مۇسۇلمانلار

دادامنىڭ مىراسىنى قانداق تەقسىم قىلىمىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۆۋەندىكى مىراسنى تەقسىم قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ قويغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن:
دادام تۈگەپ كەتكەن. دادامنىڭ ئىككى ئوغۇل، ئۈچ قىز بولۇپ جەمى 5 بالىسى بار. يەنى بىز جەمئىي بەش بالا، ئىككى ئوغۇل، ئۈچ قىز. دادامنىڭ ئاتا ۋە ئانىسىمۇ ھايات.
دادامدىن ئۆي-جاي، يەر-زېمىن، كالا-قوي، نەخ پۇل… دېگەندەك نەرسىلەر مىراس قالغان ئىدى. بۇلارنى قانداق تەقسىم قىلىمىز؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
دادىڭىزنىڭ مىراسى مۇنداق تەقسىم قىلىنىدۇ:
1- ئالدى بىلەن دادىڭىز ئۆلۈپ قالغان چاغدا ئۇنىڭ ئىلكىدىكى بارلىق مال-مۈلۈك ھازىرقى باھادا باھالىنىپ پۇلغا سۇندۇرۇلىدۇ. چۈنكى ئۆي-بىسات، كالا-قوي، يەر-زېمىن… لەرنى پۇلغا سۇندۇرماي تەقسىم قىلغىلى بولمايدۇ.
2- ئاندىن ئانىڭىزغا يەنى دادىڭىزنىڭ ئايالىغا ئومۇمىي مىراسنىڭ 8 دىن بىرى تېگىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«…وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ…»
«ئاياللىرىڭلارغا، سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ»- نىسا 4/12.
3- ئاندىن مىراسنىڭ قالغان قىسمىنىڭ 6 دىن بىرى دادىڭىزنىڭ دادىسىغا، 6 دىن بىرى دادىڭىزنىڭ ئانىسىغا تېگىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«… وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ …»
«… ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ…»- نىسا 4/11.
4- ئاندىن مىراسنىڭ قالغان قىسمىنى 7 گە بۆلۈپ ئوغۇللار بۇ 7 دىن 2 دىن ھەسسە، قىزلار 1 دىن ھەسسە ئالىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ»- نىسا 4/11.
دادىڭىزنىڭ مىراسىنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن تەقسىم قىلىش ئۈچۈن دادىڭىزدىن قالغان پۈتۈن مىراس مالنى 8 دىن بىرى چىقىدىغان، ئاندىن قالغان قىسمىدىن 6 دىن بىرى چىقىدىغان ۋە قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەر ئۆز ھەسسىلىرىنى ئېنىق ئالالايدىغان بىر سانغا بۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن دادىڭىزنىڭ مىراسى 48 گە بۆلۈنىدۇ . 48 نىڭ 8 دىن بىرى بولغان 6 نى ئانىڭىز (دادىڭىزنىڭ ئايالى) ئالىدۇ. يەنى 48 نى 8 يەرگە بۆلسىڭىز ھەر بىر يەرگە 6 دىن ھەسسە بۆلۈنىدۇ . بۇ 6 نى ئانىڭىز ئالىدۇ.
ئاندىن قالغان 42 نى 6 گە بۆلىمىز. ھەر بىر يەرگە 7 دىن ھەسسە بۆلۈنىدۇ . دادىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ھەر بىرى 7 دىن ھەسسە ئالىدۇ. چۈنكى بۇ 7، 42 نىڭ 6 دىن بىرىدۇر، يەنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھەسسىسىدۇر.
ئاندىن 28 ھەسسە قالىدۇ. بۇنى 7 گە بۆلىمىز. 28 نى 7 گە بۆلەسك ھەر بىر يەرگە 4 دىن ھەسسە ئايرىلىدۇ. قىزلارنىڭ ھەر بىرى 4 دىن ئالىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئۈچ قىز 28 دىن 12 سىنى ئالغان بولىدۇ.
ئاندىن قالغان 16 ھەسسىسىنى ئىككى ئوغۇل 8 دىن ئالىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئوغۇللار ئىككى ھەسسە، قىزلار بىر ھەسسە مىراس ئالغان بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر