مۇسۇلمانلار

بىسمىللاھ…نىڭ مەنىسى

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، ئاللاھ تەئەللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

سوئال:

سىز ئەسەرلىرىڭىزدە ۋە ئايەتلەرنىڭ تەرجىملىرىدە «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» نى «چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دەپ تەرجىمە قىلىپسىز. «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» گە مۇشۇ خىل مەنە بېرىشىڭىزنى ئىزاھلاپ بەرگەن بولسىڭىز.

ھۆرمەت بىلەن: سەيياھ

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

ئەرەبچىدىكى «رەھمان» («رحمن») دېگەن سۆز «ئىچ ئاغرىتىش» دېگەن مەنادىكى «رەھمەت» دېگەن تومۇر سۆزدىن تۈرلەنگەن سۈپەتى مۇشەببەھە (ھەرىكەت ئىگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۈپەت) بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «پۈتكۈل مەخلۇقاتلار ۋە بارلىق مەۋجۇداتلارغا ئىچ ئاغرىتقۇچى»، دېگەن بولىدۇ.

«ئىچ ئاغرىتىش» دېگەن سۆزنى ئاللاھقا دېيىش مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن «رەھمەت» دېگەن سۆزگە «ئىچ ئاغرىتىش» نىڭ «لازىم» مەنىسى ئېيتىلىدۇ. «ئىچ ئاغرىتىش» نىڭ «لازىم» مەنىسى بولسا «ياخشىلىق قىلىش» تۇر. چۈنكى ھەر ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئالدىدا بىر ئىچ ئاغرىتىش بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىسلەردە «ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشى» دەپ كەلگەن يەرلەردە، ئۇنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى، ئاللاھنىڭ ياخشىلىق قىلىشى» دېگەن بولىدۇ.

ئۇنداقتا رەھمان «رحمن» دېگەن سۆز، پۈتكۈل مەخلۇقاتلار ۋە بارلىق مەۋجۇداتلارغا ياخشىلىق قىلغۇچى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغۇچى، نېمە لازىم بولسا شۇنى ئاتا قىلغۇچى، بولۇپمۇ ئىنسانلارغا ماددىي تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن زېمىندىكى ۋە ئاسماندىكى بارلىق مەخلۇقاتىنى بويسۇندۇرۇپ بەرگۈچى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى قامدىشى ئۈچۈن كىتابلار نازىل قىلىپ، پەيغەمبەرلەر ئەۋەتكۈچى، دېگەن بولىدۇ. «رەھمان» («رحمن») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مانا شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سۆزنى ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا «ناھايىتى شەپقەتلىك» دېگەن سۆز ئۇ مەنالارنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلايدىغان، پېقىر-مىسكىنلەرگە خەيرخاھلىق قىلىدىغان سېخى ۋە مەرت بىر ئىنسانمۇ «ناھايىتى شەپقەتلىك كىشى» دېيىلىدۇ، ھەتتا ھېچ ياخشىلىق قىلمىسىمۇ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى كۆرگەندە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ «ئاھ… ئەھ…. بۇلار شۇنداقمۇ ئېغىرچىلىقتا قېپتۇ…..ئۇھ!» دەپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كېتىدىغان كىشىلەرمۇ «ناھايىتى شەپقەتلىك كىشى» دېيىلىدۇ. چۈنكى شەپقەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىشى قىيىنچىلقتا قالغان باشقا بىر كىشىنى كۆرگەندە قەلبىدە شەپقەت ھېس قىلىشى، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن بىر ئىش كەلمەسلىكى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇ كىشى «ناھايىتى شەپقەتلىك كىشى» دېيىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇنداق ئەمەس، ئۇ رەھمەت (ياخشىلىق) قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارغا رەھمەت (ياخشىلىق) قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ رەھماندۇر.

بۇلارغا ئاساسەن بىز «رەھمان» («رحمن») دېگەن سۆزگە «ياخشىلىقى چەكسىز، چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچى» دېگەن مەنالارنى بەردۇق. چۈنكى بۇ سۆزنى ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىشلەتكىلى بولمىغاندەك، ئۇنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان شەكىلدە قىلىش كېرەك.

ئەمدى «رەھىم» («رحيم»)  دېگەن سۆزگە كېلىدىغان بولساق، ئۇ سۆزمۇ «ئىچ ئاغرىتىش» دېگەن مەنادىكى «رەھمەت» دېگەن تومۇر سۆزدىن تۈرلەنگەن سۈپەتى مۇشەببەھە (ھەرىكەت ئىگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۈپەت) بولۇپ، مەنىسى «كۆيۈمچان، دىلى يۇمشاق، مېھرىبان»، دېگەن بولىدۇ.

بۇ سۆز (رەھىم) قۇرئان كەرىمىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ («تەۋبە» سۈرىسى، 128- ئايەت)، مۇئمىنلارغىمۇ («فەتىھ» سۈرىسى، 29- ئايەت) ئىشلىتىدۇ.

«رەھىم» («رحيم») دېگەن سۆز ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىشلىتىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭ ئىسلى مەنىسىنى چۈشىنىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سۆز ئاللاھقا ئىشلىتىلگەن چاغدا ئۇنىڭغا چوقۇم «لازىم» مەنىسىنى ئېيتىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن «رەھىم» («رحيم») دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى ئاللاھقىمۇ، ئاللاھدىن باشقىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان شەكىلدە قىلىنىشى لازىم. «كۆيۈمچان، دىلى يۇمشاق، مېھرىبان» دېگەن سۆزلەرنىڭ “لازىم» مەنىسى «كۆپ ئىنئام قىلغۇچى، كۆپ سوۋغات قىلغۇچى، كۆپ ھەدىيە بەرگۈچى، كۆپ ئېھسان قىلغۇچى» دېگەنلەردىن ئىبارەت.

بۇلارغا ئاساسەن بىز «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» نى، «چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» ياكى «ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر