مۇسۇلمانلار

بېقىۋالغان بالا نامەھرەممۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
 1ـ ئايالى تۇغمىغان كىشى بالا بىقىۋالغان بولسا، ئەگەر بۇ بالا چوڭ بولغاندا قىز بولسا ئاتىغا، ئوغول بولسا ئانىغا نامەھرەم بولامدۇ؟
 2ـ ئوغول بالىنىڭ سۇننىتىنى قىلغان چاغدا دوختۇرخانىدا قىلسا (غەيرىي مۇسۇلمانلارغا) قىلدۇرسا بولامدۇ؟ دوختۇرخانىدا خەتنە قىلىش ئىككى خىل بولوپ، بىرى ئوشۇق تېرىنى كىسىۋىتىش، يەنە بىرى تېرىنى قاتلاپ تىكىۋىتىش ئىكەن. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسى توغرا؟ كوپتىن – كوپ رەھمەت، ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن. ھۆرمەت بىلەن: رىشتاجىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
1- ھەئە، ئەلۋەتتە نامەھرەم بولىدۇ. چۈنكى بىر بالىنى بېقىۋېلىش، ئۇ بالا بىلەن بېقىۋالغۇچى ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدا ئاتا ـ بالىلىق ۋە ئانا ـ بالىلىق پەيدا قىلمايدۇ. بۇ توغىرىدا ئاللاھ تەئالامۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن» دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.
بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنىلكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»ـ (ئەھزاب سۈرىسى 4 ـ ۋە 5 ـ ئايەت).
شۇنىڭ ئۈچۈن بالا بېقىۋالغانلار مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشلىرى كېرەك:
1ـ بالىغا ئۆز ئاتا – ئانىسىنى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى بىلدۈرۈش، ئۇلار بىلەن باردى – كەلدى قىلدۇرۇش كېرەك.
2- بالىنىڭ نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىكىگە ئۆز ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى يازدۇرۇشلىرى لازىم. مەسىلەن: بالىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ، ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى قۇربان، بېقىۋالغان دادىسىنىڭ ئىسمى رۇزى بولسا، بالىنىڭ كىملىكىگە ئابدۇللاھ قۇربان دەپ يازدۇرۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئابدۇللاھ رۇزى دەپ يېزىلسا، يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىنمىغان بولىدۇ.
3ـ بالا بالاغەتكە يەتكەن ھامان يېتىپ ـ قوپىدىغان يېرىنىڭ ئايرىم بولۇشى، قىز بولسا، بېقىۋالغان دادىسى بىلەن، ئوغۇل بولسا بېقىۋالغان ئانىسى بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر ـ بىرىگە نامەھرەم كېلىدىغان ئەر ـ ئايال، خالىي بىر جايدا ئىككىسى يالغۇز تۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار. (بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى قاتارلىق ھەدىس كىتاپلىرىدا زىكرى قىلىنىدۇ).
ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، بالىنى خەتنە قىلغان كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس، خەتنە قىلىش ئىشىنى ئۇبدان بىلىدىغان بىرى بولسا بولىدۇ. خەتنە دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى، ئۇ تېرىنى كېسىش، دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ تېرىنى قاتلاپ تىكىۋېتىش بالىنى خەتنە قىلغانلىق بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر