مۇسۇلمانلار

بىسمىللاھ… دەپ بوغۇزلانمىغان ھايۋاننىڭ گۆشى ھاراممۇ؟

جاۋاب:

ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانمىغان ھايۋان، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانمىغانلا بولسا، ئۇنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغان نەرسىدىن، ئۇ نەرسە فىسق بولغان ئەھۋال ئاستىدا يېمەڭلار» ـ (ئەنئام سۈرىسىنىڭ 121 – ئايىتى).

ئاللاھ تەئالا يەنە بۇ سۈرىنىڭ 138 – ئايىتىدە «ئۇلار ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتمايدۇ» دەيدۇ.

بۇ، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بىر قىسىم ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا «بىسمىللاھ…» دېمەسلىكىنىڭ ئاللاھقا بوھتان چاپلاش يۈزىسىدىن بولغانلىقى يەنى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىماسلىقىنىڭ ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمىنى ئاتاش ئۈچۈن بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇنى ئاللاھ شۇنداق ئەمر قىلغان دەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ.

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتىكى «فىسىق» نىڭ، «ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسىمى ئېتلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان» ئىكەنلىكىنى بۇ سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتىدە بايان قىلىدۇ.

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، بوغۇزلانغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغان يەنى بۇوغۇزلانغاندا «بىسمىللاھ» دېيىلمىگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ ھايۋاننىڭ ئاللاھتىن غەيرىينىڭ (باتىل ئىلاھلاردىن بىرىنىڭ) ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان بولۇشى لازىم.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بىر ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغانلا بولسا، «بىسمىللاھ» دېيىلگەن بولسۇن، دېيىلمىگەن بولسۇن، ئۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ.

بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ: بىر قەۋم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزگە بىر قەۋەم گۆش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ ئېيتىلمىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ‹بىسمىللاھ› دەپ يەڭلار» دېگەن ئىدى. – (بۇخارى، تەۋھىد 13؛ ئەبۇ داۋۇد، ئۇداھى 18؛ مۇۋاتتا، زەبائىھ 1).

تاماق يېگەندە «بىسمىللاھ» دېيىش سۈننەتتۇر. ئەگەر گۆش ئۈچۈن ھايۋان بوغۇزلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش پەرز بولسا ئىدى، گۆش يېگەندە دېيىلگەن سۈننەت دەرىجىسىدىكى «بىسمىللاھ»، ئۇ «بىسمىللاھ» نىڭ ئورنىدا تۇرالمىغان بولاتتى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر