مۇسۇلمانلار

بېقىۋالغان بالا نامەھرەم بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

ھەئە، ئەلۋەتتە نامەھرەم بولىدۇ. چۈنكى بىر بالىنى بېقىۋېلىش، ئۇنى بېقىۋالغۇچى ئەر ـ خوتۇن بىلەن بېقىۋېلىنغان بالا ئوتتۇرىسىدا ئاتا ـ بالىلىق ۋە ئانا ـ بالىلىق پەيدا قىلمايدۇ. بۇ توغىرىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«اﷲ ھېچ ئادەمنىڭ ئېچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى اﷲ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ اﷲ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، اﷲ ھەق (سۆز)نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ.

ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بەلىدۇ)، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» ـ (ئەھزاب سۈرىسى 4 ـ ۋە 5 ـ ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن بالا بېقىۋالغانلار مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشلىرى كېرەك:

1 ـ بالىنىڭ نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىكلىرىگە ئۆز ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى يازدۇرۇشلىرى لازىم. مەسىلەن: بالىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ، ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى قۇربان، بېقىۋالغان دادىسىنىڭ ئىسمى رۇزى بولسا، بالىنىڭ كىملىكىگە ئابدۇللاھ قۇربان دەپ يازدۇرۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئابدۇللاھ رۇزى دەپ يېزىلسا، يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىنمىغان بولىدۇ.

2 ـ بالا بالاغەتكە يەتكەن ھامان يېتىپ ـ قوپىدىغان يېرىنىڭ ئايرىم بولۇشى، قىز بولسا، بېقىۋالغان دادىسى بىلەن، ئوغۇل بولسا بېقىۋالغان ئانىسى بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر ـ بىرىگە نامەھرەم كېلىدىغان بىر ئەر ـ ئايال، خالىي بىر جايدا ئىككىسى يالغۇز تۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر