مۇسۇلمانلار

بەزى شېرىك ۋە بىدئەت ئىشلار!

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بۇ، تامامەن خۇراپى، ھەتتا شېرىك ئىش بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىن قەتئىي مەنئى قىلىدۇ.

قېرىندىشىم! دىن ئاللاھنىڭ دىنى. يولنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. نەبى يەتكۈزىدۇ.

بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك بىلىمىز ۋە بۇ بىلىمىمىزنى ئاغزىمىز بىلەن سۆزلەپ ئېلان قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولىمىز.

«ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دېيىلگەندە تىرناقلىرىنى كۆزلىرىگە سۈركىگەنلەرنىڭ بەزىسى، «شاپائەت قىل يا رەسۇلەللاھ!» دەپ سۈركەيدۇ. بەزىسى «كۆزۈمنىڭ نۇرى بول يا رەسۇلەللاھ!» دەپ سۈركەيدۇ.

ئاللاھ تەئالا زۇمەر سۈرىسىنىڭ 44 ـ ئايىتىدە «شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دەيدۇ. نەبى ئەلەيھىسسالام:« تىلىسەڭ ئاللاھدىن تىلە، ياردەم تىلىسەڭ ئاللاھدىن ياردەم تىلە» دەيدۇ. ـ (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

بۇ ئايەت ۋە ھەدىسكە ئاساسەن، «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دېيىلگەندە تىرناقلىرىنى كۆزلىرىگە مەيلى \\\\»شاپائەت قىل يا رەسۇلەللاھ!\\\\» دەپ سۈركىسۇن، مەيلى \\\\»كۆزۈمنىڭ نۇرى بول يا رەسۇلەللاھ!\\\\» دەپ سۈركىسۇن، ئىشقىلىپ نەبى ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا تىرناقلىرىنى كۆزلىرىگە سۈركىگەنلەر نەبى ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تەئالاغا شېرىك قىلغان بولىدۇ. يەنى ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ.

يەنە شۇنىڭدەك، نامازشامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت تۆھپە رەسۇل نامىزى دەپ بىر خىل ناماز ئوقۇغانلار (رەسۇلۇللاھقا ئاتاپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلار) مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ. مەن ئۇنداقلاردىن«بۇ نامازنى نېمە دەپ ئوقۇيسىلەر؟» دەپ سوراپ باققان. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشكەن: «نامازشامنى ئاللاھغا ئوقۇيمىز. بۇ نامازنى نەبى ئەلەيھسسىالامغا ئوقۇيمىز، مۇشۇنداق قىلساق ئۇ بىزگە قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ». دېمەك ئاللاھنىڭ غەيرىيگە سەجدە قىلىشتىن ئىبارەت شېرىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچىدە بار.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن شېرىك ئىشلەر بار، مەسىلەن: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا جامە ۋە مەسچىتلەردە بامدات نامىزىدىن كېيىن ئىمام ئاخۇنۇم ياسىن سۈرىسىنى بىر تامام قىلىدىغان ئادەت بار. ئىمام ئەئۇزۇ – بىسمىللاھ…. نى ئوقۇغاندىن كېيىن «ياسىين!» دېسە جامائەت ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، ئالدىغا بوشراق ئېگىلىپ تۇرۇپ، ئىچىدە «ئەسسەلامۇ ئەلەيكە يارەسۇلەللاھ!» دەيدۇ.

مەن ئۇلاردىن نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟ دەپ سورىسام، مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشكەن ئىدى: «ياسىن دېگەن نەبى ئەلەھىسسالامنىڭ ئىسمى. ئىمام «ياسىين!» دېيىش بىلەن بىر تەرەپتىن ياسىن سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىنى ئوقۇغان بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن نەبى ئەلەيھىسسالامنى چاقىرغان بولىدۇ. نەبى ئەلەيھىسسالام قاچان قەيەرگە چاقىرىلسا، دەرھال شۇ يەرگە ھازىر بولىدۇ. بىز ئىمامنىڭ چاقىرىشى بىلەن مەسچىتكە ھازىر بولغان نەبى ئەلەيھىسسالامغا سالام بېرىش ئۈچۈن ‹ئەسسەلامۇ ئەلەيكە يارەسۇلەللاھ!› دەپ ئىگىلىمىز». مەن «بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟» دېسەم، ئۇلار: «ئاتا – بوۋىلىرىمىز شۇنداق قىلىپ كەلگەن ئىكەن» دەپ جاۋاب بېرىشكەن.

بۇرادەر! ئىش بۇ دەرىجىدە ئېغىر. ئاللاھ نازىل قىلغان دىن زامان ئۆتكەنسېرى ئىنسانلار ئويدۇرغان دىن بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش ئەقىدە ھېسابلانغان، بىدئەتنى چىڭ تۇتۇش سۈننەتكە ئەمەل قىلغانلىق دەپ قارالغان، ئادەتكە رىئايە قىلىش ئىبادەت قىلغانلىق دەپ بىلىنگەن. بىرى قۇرئان – ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا چاقىرسا، «ئاتا – بوۋىمىزنىڭ قىلغىنى بىزگە يېتەرلىك» دەپ تەرسالىق قىلىش، تەقۋالىق دەپ گۇمان قىلىنغان.

مانا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ھاياتى بۇنىڭدىن ئىبارەت. قايسى بىرىنى تۈزىتىشكە تىرىشىسىز؟ تېخىمۇ توغرىسى تىرىشىمىز. ئىنسانلار ئويدۇرغان دىننىڭ دىندارلىرى بىلەن بۇ دىننىڭ ئالىملىرى ئاللاھنىڭ دىنى ئالدىدا توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋاتسا! ئۇلارنىڭ دەلىلى ئايەت ئەمەس رىۋايەتتۇر، رەھبىرى نەبى ئەمەس ئەۋلىيادۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋەھيىنى ئەمەس شەيتاننىڭ ۋەسۋسەسىنى ئاساس قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ، ئىنسانلارنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان «مۇسۇلمانلار» نى ئاللاھنىڭ دىنىغا قولىدىن كېلىشىچە دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئۇلار قوبۇل قىلامدۇ، قىلمامدۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئېتىقادچىلىرى ئاللاھ ئالدىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئېتىقادچىلىرى تېخىمۇ تىرىشىشى، تېخىمۇ ئىزدىنىشى ۋە سەۋرچانلىق بىلەن يولىغا داۋام قىلىشى كېرەك. مۇھىمى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ئويدۇرما دىنىنى توغرا دەپ گۇمان قىلىپ قالماسلىقى لازىم. مېنىڭ بىر ئۇستازىم بىز ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق بىر نەسىھەتنى كۆپ قىلاتتى: «توخۇنىڭ پوق يېگىنىنى كۆرسەڭلار مەيلى، لېكىن مۇنداق يەيدىكەن دەپ يەپ سالماڭلار». بۇ، مەن ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا بىر نەسىھەت ئىدى، ھازىر بىر ۋەسىيەتكە ئايلاندى.

بۇنداق دېيىشىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى «ھەقىقەت دېگەن مانا مۇشۇ!» دەپ قوبۇل قىلغان، ھەتتا بىر مۇددەت بۇ يولۇمدا مەن بىلەن بىللە ماڭغان بەزى كىشىلەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىغان. بەزىلىرى تەھدىت سالغان. مەن قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن ياكى بويۇن ئەگمىگەندىن كېيىن ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئويدۇرما دىننىڭ دىندارلىرى كارۋىنىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. «خىزمەت يولىدا 6 يىل» دېگەن شېئىرىمنى ئوقۇپ باقسىڭىز، بۇلارنى كۆرىسىز.

بۇرادەر! بىز ھازىرقى زاماندا مۇمكىن بولغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى توغرا شەكىلدە ئۆگىنىشكە تىرىشايلى، شۇنداقلا باشقىلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە يەتكۈزۈشكە تىرىشايلى. ھەممىدىن مۇھىمى باشقىلار قانداق يولدا ماڭسا ماڭسۇن بىز مائىدە سۈرىسىنىڭ 105 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشايلى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر