مۇسۇلمانلار

بۈيۈك ئەخلاق

بۈيۈك ئەخلاق
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ن وَالْقَلَمِ وَمَا يَسْطُرُونَ. مَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ. وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ. وَإِنَّكَ لَعَلَى خُلُقٍ عَظِيمٍ»
«نۇن. قەلەم ۋە ئۇلار يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى، ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەسسەن. ساڭا پۈتمەس-تۈگىمەس ئەجىر بار. شۈبھىسىزكى، سەن بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدىسەن»- نۇن 68/1-4.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىكىدىن ئىلگىرى «ئىشەنچلىك، راستچىل» دەپ ماختىشىدىغان مەككىلىك مۇشرىكلار پەيغەمبەرلىكىدىن كېيىن ئۇنى «يالغانچى، سېھىرگەر، جىنلىق، شائىر» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەت نازل بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ قىلىش ۋە ھاياتىغا تەتبىقلاش بىلەن «بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدە» بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇشرىكلارنىڭ ئەنە ئاشۇنداق ناشايان سۆزلەرنى قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان يېڭى سۆزلىرى ۋە يېڭى ھەرىكەتلىرى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمگە ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئاللاھ تەئالانىڭ تەرىپىدىن «بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدە» دەپ ئېلان قىلىنغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»[1] دېگەن سۆزىمۇ پەيغەمبىرىمىزدىن سادىر بولغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن سادىر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ «بۈيۈك ئەخلاق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇ «بۈيۈك ئەخلاق» نىڭ ئەسلىنى قۇرئان كەرىمدىن، تەتبىقلىنىش شەكلىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئۆگىنىشكە تىرىشىشىمىز، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرىشىمىز لازىم. تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز:
1- ئەھدىگە ۋاپا قىلىش
يەنى ۋەدىسىدە تۇرۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، سۆزىدە تۇرۇش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُود»
«ئى مۇئمىنلار! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار»- مائىدە 5/1.
«وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا»
«ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى ئەھدىدىن سوراق قىلىنىسىلەر»- ئىسرا 17/34.
2- بىلىپ گەپ قىلىش
 ئاللاھ تەئالا
«وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلَالٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ»
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل 16/116.
3- كەمتەر بولۇش
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا إِنَّكَ لَنْ تَخْرِقَ الْأَرْضَ وَلَنْ تَبْلُغَ الْجِبَالَ طُولًا»
«زېمىندا گىدىيىپ ماڭما. چۈنكى پۇتۇڭ زېمىننى تېشىۋېتەلمەيدۇ، بېشىڭ تاغلار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ»- ئىسرا 17/37.
4- خىراجاتتا ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇش
يەنى ئىسراپ قىلىش، بۇزۇپ چېچىش، بېخللىق قىلىش ۋە سىقىپ يالاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَآَتِ ذَا الْقُرْبَى حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرْ تَبْذِيرًا. إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُوا إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ وَكَانَ الشَّيْطَانُ لِرَبِّهِ كَفُورًا. وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَى عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا»
«تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولدا قالغانلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن.
شۈبھىسىزكى، بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا، رەببىگە ناھايىتى تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
ئەگەر قولۇڭ قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ھازىرچە ھەقلىرىنى بېرەلمىسەڭ، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن.
قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالما[2]، بەك قولى ئوچۇقمۇ بولما. بولمىسا مالامەتكە قالىسەن ۋە ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن»- ئىسرا 17/26-29.
5- ئادىل بولۇش
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَى أَلَّا تَعْدِلُوا اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن دۇرۇس ئادەملەر بولۇڭلار، ئادالەت بىلەن شاھىتلىق قىلغۇچى كىشىلەر بولۇڭلار. بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار سىلەرنى ئادىل بولماسلىققا ئېلىپ بارمىسۇن. ئادىل بولۇڭلار. بۇ تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»- مائىدە 5/8.
«إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ وَإِيتَاءِ ذِي الْقُرْبَى وَيَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ»
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ھاياسىزلىقتىن، يامانلىقتىن ۋە زالىملىقتىن توسىدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئېسىڭلاردا تۇتۇپ ئەمەل قىلغايسىلەر!»- نەھل 16/90.
6- ئاغزىنى باشقۇرۇش
يەنى باشقىلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، باشقىلارنى يامان لەقەملەر بىلەن چاقىرماسلىق، يامان گۇمان قىلماسلىق ۋە غەيۋەت قىلماسلىق. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِنْ قَوْمٍ عَسَى أَنْ يَكُونُوا خَيْرًا مِنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِنْ نِسَاءٍ عَسَى أَنْ يَكُنَّ خَيْرًا مِنْهُنَّ وَلَا تَلْمِزُوا أَنْفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ بِئْسَ الِاسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ وَمَنْ لَمْ يَتُبْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ وَلَا تَجَسَّسُوا وَلَا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضًا أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ»
«ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم باشقا بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ باشقا ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن پاسىق دەپ ئاتىلىش نېمىدېگەن يامان! تەۋبە قىلمىغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە زالىملاردۇر.
ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىرى-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ بۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ھۇجۇرات 49/11-12.
7- ئاچچىىغىنى يېڭىش ۋە ئەپۇچان بولۇش
يەنى باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئاچچىغىنى يۇتۇش ۋە ئەپۇچان بولۇش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ. الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ»
«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئىرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان.
ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، كەڭچىلىكتە بولسۇن ياكى قىيىنچىلىقتا بولسۇن ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىدۇ، ئاچچىقىنى يۇتىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»- ئال ئىمران 3/133-134.
«وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ. وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ»
«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن. مۇشۇنداق قىلساڭ، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ»- فۇسسىلەت 41/34-35.
8- سەۋرچان بولۇش
يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە چىداش، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشقا چىداش، شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىسى، نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا بويسۇنماسلىققا چىداش، ئىسلام يولىدا كەلگەن جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداش، شۇنداقلا ئىسلامدا چىڭ تۇرۇش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ يُقْتَلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتٌ بَلْ أَحْيَاءٌ وَلَكِنْ لَا تَشْعُرُونَ. وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ. الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ. أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ»
«ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ‹ئۆلۈكلەر› دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكلەردۇر، لېكىن سىلەر سەزمەيسىلەر.
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن بىرئاز كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن بۇنىڭغا سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا بىر مۇسىبەت يەتكەندە مۇنداق دەيدۇ: ‹شبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز، شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز!›.
ئەنە شۇلار رەببىنىڭ مەغپىرەتلىرى ۋە رھمىتىگە ئېرىشىدۇ، ئەنە شۇلار، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر»- بەقەرە 2/154-157.
9- قېرىنداشلىق ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش
قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇش، بىر-بىرىگە ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولۇش ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِنْ قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَى أَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ. وَالَّذِينَ جَاءُوا مِنْ بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ»
«ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلەشكەن ۋە قەلبلىرىگە ئىماننى يەرلەشتۈرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن ماللار ئۈچۈن كۆڭۈللىرىدە بىر ھاجەت ھېس قىلمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بار تۇرۇپ ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر مۇنداق دەيدۇ: ‹رەببىمىز! بىزنى ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەپۇ قىل، قەلبلىرىمىزدە مۇئمىنلارغا قارشى بىر ئاداۋەت قويما! رەببىمىز! سەن شەپقەتلىك ۋە مېھرىبانسەن›»- ھەشر 59/9-10.
10- ياخشىلىق قىلىش
يەنى ئاتا-ئانىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا»
«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار، يېتىملەر، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھقا، يولۇچىغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى،  ئاللاھ ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىك قىلىدىغانلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ»- نىسا 4/36.
11- قولى كەڭ بولۇش
 ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الْإِنْسَانَ خُلِقَ هَلُوعًا. إِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ جَزُوعًا. وَإِذَا مَسَّهُ الْخَيْرُ مَنُوعًا. إِلَّا الْمُصَلِّينَ. الَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَاتِهِمْ دَائِمُونَ. وَالَّذِينَ فِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ مَعْلُومٌ. لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ»
«شۈبھىسىزكى، ئىنسان بەك چىدامسىز ۋە بەك ئاچ كۆز يارىتىلدى. ئۇ ئۆزىگە يامانلىق يەتكەندە زارلانغۇچىدۇر، ياخشىلىق يەتكەندە مەنئى قىلغۇچىدۇر. ناماز ئوقۇغۇچىلار ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار نامىزىنى داۋاملىق ئوقۇغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار ماللىرىدا مەلۇم ھەق بولغان كىشىلەردۇر، تىلىگۈچى ۋە مەھرۇم بولغۇچىلار ئۈچۈن[3].»- مەئارىج 70/19-25.
«وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ»
«بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن بىزنىڭ يولىمىزدا سەرپ قىلىڭلار. بۇنى بېرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: ‹رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنا ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بۇلار ئىدىم› دېيىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار»- مۇنافىقۇن 63/10.
«فَأَمَّا مَنْ أَعْطَى وَاتَّقَى. وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَى. فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَى. وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَى. وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَى. فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْعُسْرَى. وَمَا يُغْنِي عَنْهُ مَالُهُ إِذَا تَرَدَّى»
«كىمكى بېرىدىكەن، تەقۋادارلىق قىلىدىكەن ۋە ئەڭ ياخشى سۆزنى تەستىقلايدىكەن، بىز ئۇنىڭغا ئەڭ ئاسان نەرسىنى مۇيەسسەر قىلىمىز.
ئەمما كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىكەن ۋە ئەڭ ياخشى سۆزنى يالغان دەيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا ئەڭ قىيىن نەرسىنى مۇيەسسەر قىلىمىز. ئۇ تاشلانغان چاغدا[4]، مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ»- لەيل 92/5-11.
12- راستچىل بولۇش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ»
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار»- تەۋبە 9/119.
ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«شۈبھىسىزكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ. ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر ئادەم راست سۆز قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا راستچىل دەپ پۈتۈلىدۇ. يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ. بىر ئادەم يالغانچىلىق قىلىۋەرسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا يالغانچى دەپ پۈتۈلىدۇ»— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى:
«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق دېگەن كىشىنىڭ ئاللاھغا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، يوقسۇللارغا، يولدا قالغانلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بېرىشى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇشى، زاكاتنى بېرىشى، قىلشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشى، قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە ۋە قاتتىق ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر»- بەقەرە 2/177.
«رەھماننىڭ بەندىلىرى زېمىندا تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدىغان ۋە نادانلارنىڭ قوپال سۆزلىرىگە يۇمشاق سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار مۇنداق دەيدىغان كىشىلەردۇر: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىل. جەھەننەم ئازابى ئەبەدىي زىياندۇر.
جەھەننەم نېمىدېگەن يامان قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!».
ئۇلار خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدىغان، بېخىللىقمۇ قىلمايدىغان، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر يول تۇتىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.
كىم تەۋبە قىلىپ ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغان بولىدۇ.
ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدىغان، بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتكە يولۇقسا ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۈستىگە گاسلار ۋە كورلار بولۇپ يىقىلمايدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار: ‹رەببىمىز! بىزگە بىزنى خۇشال قىلىدىغان جۈپتلەر ۋە نەسىللەر ئاتا قىل، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىل› دەيدىغان كىشىلەردۇر»- فۇرقان 25/63-76.
«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر….
ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰ كەلتۈرۈپ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ.
ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ئادا قىلغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمە، زېمىندا غادىيىپ ماڭما، ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
تەبىئىي ماڭ، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسلە، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»- لۇقمان 31/13- ۋە 16-
19).
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا- ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا-ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇفف!›[5] دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
ئۇلارغا ناھىيىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بول، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: ‹رەببىم! ئاتا- ئانامغا مەرھەمەت قىل، ئىككىسى مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگەندەك!›.
رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر.
تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولدا قالغانلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن.
شۈبھىسىزكى، بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا، رەببىگە ناھايىتى تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
ئەگەر قولۇڭ قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ھازىرچە ھەقلىرىنى بېرەلمىسەڭ، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن.
قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالما[6]، بەك قولى ئوچۇقمۇ بولما. بولمىسا مالامەتكە قالىسەن ۋە ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن.
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، تار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
پېقىر بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۇرمەڭلار. بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھتۇر.
زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ ناھايىتى قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر.
ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىسىگە ھوقۇق بەردۇق. لېكىن ئۇ كىشى قىساس ئېلىشتا ھەددىن ئاشمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ياردەم قىلىنماقتىدۇر.
يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلىشىڭلار. ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى ئەھدىدىن سوراققا تارتىلىسىلەر.
كەمچەنلىگەن چېغىڭلاردا تولۇق كەمچەنلەڭلار ۋە توغرا ئۆلچەم بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچەڭلار. بۇ ناھايىتى خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر.
بىلمىگىنىڭگە ئەگەشمە. چۈنكى قۇلاق، كۆز ۋە قەلب، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلمىشلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ.
زېمىندا گىدىيىپ ماڭما. چۈنكى پۇتۇڭ زېمىننى تېشىۋېتەلمەيدۇ، بېشىڭ تاغلار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.
يۇقىرىدا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى رەببىڭنىىڭ دەرگاھىدا يامان كۆرۈلىدىغان ئىشلاردۇر.
بۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەردۇر. ئاللاھقا ھېچبىر ئىلاھنى تەڭ قىلما! بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن»- ئىسرا 17/23-39.
——————————-
[1]مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 [2]– بېخىل بولما.

  [3]– بۇ يەردە تىلىگۈچى دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز سائىل بولۇپ، مەناسى ئۆزىنىڭ موھتاج ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا دەپ ئۇلاردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغۇچى، دېگەن بولىدۇ. مەھرۇم تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بېرىدىغان نەرسىسىدىن ياكى مال-مۈلكىگە ئاپەت يەتكەنلىكى ئۈچۈن مال-مۈلكىدىن ۋە ياكى غەنىمەت تەقسىماتىدىن كېيىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن غەنىمەتتىن نېسىۋە ئېلىشتىن مەھرۇم قالغۇچى دېگەن بولىدۇ.

  [4]– قەبىرگە تاشلانغان ياكى دوزاخقا تاشلانغان، دېمەكچى.

    [5]– ئۇفف دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

   [6]– بېخىل بولما.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر