مۇسۇلمانلار

بۇ بالىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب:

دىنىمىزدا، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بالىنىڭ ئۆز ئانىسىغا، ئاندىن ئانىسىنىڭ ئانىسىغا، ئاندىن دادىسىنىڭ ئانىسىغا يۈكلىنىدۇ. بۇ تەرتىب بويىچە بالىنى دادىنىڭ ئانىسى باققان بولسا، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال، بالىنى ئۆز ئانىسىدىن تاندۇرۇۋېتىش ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىك ۋە ياكى ھېلىقىدەك ئىنساپسىزچە تەھدىت قىلىش ھەققىگە ھېچقاچان ئىگە ئەمەس. بۇ، ئۇ ئايالنىڭ تەرسالىقىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئۇ ئايالنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى كېرەك.

بالىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، بالا ئۆز ئانىسىنى كۆرۈشى، يوقلاپ تۇرۇشى، ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىشى لازىم. باققان چوڭ ئانىسىنىڭ «ئەگەر ئوز ئاناڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان بولساڭ … باققىنىىمغا ھەرگىز رازى ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئۇ بالا ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى سۈيىئىستېمال قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئۈستىدە ھاكىممۇتلەق بولالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بالا بۇ ئانىسىنىمۇ ئانا قاتارىدا كۆرۈپ، شەرىئەت چەكلىمەيدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى، ئەتە – ئاخشام ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشى لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر