مۇسۇلمانلار

بەدىلى يوق پۇل

ب- بەدىلى بولمىغان قەغەز پۇل
بۇ دۆلەت خەزىنىسىدە، بانكىرلاردا ياكى بانكىلاردا بەدىلى بولمىغان ياكى كەلگۈسى بىر تارىختا بەدىلىنىڭ تۆلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنمىغان قەغەز پۇلدۇر. بۇنىمۇ دۆلەت باسقان بەدىلى يوق قەغەز پۇل، شەخس ياكى مۇئەسسەسەلەر باسقان بەدىلى يوق قەغەز پۇل، دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ.
1- دۆلەت باسقان بەدىلى يوق قەغەز پۇل
 بۈگۈنكى قەغەز پۇللاردىن ھېچبىرىنىڭ بەدىلى يوق. خەزىنىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كەلتۈرۈلگەن قەغەز پۇلنىڭ ئورنىغا بىر نەرسە بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. بۇ قەغەز پۇللار قانۇن كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىنغان ۋە ئادەت بولۇپ قېلىش بىلەن ئىستېمال قىلىنىشقا داۋام قىلغان بىر تۆلەش ۋاسىتىدۇر[1].
قەغەز پۇل تۈزۈمىدە، بېسىلىدىغان پۇل مىقدارىنى پۇل ئىدارىسى بەلگىلەيدۇ؛ تىجارەتچىلەرنىڭ ھۆججەتلىرى، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قەرز ھۆججەتلىرى، ئالتۇن، كۈمۈش، زايوم بېلەتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قەرزلىرى ۋە سېتىۋېلىنىدىغان تاشقى پېرېۋوت قاتارلىقلارنىڭ بەدىلىدە پۇل بېسىلىشى نورمال قارشى ئېلىنىدۇ؛ پۇلنى تاشقى پېرىۋوتقا ئالماشتۇرنىڭ ئاسان بولۇشى ۋە ئېھتىياجلارنى قامدىغۇدەك بىر ئالتۇن زاپىسىنىڭ بولۇشى يېتەرلىك دەپ قارىلىدۇ[2].
ئۆتمۈشتە مېتال پۇللارنىڭ ھەقىقىي قىممىتى بار ئىدى؛ ئالتۇن ياكى كۈمۈش پۇللار ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ، پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن چاغدىكىگە يېقىن بىر قىممەتكە ئىگە بولۇپ تۇراتتى؛ قىممەتلىك مېتالنىڭ ئورنىغا بېسىلغان قەغەز پۇلمۇ مۇئەييەن مىقداردىكى ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە ۋەكىللىك قىلاتتى. بۈگۈنكى قەغەز بولسا ئۈستىدە يېزىلغان ئېتىبارىي قىممەتنىڭ تېشىدا ھېچبىر قىممەتكە ئىگە ئەمەس، بۇ سەۋەبتىن پۇل ئىدارىسىنىڭ قارارلىرى ياكى پىسخولوگىيەلىك سەۋەبلەر پۇلنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولدى.
پۇل ئېلىش-بېرىشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېلېكتىرونلۇق يۆتكەشلەر (ئې پ ت) بىلەن ۋە كىرېدىت كارتىلىرى ئارقىلىق بولۇشى سەۋەبىدىن جىسمى بار پۇلغا ئېھتىياج قالمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
2- مەخسۇس ئورگانلارنىڭ بەدەلسىز قەغەز پۇلى
مەخسۇس كىشى ۋە ئورگانلارمۇ بانكىنوت، زايوم بېلىتى ۋە قەرەللىك چەك ئارقىلىق بىر خىل پۇل چىقىرىدۇ. بۇ پۇللار كەلگۈسىدە بەدىلى تۆلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن دۆلەت پۇلىدەك بولمايدۇ. بۇلار بېسىلغان چاغدا بەدىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەلسىز دەپ ئاتالغان.
ئا- بانكىنوتلەر ۋە زايوم بېلەتلىرى
يۇقىرىدا ئوسمانلى بانكىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن زايوم بېلەتلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىڭلا بەدىلى بارلىقى، قالغانلىرىنىڭ بەدىلى يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
3- ئىيۇل، 1915- يىلى چىقىرىلغان بىر قانۇن بىلەن ئوسمانلى بانكىسى چقارغان بانكىنوتلارنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، مەيلى دۆلەت بىلەن پۇقرا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بولمىسۇن، مەيلى پۇقرالارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىدە بولمىسۇن، بازاردا ئايلىنىشى خۇددى پۇلغا ئوخشاش مەجبۇرىي قىلىنغان ئىدى. بۇ قانۇن ئىناۋەتلىك بولغان جەرياندا ئوسمانلى بانكىسى بانكىنوت بەدىلىنى تۆلەشكە مەسئۇل ئەمەس ئىدى[3].
ئە- قەرەللىك چەكلەر
چەك، ھېسابىمدىن مۇشۇ مىقداردىكى پۇلنى تۆلىۋېتىڭ دەپ بانكىغا بېرىلگەن ئەمىردۇر، ھېسابتا پۇل بولمىسا چەك يېزىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چەك قەرەللىك بولمايدۇ، بانكا كەلگەن چەكنىڭ قەرەلىگە قارىمايدۇ، ھېسابتا پۇل بولسا بەدىلىنى تۆلىشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا رىئايە قىلىنمىغانلىغى ۋە قەرەللىك چەكلەرنىڭ پۇلغا ئوخشاش ئايلىنىپ پۇل مىقدارىنى ئارتتۇرغانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا. بۇ دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بىر تارىختا بەدىلىنى تۆلەش شەرتى بىلەن پۇل بېسىشىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئوسمانلىلارنى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار قىلغانلىقىنى يۇقىرىدا ئەھمەت جەۋدەت پاشانىڭ ئەسلىمىلىرىدىن كۆرۈپ ئۆتتۇق. پۇل پاخاللىقى بۆلۈمىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە قايتا توختىلىمىز.

[1] – فەرىدۇن ئەرگىن، پۇل تۈرلىرى، ئاق ئىقتىساد ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىستانبۇل 1973.

[2]– فەرىدۇن ئەرگىن، ئەمىسيون رېژىملىرى، ئاق ئىقتىساد ئېنىسكلوپېدىيەسى.

[3] – دۈستۈر، تەرتىبى سانى، دەرسائاداەت، 1334، 6/914.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر