مۇسۇلمانلار

بەدەل ھەج قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟

سوئال:
ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى ئېغىر كېسەل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەجگە بارالمىغانلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:
بولمايدۇ؟ چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكاً وَهُدًى لِّلْعَالَمِينَ {96} فِيهِ آيَاتٌ بَيِّـنَاتٌ مَّقَامُ إِبْرَاهِيمَ وَمَن دَخَلَهُ كَانَ آمِناً وَلِلّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ الله غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ {97}»
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە، ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كافىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، اللەنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97.
يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ يەنى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتىنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىنىڭ مەزمۇنى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەنلەرگە ھەج ئىبادىتىنىڭ پەرز قىلىنمىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ياكى ھەرەمگە بارالمايدىغان كىشى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەن كىشىدۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەستۇر.
ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ھەج شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494.
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتنى باشقا بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ئادا قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھەج ئىبادىتى بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر. ئۇنىڭ پۇل كېتىدىغان قىسمى ھەج ئىبادىتىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىبادەتنى قىلغان بىر مۇسۇلمان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا بۇنداق ئەمەلنى كىم قىلغان بولسا، ئەجىرنى شۇ قىلغۇچىغا بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان ئايەتتە بايان قىلىدۇ.
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ؛ بىرى تەن، يەنە بىرى روھ. ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يېمەكئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدەنىنى) غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەلئىبادەت بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ – ئىچكەن نەرسە بىلەن قورسىقى تويمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ.
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەجنى باشقىسى ئۈچۈن قىلغان «نىمكار» نىڭ: «مەن بۇ ھەجنى پالانى ئۈچۈن قىلىمەن» دېگەن سۆزى ياكى شۇنداق نىيىتى: «مەن ماۋۇ تاماقنى  پالانى ئۈچۈن يەيمەن، شۇ پالانىنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. ھەج ئىبادىتىگە نىمكار سالغۇچى كىشىنىڭ: «ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپ بەرسىلە» دېگەن سۆزى، «ماۋۇ پۇلغا دادام ئۈچۈن تاماق يەپ بەرسىلە، دادامنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ.
بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنىڭ توغرا بولدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنىۋاتقان ھەدىسلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن خەبىرى ۋاھىددۇر، مەنا ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە، يۇقىرىدىكى ھەدىسقا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر