مۇسۇلمانلار

بۇ فىلىملەرنى كۆرسە بولامدۇ

سوئال:
يېقىنقى يىللار مابەينىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.جۈملىدىن «ھەزرىتى يۈسۈپ فىلىمى» ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ كىشىلەر بۇ فىلىمنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ فىلىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن بەزىلەر«بۇ فىلىمنى كۆرسە بولمايدۇ» دەپ پەتىۋا بېرىشتى. سىزدىن سوراپ باقسام، ئۇ فىلىمنى كۆرسە راستتىنلا بولمامدۇ؟
جاۋاب:
مۇشۇنداق گەپلەرنى چىقىرىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان چالا موللىلار مۇھەممەد سالىھ داموللام قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلغان چاغدىمۇ قارشى چىققان.
فىلىم دېگەن بىر تەمسىلدۇر، ھېچكىم فىلىم كۆرۈۋېتىپ مەن ئۆز ئەينىسىنى كۆردۈم دېمەيدۇ، ئۆزىنىڭ فىلىم كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ كۆرىدۇ. ھازىر ئۇ فىلىم (ھەزرىتى يۇسۇف فىلىمى) پۈتۈن دۇنيادا يۈزلەرچە تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ فىلىمنى كۆرگەن ئىنسانلار ئىنسانلىقنىڭ، توغرىلىقنىڭ، دۇرۇستلۇقنىڭ، ئىپپەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتىدۇ.
ئۇ فىلىمنى «كۆرسە بولمايدۇ»، دېگۈچىلەر كۈندۈزى «كېچە بولدى»، دەپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرغان تەرسالارغا ئوخشايدۇ، ھالبۇكى كۆزلىرىنى يۇممىغانلار ۋاقىتنىڭ كېچە ئەمەسلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.
بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدەساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە قەغەزگە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇقەغەزنى ئوقۇپ ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپبېرىش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇ ۋەقەدىن ۋاقىپلاندۇرۇش توغرا بىر ئىشتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى، شۇ ۋەقەدىكى كىشىلەرنى باشقا كىشىلەر بىلەن تەمسىل قىلىپ تۇرۇپ سىنئالغۇغاتارتىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغاكۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە خىتاب قىلىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.
«بولمايدۇ» دېگۈچىلەر ئۆزلىرى ئەھلى ئىلىم ئەمەس، لېكىن ئەھلى ئىلىمگە ئوخشايدىغان كىشىلەر بولغاچقا يا ئەقىلگە ئۇنىمايدۇ، يا مەنتىققە ئۇنىمايدۇ، ياكى ئايەت-ھەدىستىن «بولمايدۇ» سىغا ئېنىق دەلىل كەلتۈرەلمەيدۇ.
ئەجەبا، «ھەزرىتى يۇسۇف فىلىمى» نى كۆرسە بولمايدۇ، دېگۈچىلەر، ئەخلاقسىزلىققا ۋە ھاياسىزلىققا تەشۋىق قىلىدىغان «چەكلەنگەن سۆيگۈ»، «ئادانالىق»، «ئاچچىق ھايات»، «ئەزەل»… دېگەندەك شەھۋانىي فىلىملەر ۋە مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىنى بۇزىدىغان «غەربكە ساياھەت»….. توغرىسىدا نېمە دەيدىغاندۇ؟!
ئۇ فىلىمنى كۆرگۈچىلەر فىلىمنىڭ ئىچىدىكى شېرىك ۋە خۇراپاتلارغا دىققەت قىلىشلىرى مۇھىمدۇر. مەسىلەن:
قۇدۇقتا بىر ئاقساقاللىق كىشىنىڭ ھەزرىتى يۇسۇفنىڭ يېنىغا كېلىپ «مەن 1200 يىلدىن بېرى بۇ يەردە سېنى ساقلاۋاتىمەن»، دېيىشى، بۇ ئاقساقاللىق كىشىنىڭ ئەڭ ئاخىردا يەنە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە زۈلەيخانىڭ قېرىپ مۇنەكشىپ كەتكەندىن كېيىن ياش چوكانغا ئايلىنىشى خۇراپات بولسا، ھەزرىتى يۇسۇفنىڭ بوينىدىكى تاشنى پات-پات چىقىرىپ سۆيۈشى ۋە بۇنى سۆيسەم كۆڭلۈم ئارام تاپىدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان، دېيىشى شېرىكتۇر. ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كىشىلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشلىرى زۆرۈردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ فىلىمنى كۆرگەن مۇسۇلمانلارغا سۈرە يۇسۇفنىڭ تەرجىمىسىنى دىققەت بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار «گۆشگىردىنىڭ قىيمىسىدىكى چىۋىن» نى ئايرىيالايدۇ.
سوئال:
ھازىر دىيارىمىزدا تۈركىيەنىڭ فىلىملىرىنى كۆرۈش خىلى ئەۋج ئىلىپ قالدى . تۈركىيەمۇ كىنۇچىلىققا مەبلەغنى ئايىماي سالغاندەك قىلىدۇ . بىراق ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەخلاقىغا زىت بولغان كۆرۈنۈشلىرى ئالدىدا بەزى ساددا كىشىلىرىمىزنىڭ تېڭىرقاپ قىلىشى ، ھەم زەھەرلىنىشى ئېھتىمال . ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز تۈركىيەنىڭ مۇشۇ خىل ئىسلام ئەخلاقىدىن چەتنىگەن فىلىملەرنى ئىشلەش سەۋەبى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز!
جاۋاب:
تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى سوپى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى «دىنىي فىلىم» لەردە تەسۋىرلەنگەن دىن ئىسلام ئەمەس سوپىلىقتۇر.
ئىككىنچىدىن تۈركىيە ياۋروپاغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپادىكى يالىڭاچلىشىش بۇ يەرنىڭ فىلىملىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۈچىنچىدىن تۈركىيە دۇنياغا 700 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغانلىقى ۋە تۈرك خەلقى شۇ ئوسمانلىنىڭ نەۋرىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشنى يەھۇدىي، خىرىستىيان ، مەجۇسىي ۋە باشقا پۈتۈن كاپىرلار، شۇنداقلا ئوسمانلىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان «سىياسەت مۇھەندىسلىرى» ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئىشقا تۇتۇشقىلى ئۇزۇن بولغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئادەتتىكى بىر فىلىمىنىمۇ ئاتا-بالا، ئانا قىز بىرلىكتە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردىكى فىلىم شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يا يەھۇدىينىڭ ياكى خىرىستىئاننىڭ ۋە ياكى ئەرمەنىي قىزىلباش كاپىرلىرىنىڭ قولىدا. فىلىم ئارتىسلىرىنىڭ يۈزدە يۈزگە يېقىنى تۈرك ئەمەس، ياكى مۇسۇلمان ئەمەس.
ھازىر ھەر ئۆيدە تېلېۋىزور بار، تىزگىنەك ئۆي ئىگىسىنىڭ قولىدا، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئىسلامغا ئۇيغۇن بەلگىلەنمەيدىغان، يامانلىقنىڭ پۈتۈن يوللىرى ئېغىزىغىچە ئېچىۋېتىلگەن، ئىنسانلار مۇسۇلمانلىقتىن قۇتۇلۇشقا يول ئىزدەۋاتقان بىر شارائىتتا ئىنسانلارغا «ئۇنى كۆرسەڭ بولمايدۇ، بۇنى كۆرسەڭ بولىدۇ» دەپ «ئەھكام كېسىش» نىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئۇ فىلىملەردىكى خاتالىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلارغا توغرىلارنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولماسمۇ؟!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر