مۇسۇلمانلار

ئاللاھ تۈزىدى، سەن بۇزما!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلاَ تُفْسِدُواْ فِي الأَرْضِ بَعْدَ إِصْلاَحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا إِنَّ رَحْمَتَ اللّهِ قَرِيبٌ مِّنَ الْمُحْسِنِينَ
 «ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئاللاھقا قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- ئەئراف 7/56.
بۇ ئايەتنىڭ قىسقىچە تەپسىرى:
ئاللاھ تائالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارغا ئۇيغۇن يارىتىش، ئاندىن كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، سىلەر ئىبادەت، ئىتائەت ۋە دۇئا قاتارلىق قۇلچىلىقلىرىڭلارنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قارىتىش، ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش ئارقىلىق ئۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭغا يەرلەشتۈردى، مەلۇم بىر زامانغا قەدەر ئۇنى سىلەرگە قارارگاھ قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى بار قىلدى. بەختلىك ياشىشىڭلار ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە، بەختسىز ياشىشىڭلار ئۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا باغلىق قىلدى. نازىل قىلغان كىتاب ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ، راست بىلەن يالغاننىڭ، چىرايلىق بىلەن سەتنىڭ ۋە ياخشى بىلەن ياماننىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭ تۈزۈك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە بۇزۇلغان يەرلىرىنى تۈزەشكە مەسئۇل، بۇزۇشتىن ۋە بۇزۇلۇشىدىن جاۋابكار قىلدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر تىلەيدىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاللاھتىنلا تىلەڭلار. ئەگەر ئاللاھتىن غەيرىيدىن تىلىسەڭلار ئاللاھ تۈزىگەن زېمىننىڭ ئۈستىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىسىلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەھكۇم قىلىنىسىلەر.
ئاللاھنىڭ ئەمر–پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتقان ۋە چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىۋاتقان، بولۇپمۇ ئاللاھقا دۇئا قىلىۋاتقان چېغىڭلاردا ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىڭلار.
غايەڭلار شېرىك ئەمەس تەۋھىد، كۇپۇر ئەمەس ئىمان، گۇناھ ئەمەس ئىبادەت، قالايمىقانچىلىق ئەمەس ئىنتىزام، زۇلۇم ئەمەس ئادالەت، ۋەيران قىلىش ئەمەس گۈللەندۈرۈش، بۇزۇش ئەمەس تۈزەش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس ئىسلاھ قىلىش بولسۇن.
سىلەر ھاياتىڭلار ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان بىرەر نەرسىنىڭ يوق چېغىدىكى قىيىنچىلىقىڭلارنى، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا بىر چىشلەم يېمەكلىككە ياكى بىر يۇتۇم سۇغا موھتاج بولۇپ، ئۇنى تاپالمىغان چېغىڭلاردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىڭلارنى، ئاستىڭلاردىكى زېمىننىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ سىلكىنگىلى باشلىغان چاغدا بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتنى ئويلاپ ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن! 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر