مۇسۇلمانلار

بۇنداق سورۇنلارغا بېرىش كېرەكمۇ ياكى بارماسلىق كېرەكمۇ؟

جاۋاب:

سىز دېگەن ئۇ ئىشلار ئىبادەت ھېساپلانمىسىلا يەنى «بۇ ئىشنى قىلسام ماڭا ساۋاپ بولىدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئېلىپ بېرىلمىسىلا بارغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى بىدئەت، دىنىمىزدا ئىبادەت دەپ كۆرسىتىلمىگەن بىر سۆزنى ياكى بىر ھەرىكەتنى ئىبادەت دەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. يەنى ئۇ ئىشلار ئادەتتۇر. ئىبادەت ئەمەستۇر.

سىز تىلغا ئالغان ئۇ ئىشلار باشقىلارنىڭ ئادىتىدىن بىزگە ئېقىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئىشلارنى قىلمىغان ياخشى. لېكىن بىرى سىزنى ئۇنداق بىر يەرگە چاقىرسا بېرىپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز، ئەگەر بارغان يېرىڭىزدە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلار بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە قارشى تۇرۇشىڭىز ۋە ئۇنداق ئادەتلەرنىڭ يوقىلىشىغا كۈچ چىقىرىشىڭىز ئەۋزەلدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر