مۇسۇلمانلار
بەدىر ئۇرۇشى ۋە تەقدىر-بەنى قۇرەيزە مۇھاسىرىسى 1

بەدىر ئۇرۇشى ۋە تەقدىر-بەنى قۇرەيزە مۇھاسىرىسى

بەنى قۇرەيزە مۇھاسىرىسى

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلىرى، مەككىلىكلەر ۋە ئەتراپتىكلەرنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى. ھىجرەتنىڭ 5-يىلى قۇرەيشلەر، خەيبەر يەھۇدىلىرى، غەتافانلىقلار، فەزارەلىقلار، ئەسەد ئوغۇللىرى ۋە سۈلەيمان ئوغۇللىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر بىرلىشىپ، مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن مەدىنىگە بېسىپ كېلىپ، خەندەك ئۇرۇشىنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئۇرۇشتا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىلىرى دەسلەپتە مەدىنە كېلىشىمىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش ئەسناسىدا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ مەككە قۇشۇنىغا ياردەم بەردى.[1]

مۇھاسىرە تۈگەپ دۈشمەن چېكىنگەندە نەبىمىز، بەنى قۇرەيزەگە جازا يۈرۈشى قىلىپ ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بۇ ئەسنادا بولغان ئىشلارنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن ئۆگىنەلەيمىز:

وَأَنزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُم مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِن صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا . وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَارَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ وَأَرْضًا لَّمْ تَطَؤُوهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا.

ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.(‏ 33-سۈرە ئەھزاب، 26-27- ئايەتلەر).

مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىگە ئاساسەن بەنى قۇرەيزە ئەسىرلىرى، فىدىيە (كېپىللىك پۇلى) ياكى بەدەلسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ھەممە ماللىرى مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە بەدەلسىز قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. نەبىيىمىز بەدىر ئۇرۇشىدا بۇ ئايەتنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئالغان ئىدى (ئەنفال 8/67-68). بۇ ئۇرۇشتىمۇ ئوخشاش خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، يەنە كايىشقا ئۇچرىغان بولاتتى. بۇ خۇسۇس ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ ھەدىس كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن رىۋايەتلەردە، نەبىيىمىز بەنى قۇرەيزە ئەسىرلىرىگە، مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4 – ئايىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەۋس قەبىلىسىدىن سەئد ئىبنى مۇئازنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەيىن قىلىدۇ، ئۇ بولسا يېتىلگەن ئەركەكلەرنى ئۆلتۈرۈشنى، ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ ۋە ماللارنىڭ غەنىمەت قاتارىدا تەقسىم قىلىنىشىنى قارار قىلىدۇ. گويا بۇ قارارنى نەبىيمىز بەرگەندەك.[2] بۇ ئىش، ئۇنى ۋە ساھابىلەرنى كافىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلمىغانلىق بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ئايەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلماسلىق ئۇنى يۇشۇرغانلىق ۋە ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلْكِتَٰبِ وَيَشْتَرُونَ بِهِۦ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُو۟لَٰٓئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِى بُطُونِهِمْ إِلَّا ٱلنَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ يَوْمَ ٱلْقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ .

«ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار»-‏(-سۈرە بەقەرە، 174- ئايەت).

ئەپسۇسكى مەزھەپلەر، نەبىيىمىز ۋە ساھابىلىرىگە قىلىنغان بۇ ئېغىر تۆھمەتنى دەلىل كۆرسىتىپ، يېتىلگەن ئەركەك ئەسىرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلسە بولىدىغانلىقىدا ئورتاق كۆز قاراشقا كەلگەن.[3] بۇ ئاللاھنىڭ ئوچۇق ئايەتلىرىنى كۆرمەسكە سالغانلىق بولىدۇ. چۈنكى بۇ خۇسۇستا كەلگەن ئايەتلەر يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ھۆكۈمنىڭ قانداقلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگەن. مۇشۇنداق ئوچۇق ئايەت تۇرغان يەردە ئۇنىڭغا قارشى كېلىدىغان بىر رىۋايەتنى كىم رىۋايەت قىلسا قىلسۇن، قوبۇل قىلىش ئاللاھنىڭ ئايىتىنى يۇشۇرغان ۋە ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ خۇددى تەۋراتنىڭ ئوچۇق ئايەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ مەتپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئىش قىلغانلىق بولىدۇ.

يەھۇدىلەر، ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋراتنى ئېتىبارغا ئالماي ئورنىغا يەھۇدى ئالىملارنىڭ تەپسىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلمۇدنى قويغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىدا ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا، كىتاب بىلەن بىللە ئۇنىڭ تەپسىرى سۈپىتىدە تەلمۇدنىمۇ قوشۇپ بەرگەندۇر.[4] تەۋرات پەقەت ئىبادەتلەردە ئوقۇلىدۇ. بىردىنبىر مەنبە تەلمۇددۇر. مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى يېزىلغان تەۋراتتا ئەمەس، ئېغىزدىكى تەۋرات تەلمۇددا.[5]

ھەدىس، ئەرەپچە سۆز بولۇپ، سۆز دېگەن بولىدۇ. نەبىيىمىز ئۆزىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى يەنى ھەدىسلەرنى يېزىشنى چەكلىگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى:

«ماڭا ئائىت سۆزلەرنى يازماڭلار. كىم مەندىن قۇرئاندىن باشقا بىر نەرسە يازغان بولسا ئۇنى يوق قىلسۇن.مېنىڭ سۆزلىرىمنى چۈشەندۈرسەڭلەر ھېچقىسى يوق»-(مۇسلىم، «ئەدەب»، 32).

ھەدىسلەرنى بىر يەرگە توپلاشنى ئويلىغان خەلىفە ئۆمەرنىڭ بۇ ئىشنى ناھايىتى كۆپ ئويلاشقانلىقى ۋە ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، «سىزگە سۈننەت كىتابى يېزىش ھەققىدە مەسلىھەت سالغان ئىدىم. لېكىن كېيىن ئويلىسام، سىزدىن بۇرۇن ئەھلى كىتاب ئاللاھنىڭ كىتابىدىن باشقا كىتابلار يېزىپ، ئۇ كىتابلارنى ئاساس قىلىپ ئاللاھنىڭ كىتابىنى تاشلاپ قويغان ئىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ھېچبىر نەرسىنىڭ سايىسىغا تاشلاپ قويمايمەن».

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، قازا ۋە قەدەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتا چۈشەنچىلەرنى توسقان ئىدى.[6]

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ تەقدىر مەسىلىسىدىكى خاتا ئېتىقادلارغا قارىتا تەنقىدلىرى بار ئىدى. بىر ياشانغان كىشى ئۇنىڭدىن، قازا ۋە قەدەر بىزنى قانداق باشقۇرىدۇ؟ دەپ سورىغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى:«ۋاي سېنىڭ ھالىغا! بەلكى سەن قازانى چوقۇم يۈز بېرىدىغان، قەدەرنى بولىدىغانلىقى پۈتۈلۈپ بولغان ئىش دەپ ئويلايسەن! ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ساۋاب، جازا، ۋەدە، ئازاب بىلەن تەھدىت قىلىش، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنىڭ بىر مەنىسى قالماس ئىدى!  ئاللاھنىڭ گۇناھكارلارنى ئەيىبلىگەن، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مەدھىيلىگەن سۆزلىرى بولمىغان بولاتتى. ياخشىلىق قىلغۇچى، ماختاشقا لايىق بولماستى، يامانلىق قىلغۇچىنىڭمۇ ئەيىبلىنىشى توغرا بولمىغان بولاتتى. سەن دېگەن سۆز، بۇتپەرەستلەرنىڭ، شەيتان دوستلىرىنىڭ، يالغانچى گۇۋاھچىلارنىڭ، ياخشى ئىشلارغا پىسەنت قىلمايدىغانلارنىڭ سۆزىدۇر.

ئۇلار بۇ ئۈممەتنىڭ قەدەرچىلىرى ۋە مەجۇسىلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بەرگەن ئەمىرلىرىدە  ۋە ئاگاھلاندۇرغان چەكلىمىلىرىدە تۇتۇش تۇتماسلىقنى ئىنساننىڭ تاللىشىغا تاشلاپ قويغاندۇر. ئاسان ئىشلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، قىيىن ئەھۋاللاردا قېلىپ ئەمەل قىلالمىغان كىشىلەرنى ئىسيانكار ھېسابلىمايدۇ، ھېچكىمنى ئىتائەت قىلشقا زورلىمايدۇ. ئاسمان -زىمىن ۋە ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكارغا ياراتمىغاندۇر. سېنىڭ دېگەنلىرىڭ كافىرلارنىڭ تەخمىنىدۇر. كافىرلارغا جەھەننەم ئازابى بار![7]

قۇرئاندا بولمىغان بىر ئېتىقاد ئاساسىنىڭ ھەدىسلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىشى، تەۋراتنى تاشلاپ تەلمۇدنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلارنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ يەنە بىر  خىل شەكىلدە كۆرىنىشىدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا دېمىگەن بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە بۇنى ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئاغزى بىلەن سۆزلىتىش چوڭ تۆھمەت ۋە شېرىكتۇر. ئاللاھ تائالا، مۇشرىكلارنىڭ قازا ۋە قەدەر مەسىلىسىدە مۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ:

سَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُواْ لَوْ شَاء اللّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلاَ آبَاؤُنَا وَلاَ حَرَّمْنَا مِن شَيْءٍ كَذَلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِم حَتَّى ذَاقُواْ بَأْسَنَا قُلْ هَلْ عِندَكُم مِّنْ عِلْمٍ فَتُخْرِجُوهُ لَنَا إِن تَتَّبِعُونَ إِلاَّ الظَّنَّ وَإِنْ أَنتُمْ إَلاَّ تَخْرُصُونَ . قُلْ فَلِلّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ فَلَوْ شَاء لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ

«يېقىندا مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق، ئاتا -بوۋىلىرىمىزمۇ شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر مۇشۇنداق يالغان سۆزلەشكەن ئىدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بۇ توغرىدا بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر ئىلمىڭلار بارمۇ؟ سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر. سىلەر پەقەت قۇرۇق گەپ قىلىسىلەر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولغا كەلتۈرەتتى»-(‏6-سۈرە ئەنئام، 148-149- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە، ئۆزلىرى شەكىللەندۈرىۋالغان تەقدىر ئېتىقادىنى مۇداپىئە قىلغۇچىلاردىن مۇنداق سۇئال سورىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ: » يېنىڭلاردا بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر ئىلمىڭلار بارمۇ؟» لېكىن ئۇلار پەقەت «گۇمانغىلا ئەگەشكەنلىكى ۋە قۇرۇق گەپ قىلىدىغانلىقى» ئۈچۈن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۇئال سورىلىشىنى خالىمايدۇ.           

[1]  مۇستافا ئۆزكان، مەدىنە كېلىشىمى، دىيانەت ئىسلام ئانسىكلوپىدىيىسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2016)، 2: 212-215.

[2]  ئەھمەد ئۆزەل، «ئەسىر»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1995)، 11: 382- 389. بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ مۇسلىم، تىرمىزى، نەسەئىي، ئەبۇ داۋۇدلاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: http://www.hablullah.com/?p=2100

[3]  سۈننىيلەرنىڭ مەنبەسى: ئىبنى قۇددامە جەمالۇددىن يۇسۇف ئىبن ھەسەن مەقدىسى (909/1503)، مۇغنى، (بەيرۇت: دارۇل فىكىر، 1405 ھ)، 11: 393-394. شىئەلەرنىڭ مەنبەسى: ھەسەن ئىبنى يۇسۇف ئىبنى مۇتەھھار (ئۆ. 726 ھ)، تەھرىرلىگۈچى ۋە نەشىر قىلغۇچى (ئىران-قۇم: مۇئەسسەسەتۇ ئەھلى بەيت، 1414ھ )، 9: 148.  

[4]  سەلىمە لەيلا گۆركان، تەلمۇد، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى (ئەنقەرە: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2010)، 39: 550.

[5]  باقى ئادەم، يەھۇدى كايناكلارىنا گۆرە تەۋرات (يەھۇدى مەنبەلىرىدە تەۋرات)، پىنار نەشرىياتى، 169.

[6]  مۇستافا فايدا، ئۆمەر، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى.

[7]  ئىبنۇ ئەبىل ھەدىد، شەرھۇ نەھجىل بالاغە، 1- جىلد 76- باب.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر