مۇسۇلمانلار

ھارام، دېيىش توغرىمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
بەزىلەر ئېنىق بولمغان بىر مەسلىگە قارىتا ھارام، دەپلا جاۋاپ بېرىپ قويىدىكەن. بىر كىشى باشقا بىر كىشىگە بىر ھالال نەرسە توغرۇلۇق بىلمەي تۇرۇپ ھارام، دەپ پەتۋا بېرىۋەتسە گۇناھ بولامدۇ؟ ئېغىر كۈرمەي مۇشۇ سوئالغا ئېنىق بىر جاۋاب بەرگەن بولسلا.
                                                                                                      ­ـــــ تالىبۇلئىلىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئۇلارنىڭ دەلىلى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىر كىشى بىر نەرسە ئۈچۈن ھارام، دېسە ۋە سىز ئۇنىڭ نېمىشقا ھارام دېگەنلىكىنى بىلمىسىڭىز شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن بۇ نەرسىنىڭ ھارام بولۇشىنىڭ دەلىلى نېمە؟ دەپ سورىشىڭىز لازىم. چۈنكى قۇرئان-ھەدىستىن دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان بولىدۇ. بۇنى ھەر مۇسۇلمان بىلىدۇ ۋە بىلىشى كېرەك! ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل سۈرىسى 116- ئايەت.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر مۇسۇلمان بىر نەرسىگە ئالدىراپ «ھالال» ياكى «ھارام» دېمەيدۇ. ئەگەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاغزىدىن «ھالال» ياكى «ھارام» دەپ بىر سۆز چىققان بولسا ئەلۋەتتە دەلىلگە تايىنىدۇ ۋە تايىنىشى كېرەك. بۇ ئىشنىڭ تەبىئىي ھالىتى.
لېكىن ھازىر جەمئىيەتتە ئىشنىڭ تېگىنى بىلمەيلا ھالال، ياكى ھارام، دەپلا ھۆكۈم چىقىرىۋېتىدىغانلار بار. بۇلار ھاياجانلىنىپ كېتىپ ياكى بىر ئىشقا بولغان ئىنكاسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئويلىمايلا شۇنداق سۆزلەرنى دەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ توغرا ئەمەس. ئۇلار ئەگەر بىر نەرسە ئۈچۈن ھالال ياكى ھارام، دېمەكچى بولسا دەلىلىنى تەكشۈرۈپ ئۇ نەرسىنىڭ دىنىمىزدا ھالال ياكى ھارام قىلىنغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن دېيىشى لازىم. بولمىسا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە «ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان» بولىدۇ.
بىز بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئۇنداق دېگۈچىلەرگە چىرايلىقچە ۋە ئىلمىي يوسۇندا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. شۇڭا ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۆز دىنى بولغان ئىسلامنى تولۇق ئۆگىنىشكە تىرىشىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەبچە بىلىش شەرت ئەمەس، كۈنىمىزدىكى شارائىت: ئۇيغۇرچە دىنى كىتابلار، ئىنتېرنېت دۇنياسىدىكى قۇلايلىقلار بۇ ئىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرمەكتە.
باشقىلارنى ئەيىبلەش ئاسان. لېكىن بىز (يەنى سىز ۋە مەن) نىڭ ئەھۋالىمىز قانداق؟ بىز دىنىمىزدىن قانچىلىق خەۋەردار؟ دىنىمىزنىڭ ئەقىدە، ئەھكام، ئەخلاق ۋە مۇئامىلە ساھەلىرىدىكى بىلىمىمىز يېتەرلىكمۇ؟ بىز مۇسۇلماننىڭ بالىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلگەنلىكىمىز ۋە ئۇلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن مۇسۇلمانمۇ؟
كونىلارنىڭ «ئاۋۋال خىش، ئاندىن كېيىن دەرۋىش»، دەپ بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار، بۇ سۆزنىڭ مەناسى «ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ، ئاندىن كېيىن باشقىسى…»، دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىسىنىڭ كۆزىدىكى چاپاقنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ كۆرمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى نېمە ئۈچۈن سۆزلەيسىلەر؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى سۆزلىشىڭلار ئاللاھنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ»- سەف، 61/2-3.
 ئاخىرىدا سىزگە تەۋسىيەم:
«بەزىلەر» شۇنداق ئاغىزىغا كەلگەن بويىچە ئۇ ھارام، بۇ ھالال، دېسە ۋە سىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى بىلسىڭىز، ئۇنىڭغا چىرايلىقچە توغرىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ. ئۇ ئەمەل قىلامدۇ قىلمامدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشى. لېكىن سىز ئۆزىڭىز توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە، 5/105.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر