋرلىرىدە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولغان ئارپا بىلەن تارتقان. ھەنەفىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە بىر مىسقال ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى 100 دانە، بىر دىرھەم 70 دانە ئارپا ئېغىرلىقىدا بولىدۇ. مالىكىيلارنىڭ تارازىسىدا بىر دىنار ئوتتۇرا بويدىكى ئارپىدىن 72 دانە ئارپا ئېغىرلىقىدا كېلىدۇ[11]. شافىئىيلارنىڭچە بىر دىنار پوستسىز ۋە ئىككى ئۇچى كېسىۋېتىلگەن 72 دانە ئارپا، بىر دىرھەم 50. 4 ئارپا ئېغىرلىقىدا بولىدۇ[12].
جاھىلىيەت دەۋرىدە بولمىسۇن، ئىسلامىيەت دەۋرىدە بولمىسۇن، دىنارلارنىڭ ئېغىرلىقلىرىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى بارلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ[13]. شۇنىڭ ئۈچۈن فەقىھلەر داۋاملىق ئەينى دىنارنى تارتقان.
پەرق دىناردىن ئەمەس، تارازىنىڭ يەنە بىر تەخسىسىگە قويۇلغان ئارپىدىن مەيدانغا كەلگەن. چۈنكى بىر دانە ئارپىنىڭ ئېغىرلىقى رايونغا، ئىقلىمغا ھەتتا ئېتىزلىققا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئارپىغا قاراپ ئىش قىلىنسا ھەر مەزھەپ دىنار ۋە دىرھەم ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئېغىرلىق پەرقلىق بولغاندەك زاكات نىسابىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بىلىنگىنىدەك زاكات نىسابى ئالتۇندىن 20 دىنار يەنى 20 مىسقال، كۈمۈشتىن 200 دىرھەمدۇر.
ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىلىرىدا ئىككى خىل ۋىزانتىيە دىنارى بار: ئۇلارنىڭ بىرى 4. 20 گىرام ، يەنە بىرى 4. 35 گىرام ئېغىرلىقىدا. ئۇ يەرلەردە ئابدۇلمەلىك ئىبىن مەرۋان باستۇرغان دىنارلاردىنمۇ بار. بۇلارنىڭ ئېغىرلىقلىرى 3. 50، 4. 15، 4. 20 ۋە 4. 25 گىرام كېلىدۇ. ۋەلىد ئىبىن ئابدۇلمەلىك (86-96 ھ/705-715 م)، سۇلەيمان ئىبىن ئابدۇلمەلىك (96-99 ھ/720-724 م)، ئۆمەر ئىبىن ئابدۇلئەزىز (99-101 ھ/717-720 م)، يەزىد ئىبىن ئابدۇلمەلىك (101-105 ھ/720-724 م) ۋە ھىشام ئىبىن ئابدۇلمەلىك (105-125 ھ/724-743 م) قاتارلىقلارنىڭ دەۋرلىرىلىدە بېسىلغان دىنارلارنىڭ ئېغىرلىقلىرى بولسا، 4. 15 بىلەن 4. 25 گىرام ئارىسىدا. ئۇلارنىڭ ھەجمى 18 mm بىلەن 20 mm ئارىسىدا ئۆزگەرمەكتە. مېتال پۇللار ئىشلەتكەنسېرى ئۇپرايدۇ. بەزى ئەسكى ئادەملەر ئۇلارنى ئىكەكلەپ توزىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ سەۋەب بىلەن ھەجىمى 20 mmدىن ئاز بولغانلار ئۇپراپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى 4. 25 گىرام ئېغىرلىقىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى 20 mm ھەجمىدە بولىدۇ.
بۇ دەۋردە بېسىلغان دىرھەملەرنىڭ ئېغىرلىقلىرىمۇ 2. 15 گىرام بىلەن 3 گىرام ئارىسىدا ئۆزگەرمەكتە.[14] دىنار بىلەن دىرھەمنىڭ ئېغىرلىقلىرى ئارىسىدا يەتتىگە ئونلۇق نىسبەت (ۋەزنى سەبئە) بولغانلىقى ئۈچۈن دىنار 4. 25 گىرام بولسا دىرھەم 2. 975 گىرام، دىنار 4. 35 گىرام بولسا دىرھەم 3. 045 گىرام قىلىپ بېسىلغان، ئۇپرىغانسېرى ئېغىرلىقى ئازلىغان دېيىشكە بولىدۇ. مەدىنىگە كەلگەن دىنارلارنىڭ ئاز-تولا ئۇپرىغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنسا بىر مىسقالنىڭ 4. 25 گىرام، بىر دىرھەمنىڭ بولسا 2. 975 گىرام دەپ قوبۇل قىلىنىشى مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا زاكات نىسابى ھېسابلانغان 20 مىسقال ئالتۇن 85 گىرام، 200 دىرھەم كۈمۈش بولسا 595 گىرام بولىدۇ.
4. 35 گىرام ئېغىرلىقىدىكى دىنار ئاساس قىلىنسا زاكات نىسابى ھېسابلانغان 20 مىسقالنىڭ ئېغىرلىقى87 گىرام، 200 دىرھەمنىڭ ئېغىرلىقى بولسا 609 گىرام بولىدۇ.
ئۆمەر ناسۇھى بىلەن ئارپا ئۆلچىمىنى ئىشلىتىپ بىر مىسقالنى 4. 007 گىرام، بىر دىرھەمنى بولسا 2. 805 گىرام ھېسابلايدۇ.[15] بۇ تەقدىردە ئالتۇننىڭ زاكات نىسابى 80. 14 گىرام، كۈمۈشنىڭ بولسا 561 گىرام بولىدۇ. دىيانەت (دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى) نىڭچە 1 دىنار 4. 009 گىرام، بىر دىرھەم 2. 806 گىرام بولماقتا[16].
يۇقىرىدىكى ئېنىقلىمىلار 1 بىرلىك ئالتۇن 7 بىرلىك كۈمۈش قىممىتىدە بولغان چاغدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قىممەتلەر زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈمۈشنىڭ زىيىنىغا ئۆزگەرگەن. 18 ماي 2006 دە ئېلان قىلىنغان باھالار بويىچە 1 گىرام 24k ئالتۇننىڭ سېتىش باھاسى 3. 60 ت ل، 1 گىرام 900k كۈمۈشنىڭ سېتىش باھاسى 0. 624 ت ل بولغان. دېمەككى، بۇ تارىختا 1 بىرلىك ئالتۇن تەقرىيبەن 52. 24 بىرلىك كۈمۈش قىممىتىگە ئۆرلىگەن.
زەرخانىلار ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارنى بېسىش ئۈچۈن يۈزدە بىر ياكى تېخىمۇ ئاز ھەق ئالاتتى.[17] ھەم بېسىش ھەققى ھەم بۇلارنىڭ ئېغىرلىقىغا ۋە پىرسەنتىگە قىلىنغان ئىشەنچ، ئۇلاردىن بېسىلغان پۇللارنى ئۇلارنىڭ نۆكچىلىرىدىن قىممەتلىك قىلاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پۇللار ئىشلەتكەنسېرى ئۇپرايتتى ۋە ئېغىرلىقى ئازلايتتى. يەنىلا بۇلارنىڭ مېتال قىممىتى ئىستېمالدىكى قىممىتىگە تەڭ دېيىلگۈدەك دەرىجىدە يېقىن ئىدى. ئىستېمالدىن قالغان تەقدىردىمۇ يېڭىلىرى بىلەن ئاسانلا تېگىشكىلى بولاتتى.[18] قولىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش بولغانلار بېسىش ھەققىنى تۆلەش شەرتى بىلەن زەرخانىغا بېرىپ پۇل باستۇرالايتتى.[19]
1- تۆۋەن پىرسەنتلىك ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇل
  مېتال پۇل تۈزۈمىدە پۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئالتۇن-كۈمۈشكە ئېھتىياج چۈشىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ئىچىگە باشقا مېتاللارنى ئېلىشتۈرۈش بىلەنمۇ مىقدارنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئېلىشتۇرۇلغان ماددا ئاز بولسا يەنىلا ئالتۇن پۇل، كۈمۈش پۇل، دەپ ھېسابلىنىپ، كۈمۈشتىن بېسىلغىنى دىرھەم، ئالتۇندىن بېسىلغىنى دىنار، دېيىلەتتى. لېكىن زەرخانىلار شەخسىلەرنىڭ نامىغا تۆۋەن پىرسەنتلىك ئالتۇن ياكى كۈمۈش پۇل باسالمايتتى.[20]
قوشۇمچىسى ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ئارتۇق بولسا «مەغشۇش پۇل» دەپ ئاتىلاتتى ۋە فۇلۇسقا ئوخشاش باھالىناتتى.[21]
2- فۇلۇس
 فۇلۇس فەلسنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، مىس، نېكىل ۋە برونزاغا ئوخشاش مېتاللاردىن بېسىلغان ۋە ئۆز قىممىتى ئىستېمالدىكى قىممىتىدىن ئاز بولغان پۇللار فۇلۇس، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پۇللار ئىستېمالدىن قالغاندا پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ ۋە پەقەت مېتاللىق قىممىتىچىلىك بىر قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.
فۇلۇس بېسىش دۆلەتنىڭ ئىلكىدە. فۇلۇسنىڭ ھەقىقىي قىممىتى بىلەن ئىستېمالدىكى قىممىتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمى ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇ مۇھىم بىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوسمانلى سۇلتانى 2- سۇلايمان (1687 م/1099 ھ) خەزىنە تارتقان قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ئىككىسى بىر ئاقچە قىممىتىدە بولۇش شەرتى بىلەن ساپ مىستىن 1. 70 گىرام ئېغىرلىقىدا مانگىر باستۇردى، خەلق قوبۇل قىلغاندا قىممىتى بىر ئاقچىگە چىقىرىلدى[22].
فۇلۇسنىڭ ئىقتىساد ئۈستىدە تەسىرى ئاز، ئىستېمال ساھەسى تاردۇر. ھەنەفىي[23]، شافىي[24] ۋە ھەنبەلىي[25] فەقىھلىرى فۇلۇسنىڭ مۇدارەبە سەرمايىسى بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىتتىپاقلىشىدۇ. مالىكىيلار بىلەن ھەنەفىي مەزھىپىدىن ئىمام مۇھەممەد بۇ كۆزقاراشتا ئەمەس.[26]
فۇلۇسنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بىر چېكى بولىدۇ. بۈيۈك مەبلەغلەر ئۇنىڭ بىلەن ئايلىنالمايدۇ. 8- ئاپرېل 1916- يىلى چىقىرىلغان تەۋھىدى مەسكۇكات ھەققىدە قانۇنى مۇۋەققەتكە ئاساسەن نېكىل پۇللارنىڭ قوبۇل قىلىنىش چېكى 50 قۇرۇشتۇر.[27] ئۇ دەۋردە بىر ئالتۇن 100 قۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن 50 قۇرۇش يېرىم ئالتۇنغا تەڭ كېلىدۇ.

[1]– زەرخانا – تىللا ۋە تەڭگە پۇل ياساش زاۋۇتى. 

[2]– سەرف ئۈچۈن قاراڭ: «پۇل ۋە قەرز ھۆججىتى ئېلىم-سېتىمى».

[3]– ئالائۇددىن كاسانى (ۋاپاتى، 587 ھ)، بەدائىئۇس سەنائىئ، بېيرۇت، 1974، مۇدارەبە، 6/82.

[4]– تاجۇلئەرۇس دېگەن سۆزلۈك كىتابىدا، تائام كەلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ مەلۇماتلار زىكىر قىلىنىدۇ: ھىجاز خەلقى باش-ئاخىرىغا بىر سۆز قوشماي «تائام» دېسە، ئۇنىڭدىن بۇغداينى مەقسەت قىلىدۇ.- مۇھەممەد مۇستەفا زەبىدى، تاجۇلئەرۇس، تائام ماددىسى.

[5]– شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت، 12/21.

[6] ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن ئەلى ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى، تۇھفەتۇل موھتاج فىي شەرھىل مىنھاج، 6/82.

[7]– قىراتنىڭ ئېغىرلىقى توغرىسىدا پەرقلىق كۆزقاراشلار بار، ھەنەفىيلەرنىڭ قارىشىچە، بىر قىرات ئوتتۇراھال چوڭلۇقتا بەش ئارپىدۇر. ئارپا مەسىلىسى تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. (ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، ئىستانبۇل، 1985، 4/121).

[8]– ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، مەزكۇر ئەسەر، 4/121-122.

[9]– دىنار پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىستېمالدا بولغان ۋىزانتىيە لىراسىغا بېرىلگەن ئىسىمدۇر. ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى مىسقال دېيىلىدۇ. ئۇ دەۋردە بىر مىسقال بىلەن بىر دىنار ئىپادىلىنەتتى. 

[10]– ئەبۇ بەكر ئەھمەد ئىبىن ئەلى جەسساس (305-370 ھ)، ئەھكامۇل قۇرئان، بابۇددىيەت مىن غەيرىل ئىبىل، 2- جىلد، 237- بەت؛ كاسانى، بەدائىئۇس سەنائىئ 7/253.

[11]– ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/122-123.

[12]– ئەھمەد ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى،  يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 3/264.

[13]– ئەھمەد ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى،  يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 3/264.

[14]– ئىبراھىم ۋە جەۋرىيە ئارتۇق، زىكىر قىلىنغان ئەسەر، جىلد 1، بەت، 2، 10، 11، 14، 15-30.

[15]– ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن ئۈچيۈز ئەللىك ئالتە يېرىم دىرھەمى شەرئىينىڭ بىر كىلو كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردىكى ھېساب ئۇنىڭغا قارىتا چىقىرىلدى، (ھۇقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى 4/122).

[16]– دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ 26. 11. 1980 تارىخىدىكى 7- نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى.

[17]– دەۋلەتى ئوسمانىيەنىڭ ئۇسۇلى سىككەسى، سالنامەئى ئوسمانىيە، 1333-1334 سەنەئى مالىيە، 406- بەت، ئىستانبۇل، 1334.

[18]– ئەھمەد ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر 6/83.

[19]– ئوسمانلىلارنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدا كۈمۈشتىن پۇل باشتۇرۇش ھوقۇقىنى دۆلەت قولىغا ئالغان ئىدى، لېكىن قوللىرىدا ئالتۇن بولغانلار ئۆز ھېسابلىرىغا پۇل باستۇرالايتتى. (قاراڭ: دەۋلەتى ئوسمانىيەنىىڭ ئۇسۇلى سىككەسى، سالنامەئى ئوسمانىيە، 1333-1334 سەنەئى مالىيە، 395- بەت، ئىستانبۇل، 1334) بۈگۈن سەرراپلار يەنىلا ئىستانبۇلدىكى زەرخانىغا ئالتۇن بېرىپ ئوسمانلى لىراسى ۋە ئاتا لىراسى باستۇرۇشقا داۋام قىلماقتا. 

[20]دەۋلەتى ئوسمانىيەنىڭ ئۇسۇلى سىككەسى، سالنامەئى ئوسمانىيە، 1333-1334 سەنەئى مالىيە، 406- بەت.

[21]– مۇھەممەد ئەمىن ئىبىن ئۆمەر ئابىدىن (ئىبىن ئابىدىن)، تەنبىھۇر رۇقۇد ئەلا مەسائىلىن نۇقۇد، رەسائىلى ئىبىن ئابىدىن، ئىستانبۇل، 1319، 11/62.

[22]– ئاقچە ئىستېمالدىكى كۈمۈش پۇلدۇر. ئىبراھىم ۋە جەۋرىيە ئارتۇق، ئىسلامىي سىككەلەر كاتالوگى، ئىستانبۇل، 1974، 2- جىلد، 602- بەت.   

[23]– شەمسۇددىن سەرەخسىي، مەبسۇت، مىسىر 22/21.

[24]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدىكى ئەسەر، 2/417.

[25]– ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ئىستانبۇل، ئىستىلاھاتى فىقھىييە قامۇسى، 7/120.

[26]– كاسانى، بەدائىئئۇس سەنائىئ، 6/82.

[27]– تارىخ 26- مارت 1332 (8- ئاپرېل 1916) تەۋھىدى مەسكۇكات ھەققىدە قانۇنى مۇۋەققەت، دۈستۇر، تەرتىبى سانى، ئىستانبۇل، 1923. 8/894.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر