مۇسۇلمانلار

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

سوئال:

سۈرە نىسانىڭ 141- ئايىتىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. ئۇ ئايەتنىڭ تەرجىمىسى ئىچىدە «بىز سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەپ بىر ئىپادە بارىكەن. بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسىنى ئۇقالمىدىم؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب:

ئۇ ئايەتنى ئىلگىرىكى ئايەت بىلەن يەنى 140- ئايەت بىلەن بىرلىكتە چۈشەنسىڭىز ئوبدان چۈشىنەلەيسىز. ئۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّى يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا.

الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِنْ كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِنَ اللَّهِ قَالُوا أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ وَإِنْ كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُوا أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُمْ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَنْ يَجْعَلَ اللَّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا»

«ئاللاھ بۇ كىتابتا سىلەرگە شۇنى نازىل قىلدى[1]: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلار باشقا بىر پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ.

ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بىر پەتىھ نېسىپ بولسا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلارغا زەپەردىن بىر نېسىۋە بولسا: «بىز سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ كاپىرلار ئۈچۈن مۇئمىنلارغا قارشى يول بەرمەيدۇ»- نىسا 4/140-141.

ئايەتنىڭ «أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُمْ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ (سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دېگەن قىسمى ھەققىدە مۇپەسسىرلەر ئىككى تۈرلۈك تەپسىر ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1- يەنى، «پۇرسەت قولىمىزدا ئەمەسمىدى؟ بىزمۇ شۇ مۇئمىنلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە قارشى ئۇرۇشساقىدۇق، سىلەرنى مەغلۇپ ۋە پەرىشان قىلماسمىدۇق؟ ھالبۇكى، سىلەر بىلەن سىرتتىن ھەپىلىشىۋاتقاندا بىز قەلئەنى ئىچىدىن پەتىھ قىلدۇق. مۇئمىنلارغا ياردەم قىلمىدۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گەپ تارقاتتۇق. ئۇلارنى ئالدىدۇق. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە قورقۇنچ سالدۇق. بۇ سەۋەبلەرنىڭ نەتىجىسىدە سىلەر زەپەر قازاندىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ زەپەرگە قوشقان ھەسسىمىز سىلەرنىڭكىدىن كۆپ، ئورنىمىز سىلەرىڭكىدىن يۇقىرى» دېگەن شەكىلدە. تەپسىرچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەنىنى ئەۋزەل كۆرىدۇ.

2- «سىلەر مۇسۇلمانلارنى كۈچلۈك دەپ ئويلاپ مۇسۇلمان بولغىلى قوپقاندا سىلەرنى بىز توسمىدۇقمۇ؟ بىز: «مۇھەممەدنىڭ ئىشى ئاجىزلايدۇ، سىلەرنىڭكى كۈچىيىدۇ» دەپ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرمىدۇقمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار! ئۆز ۋاقتىدا دېگەن سۆزلىرىمىز توغرا چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زەپەرنى ئەسلىدە بىز قازاندۇق. بۇ زەپەرنىڭ غەنىمىتىگە سىلەردىن بەك بىز لايىقدۇرمىز» دېگەن شەكىلدە. بەزى تەپسىرچىلەر بۇ مەنىنى تاللايدۇ. دېمەككى، كاپىرلار زەپەردىن بىر نېسىۋىگە ئېرىشسە بۇ مۇناپىقلار ئۇلارغا قىلغان «ياخشىلىق» لىرىنى پېشانىلىرىگە تاقاپ ئىززەت-ئېتىبار قازانماقچى ۋە ئولجىدىن ھەسسە ئالماقچى بولىدۇ.- ئەلمالىلى ھامدىي يازىر، ھەق دىنى قۇرئان دىلى، 3- جىلد، 43- بەت. فەخرۇددىن رازى، تەپسىرى كەبىر، 4-جىلد. 247- 248- بەتلەر.


[1] بۇ سۈرە ئەنئامنىڭ 68- ئايىتىدۇر. يەنى ئاللاھ تەئالا بۇ ھۆكۈمنى ئىلگىرى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 68- ئايىتىدە نازىل قىلغان، ئاندىن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر