مۇسۇلمانلار

بۇغداينى ئۇنغا تېگىشىش

سوئال:
بىزنىڭ جەنۇبتا دېھقانلار بۇغداي پىشقاندىن كىيىن، بارلىق بۇغدىيىنى ئۇن زاۋۇتلىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئۆيدە ئۇن تۈگەش بىلەن تەڭ زاۋۇتقا بىرىپ، ئېھتىياجغا چۇشلۇق ئۇن ئەكېلىپ ئىشلىتىدىغان ئادەت بار ئىدى (زاۋۇتنىڭ ئۆلچىمى:ھەر 100 جىڭ بۇغدايغا 75 جىڭ ئۇن ۋە 25 جىڭ كېپەك بېرىلىدۇ ھەمدە زاۋۇت ئىگىسى ئۆزىنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەق ئالىدۇ. مەسىلەن : مەن 1000 جىڭ بۇغداي ئۆتكۈزگەن بولسام، زاۋۇت ئىگىسى ماڭا 750 جىڭ ئۇنغا ۋە 250 جىڭ كېپەككە تالون يېزىپ بىرىدۇ، ھەر قېتىم ئۇن ئالغىلى بارغاندا مىقدارغا قاراپ مۇۋاپىق جاگۇڭ ھەققى ئالىدۇ).
بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئۆلىمالار: بىرىسىنىڭ بۇغدىيىدىن تارتىلغان ئۇن يەنە بىرسىگە بېرىلىدىغان، بىرسىنىڭ ھەققى يەنە بىرسىگە ئارىلىشىپ كېتىدىغان بۇ خىل تىجارەت شەكلىنى ھارام دەپ پەتىۋا بىرىپ، تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئامال بار دەپ قارىدى:
1- بارلىق بۇغداينى بازار باھاسى بويىچە سېتىپ، ئۇننى نەق پۇلغا ئىلىپ ئىشلىتىش
2- بۇغداينى ئۆيدە قويۇپ، ئۇن لازىم بولغاندا كىچىك ئۇن زاۋۇتلىرىغا ئاپىرىپ، مۇۋاپىق ھەق بىرىپ ئۇن تارتقۇزۇپ ئىشلىتىش.
لېكىن بۇ تىجارەت شەكلى ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان بولغاچقا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەقۋا كىشىلەرلا ئۆزىنىڭ بۇغدىيىنى ئۆزى ئۇن تارتقۇزۇپ يەۋاتىدۇ ياكى بۇغدىيىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇپ ئۇننى بازاردىن سېتىۋېلىپ يەۋاتىدۇ.
ئەمدى سىزدىن سورايدىغىنىم، بۇخىل تىجارەت شەكلى ئۇ ئۆلىمالار دېگەندەك راسلا ھاراممۇ؟ ئەگەر ھارام بولسا، بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئەگەر ھارام بولمىسا، بۇ ئۆلىمالارنى قانداق قايىل قىلىش كېرەك ؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ئۇ ھارام، بۇ ھارام» دېگۈچىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىشىم كېرەككى:
ئاللاھ تائالا ھالال ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. ئايەت-ھەدىستىن دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلَالٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ»
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل سۈرىسى 116- ئايەت.
سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،
بۇ ئىشنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق. چۈنكى بۇ ئىشتا بۇغدايلىرىنى زاۋۇتقا كېيىن ئۇن ۋە كېپەك بېرىش شەرتى بىلەن تاپشۇرۇۋاتقان كىشى بۇغدايلىرىنى زاۋۇت ئىگىسىگە ئامانەت قويغان بولىدۇ. زاۋۇت ئىگىسى بۇ ئامانەتنى ئۆز جايىدا ساقلاپ ۋاقتى كەلگەندە ئىگىسىگە تاپشۇرىدۇ. ئۇ زاۋۇت ئىگىسى بۇغداينىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بۇغداي ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭغا بۇغدىيىنى ئۇن قىلىپ بېرىدۇ ۋە ئۇن قىلىپ بەرگەنلىكىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق يامان تەرىپى يوق. چۈنكى بۇ ئىشتا ھېچكىمنىڭ ھەققى ھېچكىمدە قالمايدۇ.
ئۇ ئۆلىمالارنىڭ سۆزىگە كەلسەك،
ئۇلار مۇنۇ مەسىلىنى چۈشىنەلمەپتۇ:
بۇغداي مىسلىي مال (ئوخشىشى بار مال) ھېسابلىنىدۇ. يەنى شەرىئەتتە بىر كىشى مىسلىي مال ھېسابلىنىدىغان بىر مېلىنى باشقىسىغا ئۆتنە بەرسە ياكى ئامانەت قويسا ئۆتنە ئالغۇچى ياكى ئامانەت ئالغۇچى ئۇ مالنىڭ ئۆز ئەينىسىنى قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىدە بولمايدۇ. مەسىلەن: سىز بىر كىشىگە 100 يۈەن پۇل قەرز ياكى ئامانەت بەرسىڭىز، قەرەل توشقاندا ئۇ كىشىگە مەن بەرگەن پۇلنىڭ ئۆز ئەينىسىنى بەرگىن دېيەلمەيسىز. مەن ساڭا 10 كويلۇقتىن 10 نى بەرگەن ئىدىم، سەن ماڭا ھازىر 5 كويلۇقتىن 2 نى بەرسەڭ ھارام ئىش قىلغان بولىسەن دېيەلمەيسىز. ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، قوناق ، تۇخۇم، ۋەھاكازالار نىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. سىز بىر كىشىدىن 100 گىرام ئالتۇن ئۆتنە ئالسىڭىز، سىز بۇ 100 گىرام ئالتۇننى خەجلەپ قەرەل توشقاندا ئورنىغا باشقا يۈز گىرام ئالتۇن تۆلەيسىز. قوشنىڭىزدىن 2 تۇخۇم ئۆتنە ئالسىڭىز ئۇ 2 تۇخۇمنى يەپ ئاندىن ئورنىغا باشقا 2 تۇخۇم تۆلەپ بېرىسىز……..
ئۇ بۇغداي مەسىلىسىگە قايتا كېلەيلى، بۇغدىيىنى بىر زاۋۇتقا كېيىن ئۇن ۋە كېپەك ئېلىش شەرتى بىلەن تاپشۇرغان كىشى، «ئەمىسە مېنىڭ بۇغدىيىم مۇشۇ تاغاردىكى، مۇشۇنىڭ ئۆز ئەينىسىنى ئۇن ۋە كېپەك قىلىپ بېرىسىز ماقما!» دەپ بۇغدىيىنى كىيلودا تارتمايلا تاغىرى بىلەن تاپشۇرمايدۇ. بۇنداق دېسە زاۋۇت ئىگىسىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ ھەر كىشىنىڭ بۇغدىيىنى ئايرىم-ئايرىم قانداق بىر تەرەپ قىلىپ بولالىسۇن؟ ھەم بۇنىڭغا ئامبارمۇ يېتىشمەيدۇ. بۇغداي ئىگىسى بۇغدىيىنىڭ زاۋۇتتا باشقا بۇغدايلار بىلەن ئېلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەسلىدە بۇنى ھەر ئەقىل ئىگىسى بىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇغداي ئىگىسى بۇغدىيىنى كىيلودا تارتقۇزمايلا تالونغا مانچە كەمچەن ياكى مانچە تاغار بۇغداي دەپ يازدۇرمايدۇ. زاۋۇت ئىگىسىمۇ بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەكسىچە زاۋۇت ئىگىسى بۇغداي ئىگىسىنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن تالونغا مانچە كىلو بۇغداينىڭ بەدىلىدە مانچە كىلو ئۇن، مانچە كىلو كېپەك بېرىلىدۇ، دېگەن مەزمۇندا خەت يېزىپ بېرىدۇ. بۇمۇ ئىشنىڭ تەبىئىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ يەردە بۇغداينىڭ ئالمىشىپ كېتىشى ئەمەس، زاۋۇتقا تاپشۇرۇلغان بۇغداينىڭ بەدىلى بولغان ئۇن ۋە كېپەكنىڭ تۆلىنىشى مۇھىم.
مۇسۇلمان دېگەن ئۇنداق خىيالپەرەس، ۋەھىمچى بولسا بولمايدۇ. ئەكسىچە مۇسۇلمان ئەقلىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر